مۇھەررىردىن : مەدەنىيەتلىك ئەللەردىكى ساپالىق خەلق گۈزەل ئەخلاقنى ئىنسان ھاياتىدا ئېسىلزادىلەرچە، بەختلىك ياشاشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى، گۈزەل ئەخلاق مۇنداق مۇھىم ئامىللاردىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ قارايدۇ: ئەدەپ - قائىدىلىك ، ۋاقىتچانلىق (ۋاقىت قارىشى يۇقىرى بولۇش ) ، مەسئۇلىيەتچانلىق، لەۋزىدە تۇرۇش، ساداقەتمەنلىك ، ئاقىلانىلىك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، مەردلىك - سېخىيلىق، سۆيگۈ - مۇھەببەتلىك، ساپ دىللىق، كۆيۈمچانلىق ( ئىچ ئاغرىتىش) ، مېھرىبانلىق، مۇلايىملىق، راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك، پاكلىق، ھەققانىيلىق، باتۇرلۇق، مىننەتدارلىق ( تەشەككۈر بىلدۈرۈش )، خۇش پېئىللىق ( يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەت )، خىيانەت قىلماسلىق قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئەدەپ - قائىدىسىزلىك، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، لەۋزىگە ئەمەل قىلماسلىق، ۋاپاسىزلىق، نادانلىق، ئاچكۆزلۈك، نامەردلىك - بېخىللىق، لەنەت - نەپرەتلىك، ھىيلىگەرلىك، زالىملىق، شەپقەتسىزلىك، قوپاللىق، يالغانچىلىق، ئىچى تارلىق - ھەسەتخورلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ناپاكلىق، ئادالەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق، قانائەتسىزلىك، توڭ قاپاقلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش قاتارلىقلار رەزىللىك ھېسابلىنىدۇ. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان « ئەخلاق گۈلىستانى » ناملىق بۇ سەھىپىمىزدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېزىلغان، تەرجىمە قىلىنغان ياكى رەتلەپ تۈزۈلگەن ماقالىلەر بېرىلىدۇ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان، تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر، ئەدەپ - ئەخلاققا ئۆزگىچە تەبىر بېرىلگەن ئۆرنەك خاراكتېرلىك ماقالىلەر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ. ماقالىلەرنىڭ ئەمەلىي مىساللار بىلەن قايىل قىلارلىق، كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىخچام، مېغىزلىق ۋە سىستېمىلىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ساھىبقەلەم ئاپتورلىرىمىزنىڭ بۇ سەھىپىمىز ئۈچۈن نادىر ماقالىلەرنى ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت مىزانلىرىمىز ئىچىدە، يۈرۈش - تۇرۇشقا قويۇلىدىغان ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى ئىنتايىن مۇھىم سالماق تۇتىدۇ. چۈنكى، سىز كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ناتونۇشلار، تونۇشلار ۋە يېقىن - يورۇقلىرىڭىز بىلەن ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. بۇنداق ئۇچرىشىشلاردا سىزنىڭ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىڭىز ھەمدە قانداق تەسىر بېرىشىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەت ئوبرازىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. دائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ھالقىلىق پەيتلەردىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئىپادىڭىز بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىسىز. تەھقىقكى، سىزنىڭ شەخسىي ئوبرازىڭىز بىلەن مىللىتىڭىزنىڭ ئوبرازى چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇنداق يۈكسەك ئوبرازنى رەسساملار رەسىم سىزغانغا ئوخشاش سىزگە ئۆزگىلەر تىكلەپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئۆزىڭىزگە، شۇنداقلا مىللىتىڭىزگە خاس بولغان ئوبراز - ئىناۋىتىڭىزنى سەمىمىيىتىڭىز، ئىخلاسمەنلىكىڭىز، ئالىيجانابلىقىڭىز بىلەن ساقلايسىز، ۋايىغا يەتكۈزىسىز ۋە يارىتىسىز. جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەر مۇئەييەن ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيىسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدىغان ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى كۆرگەن ياكى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھەركىمنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش دەرىجىسىدە مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا، بىز كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىك، پەزىلەتسىزلىك قىلمىشلىرىغا دائىم دېگۈدەك دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بىر ئادەمنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىدىن، پەزىلىتىدىن بېشارەت بېرىدۇ. يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق جۇلالىرى سۆز - ھەرىكەت، چىراي ئىپادىسى، ياسىنىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مۇھىم نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
