. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ئۈچ چوڭ تاغ
ئاپتور:مەمتىمىن ئابلىز    چېكىلىش سانى:529    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .
 

شەنبە كۈنى دادام بىلەن ئىككىمىز سەھراغا بوۋامنى يوقلاپ باردۇق. تاماق پىشقىچە ئىچىم پۇشۇپ تۇرالماي قالدىم. قارىسام دېرىزە تەكچىسىدە تاش ۋارىقى يىرتىلىپ كەتكەن بىر كىتاب تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئېلىپ ئوقۇپ كۆرسەم «ئارمىيىمىز (ئۈچ چوڭ تاغ)نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ… » دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرىدى . كىتاب بوۋامنىڭ بولغاندىكىن مەنىسىنى بىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
_ بوۋا، «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگەنلەر قايسى تاغلارنى كۆرسىتىدۇ؟
_ جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزم،  _ دېدى بوۋام ماڭا قاراپ.
بوۋامنىڭ دېگەنلىرى تاغنىڭ ئىسمىغا پەقەتلا ئوخشىماي قالدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئەيىبكە بۇيرىماي دادامدىن سورىدىم:
_ دادا، بوۋامنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنەلمىدىم، سەن دەپ باقە، «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگەن قايسىلار؟
دادام باشتا كۈلۈپ كېتىپ، كېيىن چوڭقۇر بىرنى تىنىپ قويۇپ ناھايىتى راۋان جاۋاب بەردى:
_ ئۆي سېتىۋېلىش، داۋالىنىش ۋە بالا ئوقۇتۇش، مانا بۇ سەن چۈشىنىشكە تېگىشلىك، مەن كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك «ئۈچ چوڭ تاغ!» ئەمدى بىلگەنسەن؟
بوۋامنىڭ جاۋابىدىن دادامنىڭ جاۋابى ماڭا خېلى چۈشىنىشلىك تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ شۇئان مەسلىھەت بەردىم:
_ دادا، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ بىر ھويلىدا نۇرغۇن ئەسكەرلەر تورنىك ئويناپ بىكار يۈرىدۇ. بۇ «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇشقا شۇلارنى ياردەمگە چاقىرساق بولمىدىمۇ؟ شۇنداق قىلايلىچۇ؟
_ ماڭ، ماڭ،  _ دېدى دادام مېنىڭ چارەمگە قوشۇلمىغاندەك،  _ بۇ تاغلارنى ئاغدۇرۇشقا پۇلدىن باشقىسى بىكار. ئارمىيىنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ ...
مۇئەللىم بىزگە: «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزىمىز، ئون يۈەندىن پۇل ئېلىپ كېلىڭلار» دېگەنىدى. دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن ئون يۈەن سوراشقا پىتىنالمىدىم ۋە «مەن تۇغۇلمىغان بولسام دادام كۆتۈرىدىغان تاغدىن بىرسى كېمىيەر ئىكەن - دە، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم».

(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 نېمە ئۈچۈن؟[1016]
 دېھقانلار قاچان بايرام قىلىدۇ…[622]
 فېليەتونلاردىن تەرمىلەر[520]
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكىلىق ۋە ياپو…[1033]
 «نان قېپى»[669]
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى[298]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:31.25ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社