7 . ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدا ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئائىلە قۇرۇش، ئائىلە مەدەنىيىتى يارىتىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە - يوسۇنلۇق بولۇشىنى تۈرلۈك كەسىپ، ھەر خىل ئىشلارنىڭ راۋاج تېپىشىغا، بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتى، بەخت - تەلىيى، قۇت - ئامىتىگە باغلىغان؛ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، قائىدە - يوسۇنلۇق بولۇشتا ئائىلىنى باشلىنىش نۇقتىسى، مۇھىم تەربىيىلىنىش بۆشۈكى قىلغان. شۈبھىسىزكى، مىللىتىمىز ناھايىتى ئۇزاق تارىختىن بۇيان، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئائىلە مەدەنىيىتىگە ئىگە مىللەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس ئائىلە ئەخلاقىنىڭ ئەتراپلىق ھەم نازۇك قائىدە - يوسۇنلىرىنى مىزانلاشتۇرۇش بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە بىر پارچە قىممەتلىك گۆھەردەك چاقناپ كەلگەن مىللەتتۇر. تارىختىن بۇيان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، بۇ جەھەتتە پەرزەنتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەكس تەسىرى، بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەخلاقىغا سەل قارىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى قائىدە - يوسۇنلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ ياكى سۇسلىشىپ، ئايرىم ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئائىلە ئەخلاقىغا سەل قاراشتەك ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭا، ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدە - يوسۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشسەك ئارتۇقلۇق قىلماس. ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش __ ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس شەرەپلىك بۇرچىدۇر. ئاتا - ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەنتلىرى ئىشقىدا كۆيىدۇ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىش بەدىلىگە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشىدۇ. پەرزەنتلەر ئۆمۈر بويى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ خىزمىتىدە پايپېتەك بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەجرىنى زىنھار قايتۇرالمايدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ھۆرمەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە، كۆيۈنۈش - ئاسراشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ مېھنەتكەشلەردۇر. پەرزەنتلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن، مۇستەقىل ياشاش يولىنى تېپىشى، ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىشتىن خىجىل بولۇشى، ئۇلار ئۈچۈن ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشنى بۇرچ، خۇشاللىق دەپ بىلىشى لازىم. ئاتا - ئانىلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىيەلىگەن، باقالىغان ھەم ئاسرىيالىغان پەرزەنت ئەخلاق - پەزىلەت گۈلىستانىنىڭ خىسلەتلىك قەدىمىنى باسقان بولىدۇ. قېيناتا - قېينانىلارنى، شۇنداقلا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشمۇ ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئائىلىدە تەرتىپلىك تۇرمۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان تەجرىبە - ساۋاقلارغا ئىگە ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە: «سەھەر تۇرغان سائادەتلىك بولۇر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. بىزدە يەنە: «بىر كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن، بىر يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ»، «قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلەرمۇ بار. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىش، يۇيۇنۇش - تارىنىش، ناشتا قىلىش، ئاندىن ھەركىم ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتمەك لازىمدۇر. بەزى كىشىلەر ئادەتتىكى كۈنلەردە سەھەر تۇرسىمۇ، ئەمما دەم ئېلىش كۈنلىرىدە «قېنىپ بىر ئۇخلىۋالاي» دەپ، ناشتا ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئورنىدىن خېلىلا ۋاخچە تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس، بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋاقتىدا تۇرماسلىقى پەرزەنتلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. ئەگەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قېنىپ ئۇخلىۋالماقچى بولغاندا، كۈندىكىدەك ئادەت بويىچە رىتىملىق ھالدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش، يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، ناشتا قىلىش ۋە ئۆينى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. مىللىتىمىز كىشىلىرى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئاخشىمى بىر ياتقانچە ئەتىسى كۈن قىزارغىچە، ھەتتا ئاپتاپ چىقىپ ئاش پىشىم ۋاقتى بولغىچە ئورۇندىن تۇرماسلىقنى يامان ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇنلىغان تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا ئاساسەن: «سەھەر تۇرمىغان ئادەمنى مەينەتچىلىك باسىدۇ»، «سەھەر تۇرمىغان كىشىگە كېسەل چاپلىشىدۇ»، «سەھەر تۇرمىغان ئادەم يالجىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرى راۋاج تاپمايدۇ...» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئىلىم - پەن ئىسپاتلىدىكى، ئادەم كېچىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا، بەدەندە نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدىكەن ۋە تاڭ سۈزۈلۈشكىچە توپلىشىپ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن. بۇ زىيانلىق ماددىلار ئادەم كۈن قىزىلىدىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەن ھامان بەدەندىن چىقىپ كېتىدىكەن. ئادەم قۇياش چىققۇچە ئورۇندىن تۇرمىسا، زىيانلىق ماددىلار بەدەنگە تاراپ كېتىدىكەن - دە، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش يەكۈنى ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرىدىن سەھەر تۇرماسلىق پەقەت ئائىلىدىكى ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىنساننىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۆينى ئازادە، رەتلىك، كۆركەم ۋە ئاددىي - ساددا بېزەش، ئائىلىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش گۈزەللىكنىڭ ھەمدە ئائىلە ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. ئۆي بېزەشتە، ئائىلە ئەزالىرىغا، شۇنداقلا كېلىپ - كېتىدىغان مېھمانلارغا ئارامبەخشلىك تۇيغۇسى بېغىشلاشنى ئويلىشىش دۇرۇسكى، ھەرگىزمۇ تاپقاننىڭ ھەممىسىنى تام بىلەن يەرگە چاپلاپ داغۋازلىق قىلماسلىق، «تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەم پۈتۈن ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئائىلىدە ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۆينى رەتلىك، پاكىز تۇتۇش ئائىلە ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنى پاكىز جاي، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆيلەرنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى سىرتقىي مۇھىتنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بۇلغىغۇچى ھەر خىل ماددىلار سىرتتىكىدىن كۆپ. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرمىغاندا، ئۆينىڭ بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆيىدە تۈرلۈك خىمىيىۋى دورىلار ھەم ئەتىر قاتارلىق خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، ئاسان بۇزۇلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆيىدە ئۇزاق ساقلايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆي بېزىگەندە سالامەتلىككە زىيىنى چوڭ بولىدىغان بېزەك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى ئۆيلەرنى بېزىگەندە، ئايرىم جايلاردا كامار - تۆشۈكلەر قېپقالىدۇ - دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ يەرگە چاشقان، قۇرت - قوڭغۇز قاتارلىقلار كىرىۋېلىپ ئۆلۈپ قالىدۇ... مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆي بۇلغىنىدۇ ھەمدە ئۆيدە تۈرلۈك غەيرىي پۇراقلار پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆيىڭىزگە كەلگەن مېھمان كۆڭلى ئېلىشىپ يىرگىنىش ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتىڭىزگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ئۆينىڭ تېگى ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم تازىلانسىمۇ، لېكىن تام - تورۇسلارغا يېپىشقان تورلار، دېرىزە ئەينەكلىرىدىكى داغلار، دېرىزە پەردىلىرىنىڭ پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىكى، كارۋات - سافالارنىڭ تېگى قاتارلىقلار ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆينى ھەر كۈنى ئادەتتىكىچە يىغىشتۇرۇش، سىيرىپ - سۈپۈرۈشتىن باشقا، ئۆيدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭ تازىلىق قىلىش لازىم. ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش، كىگىز - گىلەملەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا تازىلىتىش، يوتقان - كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق يۇيدۇرغان كىيىملەرنى ئاپتاپقا سېلىپ شامالدىتىش، كىيىم - كېچەكلەرنى ئۆينىڭ خالىغان يېرىگە تاشلاپ قويماسلىق، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۆزىنىڭ كىيىم - كېچىكىنى خاس ئورۇنغا رەتلىك قويۇش، ئاياغ كىيىم ئىچىنىڭ قۇرۇق ھەم پاكىز بولۇشىغا، پايپاقنى ھەر كۈنى كەچتە يۇيۇشقا، 2 __ 3 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا، ھەر كۈنى كەچتە چىشنى چوتكىلاشقا ئادەتلىنىش مۇھىم. مېدىتسىنا ئالىملىرى: «ئاخشىمى ئىسسىق سۇدا پۇتنى يۇيۇپ ئۇخلاش قۇۋۋەت دورىسى يېگەنگە باراۋەر» دەيدۇ، بۇنداق ياخشى ئادەت پاكىزلىققا، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق. ئائىلىدە غىزالىنىش تەرتىپلىك، ۋاقتىدا بولسۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىرمۇنچە ئائىلىلەردە ئۇ ھەپتىدىن بۇ ھەپتىگىچە ئاش - تاماق ئېتىلمەيدىغان، كىشىلەر سىرتتىكى ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىغان ئادەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ، مىللىتىمىز پسىخىكىسىغا يات غەيرىي نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاتا - بوۋىلىرىمىز: «كۈندە مورىسىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرمايدىغان ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دەيدۇ. بۇنداق ئۆيلەردە ئائىلە ئىللىقلىقى، ئاياللىق پەزىلىتى، سۈپىتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، ئۆزئارا مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق قاتارلىقلار سۇسلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلە ئەزالىرى كەم دېگەندىمۇ كۈندە بىر ۋاخ داستىخان ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆيدە بىللە غىزالىنىشقا ئادەتلىنىشى زۆرۈر. ئاياللار ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى، شۇنداقلا ئاياللىق پەزىلىتى، سۈپىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە تۆشۈككە ماھىرلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ كۆيۈمچانلىقى، مېھرىبانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى لازىم. مۇبادا، سىز ئاش -تاماق ئېتىشكە ئېرىنچەك ئايال بولسىڭىز ياكى تۆشۈك ئىشلىرىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئاياللىق سۈپىتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمىدىن ۋاز كەچكەن بولىسىز. تۆشۈك ئىشلىرىغا ماھىر بولۇشمۇ ئائىلىدە ئاياللىق ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. داستىخان تارتىلغاندا، دۇرۇس ئولتۇرماسلىق، غىزا - تائاملارغا قاراپ يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، ئۇ يەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، تولا گەپ قىلىش، ئاچچىقلىنىش، تاماكا چېكىش، ئىچىملىككە بېرىلىش، بولۇپمۇ پەرزەنتلەر ئالدىدا ھاراق - شاراب ئىچىش، غىزا - تائاملاردىن ئىۋەن چىقىرىش قاتارلىقلار ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا يات قىلمىشتۇر. غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، تائام تەييارلىغۇچىغا رەھمەت - تەشەككۈر ئېيتىشىڭىز لازىمكى، «تاماق ئېتىش دېگەن ئايال كىشىنىڭ ۋەزىپىسىغۇ، رەھمەت ئېيتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دەپ قارىماڭ. چاي ئىچكەن چىنە - پىيالىلەر ۋە تاماق ئەتكەن، غىزالانغان قازان - قومۇچلار ئۆز ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىلىشى، ئۆي تازىلىغاندىكى ئەخلەت ئۆيدە تۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھۇرۇنلۇق ئادەمنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، ئىشچانلىق ئادەمنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئۆي ئىشلىرىنى «سېنىڭ - مېنىڭ» دەپ ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقى، ئائىلىگە تەۋە ھەر بىر ئادەم ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئىشىم دەپ بىلىشى كېرەك. بەزى ئەرلەر بىكار يۈرسە يۈرىدۇكى، ئۆي تازىلاش، بۇزۇلغان سۇ جۈمەكلىرىنى ئوڭلاش، چېقىلغان دېرىزە ئەينەكلىرى ئورنىغا يېڭىدىن ئەينەك ئالماشتۇرۇش، بالىلارغا قاراشتەك ئائىلىدىكى بىر قاتار ئىشلارنى «خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى» دەپ قولىنى ئەگرى قىلىپمۇ قويمايدىغان، بەزى ئاياللار ئۆيگە كېرەكلىك نەرسە - كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۆي چارۋىلىرى، ئۆي قۇشلىرىغا قاراشتەك ئىشلارنى «ئەر كىشىنىڭ ئىشى» دەپ، بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ سانلىق ئائىلىلەردە مەۋجۇت. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆي ئىشلىرىدا ئۆزئارا بەس سالمىغىنى، ئەڭ ياخشىسى، ئاياللارمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققىنى، ئەرلەرمۇ «ئۆي ئىشى دېگەن خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى» دەيدىغان بىمەنە قاراشلاردا بولمىغىنى ياخشىراق. بەزى خىزمەتچى ئاياللار ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپلا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۆي ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنداق ناچار قىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئادەتكە ئايلىنىدۇ - دە، باشقىلاردا نارازىلىق، بىزارلىق كەيپىياتى تۇغدۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئائىلە ئىشلىرىنى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك قىلىش، ۋاپادار خوتۇن، مېھرىبان ئانا بولۇش خانىم - قىزلىرىمىز ئەزەلدىن جارى قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى يۈكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى، ئۆي ئىشلىرىغا كۆپرەك ياردەملىشىشى لازىم. بەزىلەر ئۆي ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ پايپېتەك بولىدۇ - يۇ، قىلغان ئىشىدىن غودۇرايدۇ، مىننەت قىلىدۇ. سىز بىر ئوبدان ئىشلارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئارقىدىن مىننەت قىلسىڭىز، ئاشۇ ياخشىلىقىڭىزنى يۇيۇۋەتكەن بولىسىز، نەتىجە شۇكى، قىلغان ئىشلىرىڭىز قىلمىغانغا باراۋەر بولىدۇ، خالاس. ئۆيدە چىنە - قاچىلارنىڭ چېقىلىشى، شۇنداقلا ھەر خىل ئائىلە سايمانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئوخشاش ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، ئۆزىنى بېسىۋېلىش، سەۋىرچان بولۇش لازىم. بۇزۇلغان نەرسە ئاچچىقلانغان، چېچىلغان، تاپا - تەنە قىلغان بىلەن ھەرگىز ئورنىغا كەلمەيدۇكى، ئەكسىچە كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىگە كۆڭۈلسىزلىك قوشۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشى ئاقىللىقتۇر، بىر - بىرىنى ئەيىبلەش قائىدىسىزلىكتۇر. ئائىلىدە ئىش - ھەرىكەت دۇرۇس، تەرتىپلىك،گەپ - سۆز سىيلىق، گۈزەل بولسۇن. ئائىلە __ كىشىلەرنىڭ راھەتلىك ئارامگاھى، يەپ - ئىچىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان خاس جايى، شۇنداقلا ئەڭ ئەركىن، بىمالال سۆزلەيدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان سورۇنى. ئەمما، ئۆز ئۆيۈم دەپ، نېمە قىلسا، قانداق سۆزلىسە بولۇۋېرىدىغان، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ماكانمۇ ئەمەس. دۆلەتتە قانۇن بولغىنىدەك، ئائىلىدە مۇئەييەن قائىدە - يوسۇن بولۇشى لازىم. مەسىلەن: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن قايتقاندىن كېيىنكى ۋاقتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاقتى ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھامان قائىدە - يوسۇن ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئائىلە ئەڭ ئاز بولغاندا ئەر - خوتۇن ئىككىلا ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ. مەيلى چوڭ ئائىلە بولسۇن، مەيلى كىچىك ئائىلە بولسۇن، ھەرقانداق ئائىلىنىڭ چوڭ - كىچىك ئەزالىرى ئىشتىن چۈشكەندە ياكى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كېلىشى، ئائىلىدىكى چوڭلارنى خەۋەرلەندۈرمەيلا بىر يەرلەرگە كەتمەسلىكى كېرەك. تۈرلۈك چايلارغا قاتنىشىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلارنى يوقلاش، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر خىل مۇراسىم، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز بىر يەرگە كېتىپ قالمىغىنى، ئەرمۇ ئايالىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماستىن سىرتلاردا يۈرمىگىنى ياخشى. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دەپ، ئۆي ئىچىدە، بولۇپمۇ پەرزەنتلەر ئالدىدا چەكتىن ئاشقان ھەرەڭ - سەرەڭ قىلىقلارنى چىقىرىش، قالايمىقان گەپ - سۆزلەرنى قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئۆي ئىچى بولغاندىكىن دەپ، رەتسىز، كۆرۈمسىز كىيىنىش، ئۆز ئوبرازىغا دىققەت قىلماسلىقمۇ ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىرتلارغا چىقىشتا، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش - تارىنىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋالمىغىنى، ئاياللارمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلغىنى ئەۋزەلدۇر. ئەرلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە ئاياللارنىڭ ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇش، كىيىمىنىڭ ياقىسى كىرلەشكەن بولسا، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېلىشنى ئەسكەرتىش، ھەتتا ئاياغ كىيىمىنىڭ پاكىزلىكىنى نازارەت قىلىشقىچە ھوقۇقى بولىدۇ. گېزى كەلگەندە تەكىتلەش كېرەككى، بىر ئەرنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ساپاسىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. ئەر - خوتۇنلار ئۆي ئىچىدە ئۆزئارا ئەدەپ - قائىدىنى ساقلىشى، ئويۇن - چاقچاقلار پەردىشەپ ئىچىدە بولۇشى لازىم. خۇشال بولغاندا ئۆزىنى تۇتالماي كۆرەڭلەش، ئاچچىقلانغاندا ھەممەيلەنگە زەھىرىنى پۈركۈش، بېشەملىك، گۇمانخورلۇق، كۈنلەمچىلىك، چېپىلغاقلىق، بۇيرۇقۋازلىق، غەيۋەت - شىكايەت قىلىش، ھەممە ئىش مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بولۇشى