29- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2008- يىل 8- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە مەملىكىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئالەمشۇمۇل كاتتا يىغىلىش ئۈچۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق ھالدا چوڭقۇر شاد- خۇراملىققا چۆممەكتە، زەپەر مارشلىرىنى ياڭرىتىپ ئالاھىدە تەنتەنە قىلماقتا. پۈتكۈل دۇنيا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بۈگۈنكى كۈندە، شەك- شۈبھىسىزكى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ كاتتا تىنچلىق يىغىلىشى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ھەمدە ئەڭ كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ زېھىن كۈچى ھەم ئىرادىسىنى مەركەزلەشتۈرگەن تەنتەنىلىك بايرامغا ئايلاندى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكى كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان نۇرغۇن قەھرىمانلار، سان- ساناقسىز ھەل قىلغۇچ پۇرسەتلەر، ئەگرى- توقاي كەچۈرمىشلەر، ئاجايىپ جەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئاز بولمىغان ئازابلىق مەغلۇبىيەتلەر كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان خاتىرە بولۇپ قالدى. ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ زاماندىن- زامانغا تەرەققىي قىلىپ كاتتا شان- شۆھرەتكە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئولىمپىك ئۈچۈن يۈرىكى بىر ئۆمۈر مەشئەل بولۇپ يانغان فرانسىيىلىك پېررى دې كۇبېرتىنغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرمەي ۋە تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز! ئولىمپىك تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مۆتىۋەرلەرچە شاپ بۇرۇت قويۇپ ئادەتلەنگەن كۇبېرتىننىڭ ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئاساسچىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە ئولىمپىك بەلگىسى، ئولىمپىك بايرىقىنى لايىھىلىگۈچى، مائارىپ ئىسلاھاتچىسى، تارىخشۇناس، جەمئىيەتشۇناس، ئىنسانشۇناس ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. كۇبېرتىن ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قالتىس تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا تارىخىدا «ئولىمپىك ئاتىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياق
كۇبېرتىن داڭلىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى شېل فرانسىيە پادىشاھى لۇيى تەرىپىدىن سېر ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئانىسى مارى بولسا نورماندى كىنەزىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار دىنىي ھاكىمىيەت ۋە فېئوداللىق ئەنئەنىلەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن ئىدى. بۇ بىر جۈپ ئاق سۆڭەك ئەر- خوتۇن پارىژ شەھىرى ئودىنو كوچىسى 20- قورۇدىكى تۆت قەۋەتلىك قورغاندا بىر ئۆمۈر ھايات كەچۈرگەن. شۇ چاغلاردا، بۇ جايدا قەدىمكى تۈس يوقالمىغان بولۇپ، پايتەختنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرى بىلەن دىنىي كەيپىيات ئارىلىشىپ تۇراتتى. كۇبېرتىن 1863- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەن. كۇبېرتىن ئەقىللىق، زېرەك- چېچەن ھەم تىرىشچان بالا بولۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ نەزىرىدە ئارزۇلۇق ئوغۇل ئىدى. ئۇلار تۇرۇشلۇق قورغاننىڭ 1-، 2- قەۋىتىدىكى بالىخانا كۇبېرتىنغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدە چوڭ پىئانىنو بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە نۇرغۇن رەسىملەرنى، بېزەك ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئادەتلەنگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىدە كىچىكىدىن باشلاپلا شەيئىلەرگە بولغان كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ھەر خىل گۈل- چېچەك، ياپراق ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، تۈرلىرى بويىچە كونۋېرتلارغا قاچىلاپ، ئۈستىگە ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى يېزىش بىلەن، كىشىلەر ئادەتتە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان شەيئى ۋە ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەتىۋارلاپ ساقلايتتى. ئۇ ئەنئەنىلەرگە ۋە ھەر خىل خاتىرە بۇيۇملىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خاتىرىلەش قىممىتى بارلىكى نۇرغۇن شەيئى ۋە ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۇ ساقلاۋاتقان نەرسىلەر ئىچىدىن تاپقىلى بولاتتى. كۇبېرتىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان؛ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدا كۆپ قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن. شۇ دەۋردە، فرانسىيە مەكتەپلىرىدە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلمىسىمۇ، كۇبېرتىن تەنتەربىيىگە ئىنتايىن قىزىققانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى مۇپەسسەل ئىگىلىگەن ھەمدە تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئەينى زامان مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەنتەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، فرانسىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. ئۆزى مۇنەۋۋەر خوككېي توپى ماھىرى ۋە پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان. ھەر يىل ياز پەسلىدە، كۇبېرتىن ئائىلىسىدىكىلەر نورماندىنىڭ مىۋېر يېزىسىغا دەم ئېلىش ئۈچۈن باراتتى. بۇنداق ئائىلە يىغىلىشلىرىغا كۆپىنچە كۇبېرتىن سەۋەبچى بولاتتى. ئۇنىڭ غۇبارسىز، خۇشال ئۆسمۈرلۈك- ياشلىق پەيتلىرى ئەنە شۇ يەردە ئۆتكەن. مىۋېر ئەتراپىدىكى كۆللەردە چاپما قېيىقلار بولۇپ، چاپما قېيىق تېيىلىپ ئويناش كۇبېرتىننىڭ ئىزچىل ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولغان. خېلىلا بۇرۇن، مىۋېر يېزىسىدىكى كەڭ كەتكەن چىملىقتا كۇبېرتىن ئۆزى تېننىس توپ مەيدانى لايىھىلىگەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا چامباشچىلىق، چەۋەندازلىق، قىلىچۋازلىق قاتارلىق بارلىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھېرىسمەنلىك بىلەن مەشىق قىلغان. ئۇ ھەتتا ئات ئۈستىدە قىلىچۋازلىق قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى كېيىنكى چاغلاردا بۇ تۈر ئومۇملاشمىغان. ۋېلىسىپىت پەيدا بولغاندىن كېيىن، كۇبېرتىن ۋېلىسىپىتقىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ، شۇ مەزگىللەردە كانكان ئۇسسۇلى بويىچە پارىژدا داڭق چىقارغان ئايال چولپاننىڭ لەقىمىنى ئۆزىنىڭ ۋېلىسىپىتىغا قوللىنىپ، ۋېلىسىپىتنى «پۇتىنى كۆتۈرىدىغان نانا» دەپ ئاتاپ، ئۇنى «چۈنكى، ۋېلىسىپىتنىڭ بىر پېدالى تۆۋەنگە چۈشكەندە، يەنە بىر پېدالى ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ...» دەپ چۈشەندۈرگەن. كۇبېرتىننىڭ بۇنداق قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈشى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيىتى سۈپىتىدە ئەل ئىچىدە تارقالغان. ئۇ يەنە موتسېكلىت پەيدا بولغاندىن كېيىنمۇ، دەسلەپكى توتسىكلىت مىنگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان. ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىخلاسمەن كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىدىن بولۇشى ۋە فرانسىيىچە ئەنئەنىۋى ئاق سۆڭەك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىش كۇبېرتىننىڭ خاراكتېرىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغان. مەسىلەن، ئانىسى دىنىي تۈستىكى ئويۇنچۇقلارنى ئۇنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەندە، ئۇ، ئويۇنچۇقلارنى ئېلىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى «بۇ بىر موناخنىڭ ساختىپەزلىك قىلىشى» دەپ ئانىسىنى ئەيىبلىگەن؛ فېئوداللىق خاندانلىقنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلغان گېزىتكە قاراپ دادىسىنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كۇبېرتىن خۇشاللىقىدىن قىن- قىنىغا پاتماي سەكرەپ كەتكەن... ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دائىم: «بىز ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا قىزغىن مونارخىزمچىلاردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق، بۇنداق خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىنى مۇھىت بەلگىلەيتتى. كېيىنچە ئۇنىڭدا لىبېرالىزملىق خاھىش ۋە قىزغىن كۈرەش ئىدىيىسى پەيدا بولۇپ قالدى، ئەجەبا بۇنداق ئىككى خىل خاراكتېرنىڭ بىر ئادەمدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدىن ھەيرانمىز» دېيىشەتتى.
قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى قايتا ياندۇرۇش
قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا دىققەت قىلغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان سىرلىق ماكان ئولىمپىيىگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان. 1766- يىل 8- ئايدا، ئەنگلىيىلىك ئالىم چارلىز چاندلېر تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ زېۋىس ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان؛ 1768- يىلى، گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ ۋېكمان نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ئولىمپىيىنى قازدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقماستىلا، ئۇنى گرېتسىيىلىك باندىتلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ 1829- يىلى، فرانسىيە ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئولىمپىيە خارابىسىدىن بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ، فرانسىيە مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويغان؛ گېرمانىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكى 1875- يىلىدىن 1881- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىدىرىپ تەكشۈرۈش، قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەمدە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى قېزىپ چىقىش بىلەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر ھەمدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، كىشىلەر قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىغان ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بەزى سىناقلارنىمۇ ئۇيۇشتۇرغان. مەسىلەن، 1838- يىلى، گرېتسىيىنىڭ لېيترونودىكى يۇرت كاتتىلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، گرېتسىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، شۇ يىلدىن باشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە مونترېئال دېگەن يەردە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ چاغلاردىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا قاتناشقان ئادەم سانى ئاز بولۇپ، تار دائىرىدە ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەن. قەدىمكى ئولىمپىك خارابىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېپىلىشى كۇبېرتىندا كۈچلۈك ھەۋەس پەيدا قىلغان ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرى تۇغۇلغان. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتقىدا: «قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەتقىق قىلغان كىشىلەرگە ئايانكى، گۈزەللىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتتىن ئىبارەت ئىككى پرىنسىپ قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ شانلىق تەرىپىدۇر.» دېگەن. ھەمىشە گرېتسىيىدىكى قەدىمكى ئولىمپىك خارابىلىكلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان كۇبېرتىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن. ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا يەتكۈزۈشنى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئۇرۇشتىن ئىبرەت ئېلىپ، تىنچلىقپەرۋەر بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش كۇبېرتىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزىدە مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئىدىيىسىنى تىكلىگەن. ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ ھەربىي قىسىمدا ياكى قانۇنچىلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىنى، شۇنداقلا ئەمەلدار بولۇشىنى ئارزۇ قىلغاچقا، ئۇ دەسلەپتە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە فرانسىيە شېنشىل ھەربىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ، 1880- يىلى ھەربىي مەكتەپتىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە سىياسەت، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، پېداگوگىكا قاتارلىق پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن. 1883- يىلى، كۇبېرتىننىڭ ئەنگلىيىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئۇنىڭ ئولىمپىك ئىشلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق دەۋر بولغان. رۇگبى جامائەت مەكتىپىنىڭ باشلىقى تۇماس ئانتون ئومۇملاشتۇرغان ماھارەت تەنھەرىكىتىنى ئاساس قىلىپ ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىن ئىلھاملانغان كۇبېرتىن تەنتەربىيىنىڭ قىممىتى فرانسىيىنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشتا، شۇنداقلا بۇمۇ بىر خىل چىقىش يول دەپ قارىغان. ئۇ، تەنتەربىيە ئىلمى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى دېگەننى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. 1888- يىلى ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن كۇبېرتىن «مەكتەپ مائارىپى، تەنتەربىيىسى تەييارلىق ھەيئىتى»نىڭ باش كاتىپلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1889- يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەييارلىق مەكتەپلىرىنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مەشىق مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندا، ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەدۋەللىرىنى تارقىتىپ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشكەن. 1891- يىلى 28 ياشقا كىرگەن كۇبېرتىن «تەنتەربىيە ئوبزورلىرى» ناملىق ژۇرنالنى نەشر قىلىش بىلەن، ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە ئولىمپىك ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. 1892-، 1893- يىللىرى ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، تەنتەربىيە تەتقىقاتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، ئولىمپىك غايىسى تۇرغۇزۇشنى ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇخىل پائالىيەتلىرى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. 1892- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، كۇبېرتىن فرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ نامىدا «فرانسىيە تەنھەرىكەت بىرلەشمە جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى چاقىرغان ھەمدە 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆزىنىڭ مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىگەن، يەنى شۇ قېتىملىق يىغىندا خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇنجى ھەم رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەشەببۇس قىلغان: «بىز قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، چوقۇم قەدىمكى زامان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ھەم دوستلۇقنى يېتەكچى قىلغان ئېسىل ئىستىلىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىمىز شەرت. شۇ ئاساستا تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دۆلەت، رايون، ئېرقىي، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ۋە بارلىق دۆلەت، بارلىق رايون، بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن كاتتا يىغىلىشقا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. مەن سىلەرنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇش شارائىتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا، ئۇلۇغۋار ھەم پايدىلىق بىر خاسىيەتلىك ئىشنى، يەنى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!» 1893- يىلى، كۇبېرتىن پارىژدا خەلقئارالىق تەنتەربىيە ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، خەلقئارا تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئولىمپىكنى تەسىس قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆز نامىدىن تەشەببۇسنامىلارنى يېزىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ، كۆپ سانلىق دۆلەتلەردىكى تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۇبېرتىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى بوشاشماستىن ئىزچىل تۈردە ياخشى ئىشلەپ، كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ، 1896- يىل 6- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، روسىيە، شۋېتسارىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، گرېتسىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن بولغان 49 تەنتەربىيە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرۇپ، فرانسىيە ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن پارىژدا بىر قېتىملىق خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشتىن سىرتقىي تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 21 دۆلەتكە خەت ئەۋەتىپ، قۇرۇلتاينى قوللاشنى ۋە تەبرىكلەشنى ئۈمىد قىلغان. قۇرۇلتايدا 79 نەپەر رەسمىي ۋەكىل ئىچىدىن 15 نەپەر كىشى 1- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ يېزىپ چىققان «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇرى» ناملىق ئورىگىنال قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك قارالمىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە قۇرۇلتايدىكى يادرولۇق مەسىلىگە ئايلانغان. 6- ئاينىڭ 23- كۈنى، كۇبېرتىن ئۆزى ئىنتايىن تەپسىلىي تۈزۈپ چىققان لايىھە بويىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. كۇبېرتىن ئاشۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك پەيتتە سۆزلىگەن نۇتقىدا تەنتەنە بىلەن مۇنداق دېگەن: «مانا بۇ 1894- يىلىدا، پارىژدا پۈتكۈل دۇنيا ھەسرەت ۋە خۇشاللىقتا بىرگە بولماقتا، پۈتكۈل دۇنيا مېڭىسىنىڭ تۈگۈنلىرى بولمىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىمۇ بىز بىلەن ئورتاق ئارزۇدا بولماقتا. بىز خەلقئارا تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى ۋەكىللەرنى بۇ يەرگە جەم قىلدۇق، كۆپچىلىك بىردەك ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە، تا بۈگۈنگىچە كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ كەلگەن بىر يۈكسەك ئىدىيىنى قۇۋۋەتلىمەكتىمىز. بۈگۈن كەچتە، رادىئو دولقۇنلىرى بۇ ئالاھىدە خەۋەرنى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىتىدۇ. قەدىمكى گرېتسىيە ئولىمپىكىزمى نەچچە ئەسىرلىك غۇۋالىقتىن كېيىن يەنە دۇنياغا قايتىپ كەلدى!» قۇرۇلتايدا، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان. كۇبېرتىن تۇنجى قېتىملىق ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى گىرېتسىيىنىڭ ئىگە بولۇپ ئېچىشىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى گرېتسىيىنىڭ ئافېنا شەھىرىگە بېرىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شۇ دۆلەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گرېتسىيىلىك تىلشۇناس، شائىر دېمېترىئوس ۋىكېلاسنىڭ دۆلەتكە ۋاكالىتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا رەئىس بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى، كۇبېرتىننىڭ باش كاتىپلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۈندىلىك كونكرېت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى قارار قىلىنغان. ۋىكېلاس بۇ خۇش خەۋەرنى ئېلىپ گرېتسىيىگە قايتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا گرېتسىيىدىكى قەدىمكى تەنھەرىكەت مەيدانى ئاللىقاچان خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، گرېتسىيە باش ۋەزىرى تېررى كۇبىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈشنى، ھەتتا ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان كۇبېرتىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ گرېتسىيىگە بېرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىشقا كىرىشكەن. كۇبېرتىن پايپېتەك بولۇپ تەرەپ- تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ، گرېتسىيە خان جەمەتى ۋە تەخت ۋارىسىنىڭ بۇ بۈيۈك ئىشنى قوللىشىنى، تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنى رېمونت قىلىش، قۇرۇش ئۈچۈن زېمىن ئاجرىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان. كۇبېرتىن گرېتسىيە تەخت ۋارىسى كۇنىستانتىننىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گرېتسىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى مەردانىلىك بىلەن تىلغا ئېلىپ: «600 مىڭ گرېتسىيىلىك ئۈچۈن 300 مىڭ قېرىنداش ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولۇش يولىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا بىر- بىرلەپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. مەن مانا مۇشۇنداق باتۇر گرېتسىيىلىكلەرگە تولۇق ئىشىنىمەن» دېگەندەك تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. كۇبېرتىننىڭ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ياش تەخت ۋارىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاسسىپ مەۋقەسىدىن ۋاز كېچىپ، ئافېنا ئولىمپىك گۇرۇپپىسىغا باش بولۇش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇ مەزگىلدە، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە قۇربى يەتمىگەچكە، كۇبېرتىننىڭ ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، گرېتسىيىدە ئىئانە توپلاش، خاتىرە ماركىسى تارقىتىش پائالىيەتلىرى پائال ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ توپلانغان. باي سودىگەر ئاۋىلوۋنىڭ 1 مىليون دراخما (گرېتسىيە پۇل بىرلىكى) مەبلەغ سېلىشى بىلەن، قاقاسلىشىپ كەتكىنىگە ئۇزاق زامانلار بولغان خارابىلىكتە مەرمەر تاشتىن يېپيېڭى تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇلۇپ، ئۇجۇقۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھاياتىي مۇمكىنچىلىككە ئېرىشكەن. رىم پادىشاھى دېئودوسنىڭ پەرمان چۈشۈرۈشى بىلەن مەنئىي قىلىنغىنىغا 1503 يىل بولغان قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۇبېرتىننىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، 1896- يىل 4- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولغاندا، گرېتسىيە پادىشاھى گېئورگىⅠنىڭ جاكارلىشى بىلەن يېڭىۋاشتىن دۇنياغا كۆز ئاچقان. بۇ، گرېتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلگەن. گېئورگىⅠ نۇتۇق سۆزلەپ بولۇشىغا، زەمبىرەكلەر ئېتىلىپ، نەچچە مىڭ تىنچلىق كەپتىرى بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن... ئاشۇ تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرگەن تاماشىبىن سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تاماشىبىن سانى رېكورتى 30 يىلغىچە ساقلانغان. شۇنداق قىلىپ، 1- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسلىدە كۆزلەنگەن نىشان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا تەنتەربىيە تارىخىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە داغدام يول ئاچقان، پۈتۈن دۇنياغا قەدىمكى زامان ئولىمپىك روھىنى تەنتەنە بىلەن نامايان قىلغان، ھازىرقى زامان تارىخىدا تۇنجى ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە مىسلىسىز كاتتا يىغىلىش بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، كۇبېرتىن دېگەن بۇ شۆھرەتلىك نام شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئولىمپىك بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە ئولىمپىكنىڭ پەخرىگە ئايلانغان.
ئولىمپىك ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش
كۇبېرتىننىڭ «ھاياتلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھىمى زەپەر قۇچۇپ قايتىش ئەمەس، بەلكى داۋاملىق جەڭ قىلىشتۇر» دەيدىغان مەشھۇر سۆزى بار. 1- قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۇبېرتىن ئىزچىل تۈردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ داھىيسى بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بارلىق زېھىن كۈچىنى ۋە بارلىق مال- مۈلكىنى ئولىمپىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. 1912- يىلى، شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كۇبېرتىن ئەينى چاغلاردىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «تەنتەربىيە كۈيى» ناملىق مەشھۇر نەسرىي شېئىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ نەسرىي شېئىردا ئولىمپىك روھى مۇپەسسەل شەرھلەنگەنلىكى ئۈچۈن، كۇبېرتىن بۇ ئەسىرى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «تەنھەرىكەت پسىخولوگىيىسى ھەققىدە سىناق» (1913- يىل)، «ماھارەتلىك مۇسابىقە ھەرىكىتى پېداگوگىكىسى»(1919- يىل) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئۇل سالغان؛ «ئولىمپىك ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئۇزاق يىللىق جاپالىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1913- يىلى، كۇبېرتىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىسىنى ۋە بايرىقىنى لايىھىلىگەن. بايراقنىڭ تېگى ئاق بولۇپ، چەكسىزلىككە سىمۋول قىلىنغان؛ كۆك، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل رەڭلىك بەش دانە يۇمىلاق ھالقا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش روھى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا جەم بولۇشىغا سىمۋول قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە يىلى، يەنى1924- يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئاساس سالغۇچى كۇبېرتىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدىن فرانسىيىنى تاللىۋالغان ۋە 8- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېچىلغان «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇسابىقىسى»دا، تەشكىلىي ھەيئەتنىڭ رەئىسى ھەم باش كاتىپى كۇبېرتىننىڭ ئولىمپىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرسەتكەن قالتىس تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نامىدىن ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن. كۇبېرتىن خوشلىشىش نۇتقى سۆزلەپ: «مىللەتلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە گۈزەللىك يېتىلدۈرۈش ھامان مۇسابىقىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. ئۆتكەن نۆۋەتلەردىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سىمۋوللۇققا ئىگە بارلىق سىرتقىي ئامىللار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشى لازىم» دەپ تەۋسىيە قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇنبىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان. كۇبېرتىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا رەئىس بولغان 30 يىل ئىچىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئەسلىدىكى 15تىن 40قا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، خەلقئارالىق مەخسۇس بىرلەشمە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 20دىن ئېشىپ كەتكەن. كۇبېرتىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىغىچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. كۇبېرتىن ھاياتىدا مال- دۇنيا قوغلاشمىغان، ئۆزىنىڭ زور مىقداردىكى بارلىق مال- مۈلكىنى ئولىمپىك ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۆي بېزەش، ئائىلىسىنى جابدۇش، ئۆي سەرەمجانلىرى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنىمۇ قىلمىغان. شۇڭا، ئاخىرقى ئۆمرىدە قولى قىسقا بولۇپ، قەدىر ئەھۋال تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كۇبېرتىننىڭ ئاتا- ئانىسىدىن قالغان ئۆي- مۈلۈك ۋە پۇلغا يارايدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىراقلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. بۇ ئىش كۇبېرتىن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر جۈپ ئەر- خوتۇننىڭ ئوغلى ياك بىلەن قىزى لىنا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولغاچقا، بۇ كۈرەشچان، ئېسىل جانابنىڭ يۈرەك ئازابىنى يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىم بىلمىگەن... كۇبېرتىن ئولىمپىك ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش بەدىلىگە دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئاخىرقى ھاياتىدا بەختكە قارشى ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان ئىشى ئولىمپىك تەنھەرىكىتى بىلەن ۋىدالىشىدىغان پەيتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆڭلى تۇيۇپ، ۋاپات بولۇش ئالدىدا يېنىدىكى يېقىن كىشىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۈرىكىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش ماكانى بولغان گرېتسىيىدىكى ئولىمپىيىگە دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان. 1937- يىل 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇبېرتىن جەنۋە باغچىسىدىكى كۆل بويىدا ئايالى بىلەن بىللە ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ۋە باغچا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغىنىچە ئالەمدىن ئۆتكەن. كۇبېرتىننىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تۇرۇشلۇق ماكان لائۇسانغا دەپنە قىلىنغان؛ ئۇنىڭ يۈرىكى 1938- يىل 3- ئاينىڭ 6- كۈنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش ماكانى − گرېتسىيىدىكى ئولىمپىيىگە دەپنە قىلىنغان.
ئولىمپىيىدىكى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان بۈك- باراقسان زەيتۇنزارلىقتا كاتتا بىر ئابىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئاساس سالغان، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلغان، دۇنيادا «ئولىمپىك ئاتىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن پېررى دې كۇبېرتىننىڭ يۈرىكى بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر كۈنى ئولىمپىيىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان زىيارەتچىلەر، بولۇپمۇ تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى شۇ يەردە تۇتاشتۇرغان باھادىرلار قولىدا مۇقەددەس مەشئەلنى كۆتۈرگەن پېتى ئاشۇ ئابىدىنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ، بۇ مەشھۇر زاتقا ئۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سېغىنىشلىق سالىمىنى يوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى كۇبېرتىننىڭ يۈرىكىدىن تۇتاشتۇرۇلغاندەك مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئولىمپىك مۇھەببىتىنى تارقىتىدۇ.
پايدىلانمىلار: 1. «ياشلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 1- سانى؛ 2. «ئولىمپىك ھەققىدە ساۋات»، خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى 1989- يىل 12- ئاي نەشرى؛ 3. 29- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تور بېتى).
|