1 . سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە ئولتۇرۇش - قوپۇش، سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر 1 ) كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، ئۇلاغلىق كىشى پىيادىلەرگە، ئىشىكتىن كىرگۈچىلەر خانا ئىچىدىكىلەرگە سالام قىلمىقى ئەۋزەلدۇر. سالام بەرگۈچىلەر «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ ئەھۋال سورىشى، سالامنى ئىلىك ئالغۇچىلار «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىش بىلەن ئەھۋاللىشىشى كېرەك. كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە خوشلىشىشلاردا كۈلۈمسىرەش، تەبەسسۇم قىلىش ياخشىراقتۇر. قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، باشقىلارنىڭ قولىنى بەك چىڭ قىسىۋېتىش ياكى خوشياقمىغاندەك قول بېرىش، باشقا ئادەم بىلەن قول ئېلىشىۋېتىپ تۇرۇقلۇق، يەنە باشقا ئادەمگە، باشقا ياققا قاراش، قول ئېلىشىۋاتقان ئادەمگە ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار ۋە بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارنىڭ ئەتىگەندە سالاملىشىپ ئەھۋال سورىشىدىغان، سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزئارا ئامانلىق تىلەپ خوشلىشىدىغان ئادىتى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە (قورسىقىڭىز ياكى كىندىك ئەتراپىغا ئەمەس)! ئېلىپ، بېشىڭىزنى سەل ئېگىڭ. 2 )ئولتۇرۇش - قوپۇش ھالىتىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئادەم بارلىكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرۇش ھالىتىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، باشقىلارغا بەك يېقىن ئولتۇرۇش، سۈركىلىپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى ئۆز ئۇدۇلىغا قويماي باشقىلارنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى باشقىلارنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈش، پۇتىنى توختىماستىن لىكىلدىتىش، باشقىلارنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە پۇتىنى ئېلىۋېلىش، چېتىنى كېرىپ، پۇت ياكى يوتىسىنى ئېچىپ ئولتۇرۇش، نامۇۋاپىق ھالدا باشقىلارغا كەينىنى قىلىۋېلىش، ئادەم بار يەردە قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ يۆتىلىش - چۈشكۈرۈش، كېرىلىش، قۇلاق - بۇرنىنى كولاش، چىشلىرىنى تازىلاش، ئاغزىنى توسۇۋالماي ئەسنەش، كىيىمىنى سېلىپ قېقىشتۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاچچىقلىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە تېلىقىپ كۈلۈش، ۋارقىراش - جارقىراش، تېلېفونلىشىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئاشخانا - رېستورانلارغا ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە ياكى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا، تەكلىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا بېرىش، تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇش، مويسىپىتلارنى ۋە چوڭلارنى، ئالىم - زىيالىيلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىش، تۆر تالاشماسلىق لازىم. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام بېرىپ، ئىمكان قەدەر ئولتۇرغانلارنى قوزغىۋەتمەستىن ئورۇن ئېلىشى، ناۋادا ئۇلار غىزالىنىۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى كېرەك. ئەگەر سورۇندا كۆرۈشۈش زۆرۈر كىشىلەر بولسا، جامائەتنى ئارىلاپ ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىرىماسلىق، داستىخاندىن كېيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىش لازىم. باشقىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ياكى بەدىنىنى ئۆزگىلەرگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇش، قىستاش، دىۋاندا ئولتۇرغاندا سونايلىنىۋېلىش، ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاش، بىراۋ سىرتقا چىقىپ كىرىش ئۈچۈن ماڭسا ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىش، يېنىدا ئولتۇرغان بىراۋ بىلەن قانداقتۇر ئىشلار ئۈستىدە ۋالاقلاپ كۈلۈشۈش، بولمىغۇر قىلىق چىقىرىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپسىزلىك جۈملىسىدىندۇر. داستىخاندا ئاۋۋال چوڭلار مەزەگە قول ئۇزاتسۇن. تەخسىلەردىكى قورۇمىلارنى چوكىڭىز بىلەن ئاستىن - ئۈستۈن