• 2010-10-19

    قەشقەردىكى يەر شارى(2) - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]

     

     

    قەشقەردىكى يەر شارى(2)

     

    ئادىل تۇنىياز

     

     

     

    بېكەت ئىچىدە

     

    بايا ماڭا ئەنجۆر ساتقان چال

    (ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك )

    ئەنجۆر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.

    بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە

    ئەنجۆردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.

    تونۇشمەنن بۇ مۇھەببەت بىلەن

    تونۇشلارغا،  نا تونۇشلارغا،

    كوچىدىكى ئاپتوبۇسلارغا.

    ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون سىمىدەك

    تۇتۇشارمەن مۇھەببەت بىلەن

    قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.

    لاتۋىيىگە،  فىرانسىيىگە،

    شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،

    ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى

    يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.

    ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى

    غارغالتىغا،  بېلىقچى قىزغا.

    يىراق چىلى ئورمىنىدىكى

    يېنىك،  جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.

    سۇ ئۆستىدە كەچكى شەپەق

    قىزىلگۆل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان

    گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.

    مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ

    تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ

    كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ.

     

    مەن ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بولۇپ

    بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا

    مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ.

    مەن

    بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا

    كرېست كۆتۆرۆپ ئىرۇسالىمغا

    كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا.

    مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز تومۇز پەسلىدە

    سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،

    ياۋروپانىڭ يېشىل رەڭگىگە.

    ھاۋا بولۇپ كۆلۆمسىرەيمەن

    كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.

    مەن نۇر چېچېپ تۇرغان بىر چېكىت،

    يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.

    قەشقەر

    ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر.


    收藏到:Del.icio.us