كېرەك، دەپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرۇنۇش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك كۆزقاراشلىرى ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش زۆرۈركى، ھالقىلىق مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن پىكىر بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈزۈك. ئۆيدە يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش قاملاشمايدۇ. تەھقىقكى، گەپ قىلىشتىكى مەقسەت باشقىلارغا مەقسەتنى ئۇقتۇرۇش بىلەن تاماملىنىدۇ. شۇڭا، تۆۋەن ھەم يېقىملىق ئاۋازدا سۆزلەشكە ئادەتلەنسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەيسىز، باشقىلارمۇ ئۆيدە ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ. گەپ - سۆزىڭىزنى باشقىلار ئاڭلىسىلا كۇپايە. ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا سۈركىلىشلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن، خاپا بولۇش، ئۆزئارا رەنجىش ۋە ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئامراق ئەر - خوتۇنلارمۇ گەپ تالىشىشتىن، قىزىرىشىپ قېلىشتىن، بەزىدە جېدەل - ماجىرادىن خالىي بولالمايدۇ. يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن بىر - بىرىنى كۈنلەش، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق قىلىشتەك ئەھۋاللارمۇ سادىر بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، كەڭ قورساق بولۇشقا ئادەتلىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش، تەگىمەي ئۆتكۈزۈۋېتىش كېرەككى، ھە دېگەندە، گۇناھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ غۇرۇرىغا، ئىززەت - نەپسىگە تېگىشتىن، تاكاللىشىش، ۋارقىراپ - جارقىراش، ئۆزئارا ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەر - خوتۇننىڭ ئىناق، ئېجىل ئۆتۈش - ئۆتمەسلىكى شۇ ئائىلىنىڭ قولۇم - قوشنىلار، ئەل - يۇرت، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن، ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە قېيىداپ، بىرقانچە كۈنگىچە گەپ - سۆز قىلىشماسلىقى يارىماس ئىللەت، بۇنداق مىجەز ئەرلەرگە تېخىمۇ ياراشمايدۇ. ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا ئەپۇچان بولۇشقا ئادەتلەنسە، ئائىلىدە خۇددى يامغۇردىن كېيىنلا ئاپتاپ چىققاندەك يېقىملىق مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. بەزى ئاياللار ھە دېسىلا ئەرلىرىنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىشقا خۇشتار؛ يەنە بەزى ئەرلەرمۇ باركى، ئايالىنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق چىقىرىشقا ئامراق. ئۇلار ئادەتتىكى ئىشلاردىن تارتىپ تۆشۈك ئەتراپىغىچە ئايالىنىڭ قېشىدا دېۋەيلەپ، تىنىم تاپماي ئىۋەن ئىزدەيدۇ، قازانغا قۇيىدىغان ياغ، سالىدىغان گۆش، چۆپ، گۈرۈچ ۋە ئوتياشلارغىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. ئەر - خوتۇنلار ئۆز ئابرۇيىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىشى، كەلسە - كەلمەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم. ئەر - خوتۇنلار مېھمان ئالدىدا بىر - بىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ماختاش، ئەيىبىنى ئېچىپ تەنقىدلەش ۋە پەرزەنتلەرنى ئۇچۇغداشتىن ئېھتىيات قىلمىقى زۆرۈر. ئەرلەر ئۆيدە يالغۇز چاغدا، ئايالىنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى كېلىپ قالسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتسە، ئاياللار ئېرىنىڭ دوست - يارەنلىرىنى ئۆيگە باشلاپ مۇڭدىشىپ كەتسە دۇرۇس ئەمەس. ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ، بولۇپمۇ يات جىنىستىكى مېھماننىڭ تۇرقىغا، چىرايىغا سەپسېلىپ قاراش، ئۇلاردىن تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى كوچىلاشمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. ئائىلە ئىقتىسادى __ تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى، ئىقتىساد بىلەن تۇرمۇشنىڭ بىرىكىشى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم ئەر - خوتۇنلار ئىقتىسادىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئىشەنچنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە ئىناقسىزلىق ئامىللىرى بېسىقمايدۇ، ھەتتا بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاشۇنداق ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا تەڭ ئىگە بولماسلىق، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، جورىسىدىن يوشۇرۇنچە پۇل توپلاش، ئورۇنسىز قەرز ئېلىش، بەتخەجلىك قىلىش، ھەتتا بۇزۇپ - چېچىشتەك ئىللەتلىرى ئائىلىۋى ئىقتىسادىي ئەخلاققا زىت قىلمىشتۇر. شۇنداقمۇ ئەرلەر باركى، ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن خەجلەشكە كۆزى قىيمايدىغان پۇلنى نەدىكى ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن، ھەتتا ناتوغرا يوللارغا مېڭىپ بۇزۇپ چاچىدۇ؛ شۇنداق ئاياللارمۇ باركى، ئۇلار ھە دېسىلا مودا قوغلىشىپ، دائىم كىيىم - كېچەك غەلۋىسىنى قىلىدۇ، باشقىلاردىن بەس تالىشىپ، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئىللەتلەرگە چەك قويۇلمىسا، ئائىلە ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىق تۈگىمەيدۇ. بىر ئائىلىگە باش بولغان ئەر - خوتۇننىڭ تاپقاننى ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەر كىمنىڭ ئۆزى تاپقان پۇلنى چۆنتىكىگە سېلىۋېلىپ خالىغانچە خەجلەش ھوقۇقى يوق. ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا، ئەر - خوتۇنلار بامەسلىھەت ئىش قىلىشى، ئورتاق پىلان بولۇشى، ئۆز يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزى ئوغرىلاشتىن زىنھار ھەزەر ئەيلىشى، ئائىلە ئىقتىسادىنى مونوپول قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى شەرت. ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي بىرلىك بولمىسا، ئائىلىنى پىلانلىق، تېجەشلىك باشقۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ - دە، ئائىلە خۇددى سۈيى يوق قۇدۇققا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر قىسىم ياشلار بالاغەتكە يەتكەن، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغان تۇرۇقلۇق، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاتا - ئانىلىرىغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا يۆلىنىۋالىدۇ. بۇمۇ قائىدە - يوسۇندىن، ئەخلاق - پەزىلەتتىن چەتنىگەنلىك. ئائىلە __ چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇش، ئارام ئېلىپ كۈچ توپلاش قورغىنى، پەرزەنتلەرنىڭ دەخلىسىز، خۇشاللىق باغچىسى. ئائىلىنى ھۇزۇرلۇق، ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۇش، شاد - خۇراملىققا چۆمدۈرۈش __ ئائىلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا سىرتتىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ۋە خىزمەتتىكى ناچار كەيپىياتنى ئائىلىگە ئېلىپ كېلىش، بىگۇناھلارغا بىكاردىن - بىكار كايىپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر سىز ئائىلىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ دائىم خۇشخۇي كەيپىياتىنى، ئىللىق چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن، ئۆزىڭىز ئۆيگە دائىم خۇشال كىرىشنى، ئۆيدە ھەمىشە خۇشخۇي بولۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىڭىز لازىم. كۈلۈمسىرەشكە ھېچقانداق ۋاقىت، ئېنېرگىيە سەرپ بولمايدۇ، سىزنىڭ تاتلىققىنە بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرىشىڭىز جورىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىشى مۇمكىن. ئەر - خوتۇنلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، پات - پات مۇڭدىشىپ - سىردىشىپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر - بىرىگە سەمىمىي - سادىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزئارا كۆيۈنىدىغانلىقىنى، بىر - بىرىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، ئادەم مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان مەخلۇق. ئائىلىدىن مىننەتدار، تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن رازى بولۇش، ھۇزۇرلىنىش - بەھرىمەن بولۇشنى بىلىش ۋە ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا قانائەتچان بولۇشىمۇ ئائىلىگە ئىناقلىق، كۆڭۈللەرگە باھاردەك ئىللىقلىق، بەخت - نۇسرەت بەخش ئېتىدۇ. ھەرقانداق تەلەپ چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ مەڭگۈ خام خىيال بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، سىز دېڭىز بويىدا تۇرۇپ، قۇياش چىقىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلغاندا، قۇياشقا قاراپ: «مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمگە كۆپرەك نۇرۇڭنى چۈشۈر! نۇرلىرىڭ بىلەن سايەمنى ئۆچۈر!» دەپ ۋارقىرىسىڭىز ياكى «ماڭا ئىنفىرا قىزىل نۇرۇڭنى كۆپرەك چاچ!» دەپ تەلەپ قويسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئەخمەقلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ ، خالاس. بۇ يەردە سىزنىڭ قۇياش چىقىۋاتقان سىرلىق مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش - بىلمەسلىكىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى يۇقىرىدىكى سۆھبىتىمىز بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش، نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقنى ئەقىل ئىگىلىرى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى ئەخلاق قۇياشى بىلەن نۇرلاندۇرالىسا، ھەر بىر ئائىلە نازۇنېمەتلىرى مول بەخت - سائادەتلىك جەننەتكە ئايلىنىدۇ.
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)
|