ئۇيغۇر كارىزى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن يىلتىز
ئاڭلا جاھان، بىر مۆجىزات _ تۇرپ_اندا ئۇيغۇر كارىزى، ئات_ەشسىمان يۇرتتا ھىمات _ ئويمان_دا ئۇيغۇر كارىزى، بەرگ_ەن جىمىي جانغا ھاي_ات فونتاندا ئۇيغ_ۇر كارىزى، ۋەسلى گ_ۈزەل مەقسەت- مۇراد ئەپش_اندا ئۇيغۇر كارىزى، دۇنيادا كات_تا كەشپىيات، ج_ەۋلان_دا ئۇيغ_ۇر كارىزى.
«كارىز» دېگەن مەشھۇر ئىسىمنىڭ مەنىسى قان_داق؟ دېمە، «كار»نىڭ «ئىزى» دەپ بىل ئۇنى، سۆز مەنىسى تومتاق دېمە، ئىش- ك_ار زېمىننى ياشنىتار، كارسىز كىشى قۇۋناق دېمە، «كار ئىز» دېمەك _ كارىز دېمەكتۇر، سەن بۇنى چاقچاق دېمە! تارى_خ ياراتتى ئەڭ بۈيۈك، پىن_ھاندا ئۇيغ_ۇر كارىزى.
سۇ بەھرىدىن كۆكلەر زېمىن، سۇ ئىلكىدە مەۋجۇت ھايات، سۇسىز تەبىئەت ياشنىماس، سۇسىز ئاۋامدا غەم- ۋاشات، يەر شارىدا سۇ نەدە بار، شۇ يەردە ئىنسان، يۇرت، رابات... سۇدىن ھۇما پەيدا، ھامان ئارزۇ قۇشى قاقق_اي ق_انات، بولغان تەۋەلل_ۇت ئىزدىنىش، ئېھساندا ئۇيغۇر كارىزى.
بىلسەڭ، ئىدىقۇت باغرىنى تۇرغاي ئوراپ كۆپ تاغ- داۋان، بوغدا تېغى، تۇزتاغ يەنە قۇمتاغ، ئېدىر، چۆلتاغ پايان؛ گۈلخانغا تەڭداش بۇ ماكان بەئەينى غايەت چوڭ قازان ، شىمالى دۆڭ، جەنۇبى پەس... ئەلگە كۈشەندە قۇم - بوران، چەندان كارامەت_تۇر مۇش_ۇ مەيداندا ئۇيغۇر كارىزى.
شۇ ئەلمىساق... ئوقچۇپ بۇلاقلار... ياپيېشىلكەن ھەر تەرەپ، تۇنجى ماكان قىلغان ياشاپ ساك سارماتىن _ ئۇيغۇر نەسەب... يىللار ئۆتۈپ...تاغلار قۇرۇپ...ئۆكسۈپ قىيان، پەسلەپ سەلەپ، باشلاپتۇ جەڭ «سۇ...» دەپ ئاۋام، قۇرغاقچىلىق بولغاچ سەۋەب... ئاچ_قان ئاشۇنداق ك_ۆز، ئۈمىد- ئارمان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئەجدادى تۇرپ_ان خەلقى ئەمگەكچان، سۈرۈك باتۇر، چېