. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى
ئاپتور:ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر    چېكىلىش سانى:441    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .
 

ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى يالغۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، سەنئەت، ئېتىقاد ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بىباھا تەۋەررۈك بولۇپلا قالماي، يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر پۈتۈن سەنئەت خەزىنىسىدۇر.
بۇددا مىڭئۆيلىرى  -  جايلاشقان ئورنى، قېزىلىش شەكلى ۋە نەقىش - بېزەكچىلىك جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇنداق ئۆزگىچە مىمارچىلىق شەكلىنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان ھەم ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن.
جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېيتقاندا، يۇرتىمىزدىكى مىڭئۆيلەر ئاساسەن دەريا - ئېقىن بويلىرىدىكى چۆكۈندە تاغ جىنىسلىرىغا جايلاشقان.
دەريا - ئېقىن بويلىرى مىڭئۆي سەنئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى قىلىنغان. مەسىلەن، كۈسەن مىڭئۆيلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان قىزىل مىڭئۆيى قىش - ياز سۇ ئۆكسۈمەيدىغان قىزىل - مۇزئارت دەرياسىنىڭ بويىدىكى تاغقا جايلاشقان. قۇمتۇرا مىڭئۆيى ئۆگەن دەرياسى باشلىنىدىغان تاغ جىلغىسىغا، مازارباغ مىڭئۆيى كۇچار دەرياسى بويىغا، قىزىلقاغا مىڭئۆيى كۇچار ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغ جىلغىسىنى بويلاپ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغاقلارغا قېزىلغان.
دېمەك، ئەجدادلىرىمىز مىڭئۆيلەرنى قېزىش، بېزەش، مىڭئۆيلەردە ئىستىقامەت قىلىش، بۇددا نوملىرىنى مۇتالىئە قىلىش، بۇد سەيلىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بۇددا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىلۋەت جايلارنى تاللاش بىلەن بىرگە، سۇدىن ئىبارەت ھاياتلىق مەنبەسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن. ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا يەر شەكلى، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى، ئىقلىمى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا يەنە سۇغا يېقىن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
بۇنداق ئالاھىدىلىك يالغۇز كۈسەن تاشكېمىرلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى مىڭئۆيلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، توغراقئېقىن بويىغا جايلاشقان توقسۇ ناھىيىسىدىكى توغراقئېقىن مىڭئۆيى، پىچان ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان تۇيۇق مىڭئۆيى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈنئاتۇش يېزا چاقماق دەرياسى بويىدىكى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان «ئۈچ تۆشۈكلۈك ئۆڭكۈر»قاتارلىقلار. مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى ستەيىن ئۆزىنىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە:«گۇمات  -  قاراقاش دەرياسىنىڭ كونا نامى. گۇمات ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنى بۇ دەريانىڭ شەرقىدىكى تاغدا بولۇشى مۇمكىن. ھازىرمۇ بۇ تاغدا مىڭئۆيلەر ساقلانماقتا» دەپ يازىدۇ.
ئومۇمەن، مىڭئۆيلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىلۋەت، مەنزىرىلىك جايلاردىكى تاغ قاپتاللىرىغا قېزىلغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسمى كېسەك ۋە توپا - تاشلاردىن قوپۇرۇپ ياسالغان. مەسىلەن، تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭئۆيىگە ئوخشاش. تاغ جىنىسلىرى، كېسەك، كاھىش، تاش، ياغاچ، خىش قاتارلىقلار بۇددا مىڭئۆي بىناكارلىقىدىكى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنغان بولسا؛ گەج، مىس، ئالتۇن، يىلىم، سىر قاتارلىقلار ئاساسلىق زىننەتلەش ماتېرىيالى بولغان.
ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى كىچىك تىپتىكى جەسەت كۈلى مۇنارچىلىرى، تاشكېمىر ئېھراملىرى، بۇددا ھەيكەللىرى قويۇلىدىغان سۇپىلار ۋە تەكچىلەردىن تەشكىل تاپقان. مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: »ھازىر كۇچار، باي ناھىيىلىرىدە، تۇرپان، پىچان ناھىيىلىرىدە ساقلىنىپ قالغان تاشكېمىرلەر )مىڭئۆيلەر( ئەينى زاماندا تاغ - سۇلۇق، خىلۋەت جايلارغا ياسالغان بىر قاتار بۇددا ئىبادەتگاھلىرى قۇرۇلمىلىرى سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ يەنە بۇددا مۇنارلىرى، نەزەرگاھ تۇرلىرى، جەسەت كۈلى مۇنارلىرى، باغ - ئارامگاھ، يول - كۆۋرۈكلىرى، پائالىيەت ياكى يىغىلىش مەيدانلىرى قاتارلىقلارنىمۇ مۇجەسسەملەشتۈرگەنىدى. بۇلارسىز نوقۇل ھازىرقىدەك تاشكېمىر )مىڭئۆي(لەردە مىڭ يىللاپ سوزۇلغان تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. نوقۇل تاشكېمىر )مىڭئۆي(لەر بىناكارلىقىمۇ پەلەمپەيلەر، ۋادەكلىك دەھلىز - كارىدورلار، ئىشىك - دېرىزە ، تۈڭلۈكلەر بىلەن تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇشىدا گەپ يوق ئىدى«.
