• 2010-10-19

    سونېتلار - [مۇتەللىپ مەنسۇر شېئىرلىرى]

     

    سونېتلار

     

    (1)

    نىمە قالدى سۈكۈتتىن بۆلەك،

    مەجرۇھ دىلدا ئېيىتقىنا ئەي قىز؟

    تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغىدۇ يۈرەك،

    چايقالغاندەك بوراندا دېڭىز..

     

    چۈشلەر يىراق،ئالتۇنرەڭ چۈشلەر،

    كۆزنەكلەردە مۇزلىغان تىمتاس،

    قېپقالغىنى سۈكۈتتۇر خالاس!

    قايتىپ-كەلمەس،قايتىپ كەلمەس ئاھ،

    ئاي نۇرىدا تىترەك ئۆتمۈشلەر.

     

    سەرسان خىيال ئەۋجىدە مۇڭنىڭ،

    كۆيۈۋاتقان ئوتمەن،ئوت ئاخىر.

    كۈيلەر ساڭا پۇلاڭلاتسا قول،

    بىھۇش قەلبىڭ قىلالماس قوبۇل،

    ئېسىڭدىمۇ غەمناك بىر شائىر؟؟؟....

     

    (2)

     

    خاتىرەڭدە تەلۋە بىر شائىر،

    ئاختۇرارسەن ئۆزۈڭنى بەلكىم.

    غېرىپ تۈنلەر تەنھالىقىڭغا

    شام نۇرىدەك ئېقىپ كەلگەن كىم؟

    شام جىلۋىسى -تىترىگەن يۈرەك،

    قىلالماسمەن بەلكىم تەسەۋۋۇر

    توزۇپ كەتكەن ئۆتمۈشتىن بۆلەك.

    ئۈنۈپ چىقار كاككۇك گۈللىرى،

    خاتىرەڭنى نەملىسە يامغۇر.

    تاڭدا كۆرگەن خىرە بىر چۈشتەك،

    ئۆتۈپ كەتتى ،ئۆتتى ھەممىسى.

    بۈگۈن مانا،باشقىچە دۇنيا،

    كۈنلەر ئۆتەر ،زادى توختىماس،

    رېئاللىقنىڭ سۇلغۇن كۈلكىسى......

      (3)

    بىر تال گۈلسەن چۈشۈمدە ئۆسكەن،

    گۈل چۈشىدە ئاداققى پەرۋاز.

    ياپرىقىڭنى شاماللار ئەسكەن،

    كۆزلىرىڭدە ئۇخلاپ ياتار ياز.

    تۈن سەن بەلكىم ،كۆيۈۋاتقان تۈن،

    سەرگەردانمەن تۈنلەرنى كەزگەن،.....

    سەن يۈرۈيسەن بىپەرۋا،ھەم شوخ،

    شوخلۇقلرىڭ قەلبىمگە سىغماس،

    بەلكىم قەلبىڭ-قەلبىمدىن بەزگەن.....

    بۇ بىر چۈشتۇر،بىر تال زەڭگەر چۈش،

    چۈش كۆرىدۇسەھرادا شائىر.

    نېسىپ بولماس شاتلىقسەن بىراق،

    كۈيلەر ئۈنسىز چالسا قوڭغۇراق،

    تاتلىق چۈشتىن ئويغانماق ئېغىر.........


    收藏到:Del.icio.us