-
2010-10-19
قەشقەردىكى يەر شارى(3) - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]
قەشقەردىكى يەر شارى(3)
2. ھېيىتگاھ بازىرى
جىمجىت يۆرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسچىت مۇنارى.
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.
خۇدا
بەندىسىز خۇدا.
دۇنيا
ئاغزى دۇنيا.
ناخشا
ئېيتىلمىغان ناخشا.
ھېيىتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار.
ئاشىقلار گۆل ئالغىلى كېلەر،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
سۆكۆتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر.
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال.
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا، قىيپاش.
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،
چوڭلار ئۆرە - تۆپە بولۇپ تۇشمۇتۇش
شۇ ھامان كۆيدۆرمەك بولار ئۆستىباش.
گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا
ئادەملەر يۆرىكىدىن كۆرۆنەر قۇياش.
ھېيىتگاھ مۇنارى،
ئۆنسىز دۆپۆلدەۋاتقان
يۆرەككە ئوخشاش.
历史上的今天:
قەشقەردىكى يەر شارى(6) 2010-10-19قەشقەردىكى يەر شارى(5) 2010-10-19قەشقەردىكى يەر شارى(4) 2010-10-19قەشقەردىكى يەر شارى(2) 2010-10-19قەشقەردىكى يەر شارى(1) 2010-10-19
收藏到:Del.icio.us