ئۆرۈمەڭ، بىر نەرسىلەرنى ئىلغىماڭ. ئالدىڭىزغا ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلگەن غىزانى ئاشۇرۇپ قويماڭ، يەپ بولالماسلىق ئېھتىمالىڭىز بولسا، قاچىغا تەگمەي تۇرۇپ، ئېھتىياجىڭىزنى ساھىبخانغا ئېيتىڭ. غىزا - تائاملارغا ۋە گېزەك، يەل - يېمىشلەرگە ئاچ كۆزلەرچە تېگىش قىلماڭ، ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن تېتىپ كۆرسىڭىزلا كۇپايە. ئۆيىڭىزگە مېھمان كەلگەندە، روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ نورماللىقىنى ساقلىشىڭىز، قىزغىن بولۇشىڭىز، قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكىڭىز، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىڭىز ياكى سائەتكە تولا قارىماسلىقىڭىز،بالىلارغا ياكى ئىت - مۈشۇك، توخۇ - ئۆردەكلەرگە ئاچچىقلانماسلىقىڭىز لازىم. باشقىلارنى تائامغا، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرگە زورلاش، قولنى يۇغاندا سىلكىش، يېمەكلىكلەرنى چېچىش، ئۇيەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، قولىنى ياكى غىزا سايمانلىرىنى يالاش، داستىخانغا دەسسەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكلەرنى تارتىپلا ئېلىۋېلىش، باشقىلار غىزادىن قولىنى تارتماستىنلا قول سۈرتۈشكە باشلاش قاتارلىقلار ئەدەپ جۈملىسىدىن ئەمەس. غىزادىن كېيىن ئاۋۋال چوڭلار دۇئاغا قول كۆتۈرسۇن، ئاندىن چوڭلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتۈڭ؛ ئاۋۋال ئىشىككە يېقىن ئولتۇرغانلار، ئاندىن تۆردە ئولتۇرغانلار ئىشىكتىن چىققىنى مۇۋاپىق. پۇت ۋە پايپاقنىڭ تازىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە پايپىقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئايىغىنى سالسىلا سېسىق پۇراپ كېتىدىغانلىقىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىز ئۆزگىلەرنىڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيلىرىگە، ئىشخانىلىرىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا كىرگىنىڭىزدە ۋەياكى كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پايپىقىڭىزدىن پۇراق چىقسا، سىزنىڭ بۇنداق بولمىغۇر ئادىتىڭىز تەبىئىي ھالدا باشقىلارنى بىزار - بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگىسى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىشى، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئوزىڭىزمۇ ئوسال بولىسىز. ئادەتتە پۇت پۇراش ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇت تەرلەش كېسەللىكىدىن كۆرۈلسە، كۆپ ساندىكىلىرى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇيۇۋېتىپ ياتماسلىقتەك ناچار ئادەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھەر كۈنى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇماسلىق، ئاياغنى پاكىزە تۇتماسلىق، ھەتتا گىلەم، كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاياغ بىلەنلا چىقىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە يات ئىللەتلەردۇر. تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە، ئىشخانىدا، تاماكا چەكمەيدىغانلار قېشىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، خانىم - قىزلار، بالىلار - ئۆسمۈرلەر ھەمدە مويسىپىت - چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، چەت ئەللەردىكى بەزى ئەدەپ - قائىدىلەر بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چەت ئەللەرنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز: تاماكا چەكمەكچى بولغان بىر كىشى ئۆي- خانىلەردىلا ئەمەس، بەلكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، باغچىلاردا، ھەتتا ئوچۇقچىلىقلاردىمۇ يېنىدىكى ھەمراھىدىن: «يېنىڭىزدا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟» دەپ ئىجازەت سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئۆز مەيلىچە تاماكا چېكىشنى ئۆزگىلەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، باشقىلارنىڭ ئىززەت - نەپسىگە تەگكەنلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. بىزدە ئاممىۋى سورۇنلاردا، كىشىلەرنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بەڭگىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە تاماكا چېكىپ يۈرگىنىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىزنىڭ ئەدەپسىزلىككە ياتىدىغان تاماكا چېكىشتەك ناچار ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ياكى تاماكا تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھوقۇقىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىڭىز باركى، ئۆز خۇمارىڭىزنى بېسىش بەدىلىگە مۇھىتنى بۇلغاشقا، جۈملىدىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشكە زىنھار ھەققىڭىز يوق. 3 ) سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. دانىشمەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دېگەن ھېكمىتى ئارقىلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىدىن بىزگە تەربىيە بەرگەن. سۆز خۇددى ئاتقان ئوققا ئوخشىشىدۇ، ئۇ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ؛ سۆز خۇددى تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاققا ئوخشىشىدۇ، قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلىدۇكى، ئۇنى قايتىدىن تۇغۇش - تۇغدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ سۆز خۇددى ئۆتكۈر تىغقا ئوخشىشىدۇ، يامان سۆز قەلبنى جاراھەتلەندۈرىدۇ، تەن جاراھىتىنى ساقايتىش ئاسان، ئەمما قەلب جاراھىتىنى ساقايتماق تەستۇر. دېمەككى، ئەدەپ - قائىدىگە مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەردىن ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىنى چەكلىشى، ئېغىز قۇلۇپىنى ئەقىل - پاراسەت ئاچقۇچى بىلەن ئاچمىقى توغرىدۇر. «يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن» دېگەن ماقالدىكى «يىگىت» سۆزى ئەرلەر تائىپىسىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى «لەۋزىدە تۇرىدىغان چىن ئادەم» دېگەن مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئەر - ئايال پۈتكۈل ئىنساننى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ ماقال جىنس ئايرىمىسىدىن مۇستەسنا ھالدا چىن ئىنساننى «يىگىت» سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چىن ئىنسانلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۈكسەك بولۇپ، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە مەسئۇل بولۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە چىن ئىنسانلىق دەرىجىسىنى ساقلاشنى، ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي قەدىر - قىممىتىنى ھەم ئابرۇي - ئىناۋىتىنى ساقلاشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەندەك، گەپ - سۆزنى كۆڭۈل تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئاغزىدىن چىقىرىشى، راست گەپ قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، كۆڭۈلدە غۇم ساقلىماسلىقى ۋە قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. يالغانچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قەبىھ ئىللەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى پايخان قىلىدۇ، قەدىر - قىممىتىنى ۋە ئابرۇي - ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. سۆزلەش - سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار كونكرېت مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، سۆزلىگەندە ئاڭلىغۇچىغا بەك يېقىن تۇرۇۋالماسلىق، ئاڭلىغۇچىغا تىنىق ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن، تۈكۈرۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. سۆزلىگەندە توختىماي قول پۇلاڭلىتىدىغان، قول شىلتىيدىغان، ئاڭلىغۇچىنى پات - پات نوقۇپ قويىدىغان، ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان، ئۇرىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپنى بۆلۈپلا سۆزلەپ كېتىش، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇراش، سۆزلىگۈچىگە دىققەت - نەزەرنى بەرمەي ئۇياق - بۇياققا قاراش ياكى قولغا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ باشقا ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كېتىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. سىز ئىشلەۋاتقاندا، قېشىڭىزغا كەلگەن كىشى سىزگە گەپ قىلغان بولسا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ. ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى كۇسۇرلىشىپ سۆزلەشمىگىنى ياكى بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كۈلۈشمىگىنى ياخشى. ئەگەر سىز سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچى گېپىڭىزگە قىزىقمىغاندەك پوزىتسىيىدە بولسا، ئۇنى گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا زورلىمىغىنىڭىز ياكى گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكىگىنىڭىز ۋە ياكى گېپىڭىزنى پەم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىڭىز تۈزۈك. مېھمان بولغاندا ياكى مېھمان كۈتكەندە، سۆزلىشىشكە تېگىشلىك گەپنى سورۇندا تۈگىتىش، ئۇزىتىش ياكى خوشلىشىشتا ساھىبخاننى، مېھماننى تولا گەپكە تۇتماسلىق لازىم. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مەسىلىلەر ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، تونۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىراۋ «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» سۆزلەپ كەتسە ياكى ئەمەس گەپلەرنى دېسە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇنى مەسخىرە - مازاق قىلماسلىقىڭىز لازىم. ئورۇنسىز گەپ قىلىش، نادان بىلەن گەپ تالىشىش، قىلچە ئەھمىيىتى يوق گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش، بىراۋنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەيىبلەش ياكى تەنقىدلەش جىم تۇرغان تامغا ئۈسۈگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىزدە: «ئالدىدا ماڭغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، كەينىدە قالغاننىڭ كۆتىگە تاياق تېگىپتۇ» دەيدىغان گەپ بار، «پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى تاشقا» دەيدىغان گەپمۇ بار. گەپ - سۆزدە ئالدىراقسانلىق قىلىش، گېپىم بار دەپ ھەممىنى بىراقلا تېرە ئۈستىگە تۆكۈۋېتىش، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋېتىش، چوڭلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىش، بىراۋ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئاخىرىنى سۆزلەپ ئالدىپەشلىك قىلىش، كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە قارشى چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتلەر ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. پالتىنىڭ ئىشىنى يىڭنە، يىڭنىنىڭ ئىشىنى پالتا قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرگە باھا بەرگەندە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىرىنى چۆكۈرۈشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنى ماختىغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەنقىدلىگەندە ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، كاززاپلىق، پىتنە - پاسات تارقىتىش، بوھتان چاپلاش، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئەخلاق - پەزىلەت گۈلىستانىغا تەگكەن ۋابا، ئادىمىيلىك قوغۇنلۇقىغا ئۈنگەن شۇمبۇيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىز ساقلىيالمىغان مەخپىيەت ئىككىنچى بىرسىنىڭ قورسىقىدا جىم تۇرمايدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كىشىلەردىن گەپ كوچىلىماڭ، بىراۋنىڭ ئاللىقانداق مەخپىيەتلىكى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈش، شەخسىيىتىگە چېقىلىش، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا يېپىشىۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇش، خەت - چەكلىرىنى كۆرۈش، نام - شەرىپىگە، غۇرۇرىغا چېقىلىش ئاقىللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. ئۆزىدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىش، قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كىشىلەرگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى چىقىرىش، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدىدىن چىققانلىق، تېتىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمىگىنىڭىز ياخشىدۇر. ئائىلىدە بولۇنغان ھەر خىل گەپلەرنى، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تاقىلىدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش ھاماقەتلىك بولىدۇ. چىرايلىق سۆزلەش، گەپ - سۆزدە ئىلمىي ھەم سىلىق - سىپايە بولۇش، گەپنى مېغىزلىق، ئىخچام قىلىشقا ئادەتلىنىش ئىنسانغا ئەدەپ - ئەخلاق خەزىنىسىنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. سەت، بەدەۋى سۆزلەرنى قىلىش، گەپ - سۆزدە قوپال بولۇش، ئادەم تىلغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان قىپيالىڭاچ سۆزلەرنى، ئۇياتلىق ئاتالغۇلارنى ئاتاش، تېتىقسىز گەپلەردىن تىلنى تارتماسلىق، تولا گەپ قىلىش، ئەزمىلىك، تەنە - ياپتا گەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - ئەخلاق گۆھىرىنى تاشقا ئۇرىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكۈدەكمىش، پەقەتلا بىر تال چىشى قالغۇدەكمىش. ئەتىسى چاقىرتىلغان چۈش تەبىرچىسى: «پادىشاھىم، بۇ، سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، سىلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ» دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇ تەبىرچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. يەنە بىر چۈش تەبىرچىسى چاقىرتىلىپتۇ. ئۇ: «پادىشاھى ئالەم، بۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرى بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر» دېگەنىكەن، بۇنىڭدىن پادىشاھ مەمنۇن بوپتۇ ۋە تەبىرچىنى تارتۇقلاپتۇ. ئىككى تەبىرچى ئېيتقان تەبىرلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە، سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدا مۇئەييەن پەرق بار. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تەبىرنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ئىككى خىل — بىرىنىڭ يېقىملىق، يەنە بىرىنىڭ قوپال ئاڭلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆزنى چىرايلىق قىلىشقا، كۆڭۈلدىكىنى ئەڭ گۈزەل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەشكە، سۆزنى مېغىزلىق ھەم ئاددىي قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى ھەردائىم ئەخلاق - پەزىلەت بۇلىقىدىن كەۋسەر سۈمۈرىدۇ، گۈزەل سۆزلەر خاسىيىتىدىن نۇسرەت تاپىدۇ. يانفون، تېلېفون ئىشلەتكەندە ۋە ئىنتېرنىت تورىغا چىققاندا ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تېلېفوندا تولا گەپ قىلىش، ئەتراپتا ئادەم بار - يوق دېمەي، تېتىقسىز سۆز - ئىبارىلەرنى تىلغا ئېلىش، كىشىلەر يىغىلغان تىنچ سورۇنلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىش - ئۇرۇش، ۋارقىراپ - جارقىراپ سۆزلەش، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى يېقىن ئۆتىدىغان يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئەربابلارغا كىشىلەر ئالدىدا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش دېگەندەك قىلمىشلار ئەدەپ - ئەخلاق بابىغا زىت ناچار ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. تىياتىرخانا، دەرسخانا، مەجلىسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا يانفون ئىشلەتكۈلۈك ئەمەس. يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدىن، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش - يوللاش ئىقتىدارىدىن، ئاۋازسىزلاندۇرۇش، تىترىتىش قاتارلىق ھەر خىل رولىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇلار سىزنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يانفون شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى خاس تېلېفونلارمۇ ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. دوستلىرىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ، ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى ھەمدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان بولمىغۇر قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقىلارنىڭ يانفونى ياكى خاس تېلېفونىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىغىنىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆي تېلېفونىنى ئىشلەتمىگىنىڭىز دۇرۇستۇر. ئىنتېرنىت تورىدا ئەدەپلىك بولۇشنى تەكىتلەش ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئىنتېرنىت تورىدىمۇ بەزى پاسسىپ، ناچار نەرسىلەر مەۋجۇت. ئىنتېرنىت تورىدىن شەھۋانىي، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈش، ناتونۇش كىشىلەرگە قالايمىقان يوللانمىلارنى ئەۋەتىش، تور بېكەتلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش مۇنبەرلىرىگە قاملاشمىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىنورمال ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنىت تور بېكەتلىرىدىكى «چايخانا» ۋە QQ لاردا ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تورداشلار پاراڭلىشىدۇ، يېقىن دوستلار كۆرۈشۈپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى پاراڭلىشىش - مۇڭدىشىش ھەر خىل تېمىلاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بۇ خىل پاراڭلىشىشتا، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش، گۈزەل سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، ئۆزئارا ھۆرمەت - ئىززەتنى ساقلاش لازىم. ھە دېسىلا، بىر - بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە، غۇرۇرىغا تېگىش، يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى دەپ قوپال، سەت سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھەتتا تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشتەك ئەدەپسىزلىك ئامىللىرىدىن ساقلىنىڭ.
( ئاپتور: «جۇڭگـو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا )
|