مىڭئۆيلەردىكى جەسەت كۈلى مۇنارى سانسكرىتچە sarira دەپ ئاتالغانبىرقەدەر كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭدا راھىب، بىكىسۇ بىكىشۇلارنىڭ جەسەت كۈلى ساقلىناتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامۇنى قازا قىلىپ كۆيدۈرۈلگەندە، جەسەت كۈلى مەرۋايىت بولۇپ چىققان ۋە ئۇنى سەككىز دۆلەت پادىشاھى تەۋەررۈك بىلىپ ئېلىپ كېتىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاشۇ ئادەت بويىچە قازا قىلغان بۇددىستلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ كۈلى مۇنار ئىچىگە دەپنە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنار «جەسەت كۈلى مۇنارى» دەپ ئاتالغان. بۇنداق مۇنارلار كاھىش ياكى ياغاچلاردىن ياسالغان.
ئېھراملار  -  بۇددا ھەيكەللىرى قويۇلىدىغان، تېۋىنىش ۋە بۇددا دىنى بويىچە ۋەز - نەسىھەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەت ئورنى بولۇپ، كۆلىمى خېلىلا چوڭ بولغان. ئادەتتە تاشقىرىقى ھۇجرا بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
ئىستىقامەت ئۆيلىرى-  راھىبلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرى، ئېتكاپخانىلار، بىكىشۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۆيلىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. بۇنداق كېمىرلەردە تام تۈۋىگە ئۇرۇن - تۆشەك سۇپىسى، ئېتىكاپ ئورنى، يان ئوچاق ۋە قازناقلار ئويۇپ چىقىرىلغان.
مىڭئۆيلەر بىناكارلىق قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىن ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى »چايتا« دەپ ئاتالغان ھۇجرىلار بولۇپ، بۇنداق ھۇجرىلاردا تۈۋرۈك )قازغاندا قالدۇرۇپ قويۇلغان تەبىئىي تۈۋرۈك( بولىدۇ. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئەتراپىدا چىرايلىق ئايۋانلار بار بولۇپ، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. يەنە بىرى »ۋىخارا« دەپ ئاتىلىدىغان ھۇجرىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈۋرۈك يوق، بەزىلىرى سوزۇنچاق، بەزىلىرى چاسا شەكىلدە ياسالغان. ئۇلار ئاساسەن دەرسخانا، ئېتىكاپخانا ۋە راھىب ھۇجرىلىرى قىلىنغان.
بىناكارلىق سەنئىتى دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىڭئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى سوزۇنچاق شەكىلدە، بەزىلىرى تۆت بۇرجەك ياكى يۇمىلاق گۈمبەز شەكىلدە ۋە ياكى قەپەز شەكىلدە قېزىپ ياسالغان. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ئاددىي سىزىق بىلەن ئىپادىلىگەندە  شەكىلنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنداق شەكىلدە مىڭئۆيلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ. بىناكارلىق قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇنداق قۇرۇلمىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، مۇستەھكەم بولۇپلا قالماي، بەلكى قىش پەسلىدە ئىسسىق، ياز پەسلىدە سالقىن بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنداق بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ۋە ئىزچىل تۈردە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇم.
مىڭئۆيلەردە ساقلىنىپ قالغان نەقىش، بېزەكلەر ۋە زىننەت نۇسخىلار مىڭئۆي بىناكارلىق سەنئىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز مېتىن بىلەن تاغ جىنىسلىرىنى قېزىپ ھۇجرا ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن مىڭئۆيلەرنىڭ تېمىغا نۇرغۇن تۆشۈكلەرنى تېشىپ، قارا سۇۋاق بەرگەندىن كېيىن سامان، توزغاق، يۇڭ ياكى چەيلەنگەن كاناپ ئارىلاشتۇرۇلغان لاي بىلەن ئۈستىدىن سىلىق سۇۋاق بەرگەن؛ ئاندىن تۇخۇم شاكىلى قېلىنلىقتا يىلىم ئارىلاشتۇرۇلغان بوياق بىلەن پەردازلىغان ياكى گەج بىلەن ئويما، قاپارتما نەقىش ئىشلىگەن؛ ياغاچ دېتاللىرى ئويمىچىلىق ئۇسلۇبى بىلەن بىۋاسىتە رەڭلىك سىزىش ئۇسۇلىدا نەقىشلەنگەن. تام سىزما ۋە نەقىشلەردە قىزىل، ئاق، سېرىق، كۆك، يېشىل، بېغىرەڭ قاتارلىق رەڭلەر ئىشلىتىلگەن.
