• 2010-10-19

    دەرىزە ئالدىدا - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]

     

     

    دەرىزە ئالدىدا


    ئادىل تۇنىياز

     

     

    ئۆلۈك بۇۋاقلارنى كۆمۈپ قويدۇق

    دەرەخ كاۋىغا،سۇغا،ھاۋاغا.

    يۈتكەن شەھەرنىڭ ئادەملىرى قۇم

    قۇملۇق تولغان نەغمە-ناۋاغا.

    دەرىزىلەر تاشقا ئېچىلغان،

    ئىشىكلەردە ئالتۇن قۇلۇپ يوق.

    چەكسىز ئەلدە يوقتەك بىر كىشى

    دانىشمەن يالغۇز يەيدۇ ئۆزى پوق.

    كېزەر ھاۋادا ئادەمسىز شامال،

    ئېزەر كوچىدا ئادەمنى يىللار.

    يۇمشاق يەرلەر سۈيى بار ئايال

    قاتتىق ئەرلەر ئايلانغان تاشقا.

    ئولتۇرۇپ جىم باقساڭ ئەگردە

    دەل-دەرەخ،چىم يېشىل سەپەردە

    ماي يولاردا كۆرۈنمەيدۇ قان.

    ئادەم ئادەمنى دەسسەپ سالغان،

    بىنالار بىنالاردىن پەستە قالغان،

    ۋاقىت ھەر تەرەپكە قېچىۋاتقان.

    ماشىنىلار چاقلىق جىنازا

    ئۆلۈكلەر چايقىلىپ كېتىۋاتقان.

    بەزى بوۋاقلار دېرىزىدە

    قېرىيدۇ،ھۆل بولىدۇ،داتلىشىدۇ،

    تەلمۈرۈپ قاراۋېرىپ يولىمىزغا.

    بەزى بوۋاقلار چاپلىشىدۇ

    دوختۇرنىڭ قولىغا قولىمىزغا.

    بىر ساراڭ ھىجايدى ئاپتوبۇستىن

    بەلكىم بەش يىلدىن كېيىنكى مەن.

    بىر گۈل ئېچىلدى كارۋىتىمدا

    يامغۇردىن كېيىنكى ئاخىرلاشقان تەن.

     

     

    بىلگە خاقان ئاق ئېتى بىلەن

    قۇيۇندەك چاپقان چۈش پەيتىدە،

    خىيال سۈرۈپ،نەزەر سېلىپ

    دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرىمەن.

     

    2004-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى.


    收藏到:Del.icio.us