مىڭئۆيلەردىكى بىناكارلىق شەكلى ۋە نەقىش بېزەكلەر تامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق مەدەنىيىتى دائىرىسىدە ئىشلەنگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئۆي - ئىمارەتلەرگە چىقىرىلىدىغان قاتار تەكچە ۋە مەرەپلەر؛ مازار - قەبرىلەردە ياسىلىدىغان گۈمبەز شەكىللىك نۇسخىلار؛ مەسچىت - مەدرىسلەردە چىقىرىلىدىغان ھەر خىل قىرلىق، بۇرجەكلىك شەكىللەر؛ ئۆيلەردە ياسىلىدىغان ئۇدۇل مورىلىق ئۇچاقلار ۋە باشقا شەكىل - نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى مىڭئۆي ھۇجرىلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
مىڭئۆي ھۇجرىلىرىدىكى نەقىش - بېزەكلەر ۋە زىننەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇددىزم رەسىملىرىدە يارىتىلغان ئوبرازلارنىڭ ئېستېتىك تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئىجابىي ئوبرازلارنىڭ «گۈزەللىكى»نى ۋە سەلبىي ئوبرازلارنىڭ »قەبىھلىكى«نى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈشتە، بەدىئىي ۋە ئېستېتىك جەھەتتىن زور ياردىمى بولغان.
مىڭئۆي ھۇجرىلىرىدا ئىپادىلەنگەن بىناكارلىق شەكىللىرى، نەقىش - بېزەكلەر ۋە كۆركەم ئەۋرىشىم نۇسخىلار ئارقىلىق قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل گۈل نۇسخىلار ئىچىدە قاندىقىنى «گۈزەل» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكنى چۈشىنىش، ئىپادىلەش، ھېسسىياتىنى؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددا ساڭراملىرىنى سېلىش، مىڭئۆيلەرنى قېزىپ ئۇنى بۇددا مەزمۇنىدا بېزەشكىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ساڭرام ۋە مىڭئۆيلەرنىڭ ئورنىنى، يەنى يەر تۈزۈلۈشى، تۇپرىقى، ھاۋا كىلىماتى، تاغ جىنىسلىرىنىڭ تەركىبى، گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە شۇ جايدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئاندىن قۇرۇلۇش ئورنىنى بېكىتكەن.
ئەينى دەۋردىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى بولغان غايەت زور بىناكارلىق نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى جەمئىيەت تەرەققىياتى شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق قاتتىق تاغ جىنىسلىرىنى تېشىش، قېزىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر بۇددىزمغا لايىق ئىمارەت شەكلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، مۇستەھكەملىكى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بۈگۈنكى كۈندىكى بىناكارلىق سەۋىيىسى بىلەن سېلىشتۇرسا، كىشى ھەيران بولماي قالمايدۇ. يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ مىڭئۆيلەرنى قېزىش ئۈچۈن قانچىلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچ، شۇنداقلا قانچىلىك ۋاقىت كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن تەس. شۇنداقتىمۇ ئەجدادلىرىمىز مىڭئۆي بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتە ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ بۇددا قۇرۇلۇشلىرىغا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، دېيىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
قۇربان ۋەلى: «قىزىل مىڭئۆي رەسىملىرى ھېكايىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985 - يىل نەشرى، 120 -  ، 121 - بەتلەر.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988 - يىل 8 - ئاي نەشرى، 188 - بەت.
ئالىمجان مەخسۇت، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت: «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 - يىل 12 - ئاي نەشرى، 173 -  ، 176 - ، 177 - بەتلەر.
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى:«قىزىل مىڭئۆينىڭ بىناكارلىق سەنئىتى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1995 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى سانى، 4 - بەت.

ژۇرنىلىمىز 2004 - يىللىق 1- سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 بايرام - ئالىدىكى ئۇيغۇرلار[526]
 كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچ…[406]
 ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرى…[1428]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:62.50ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社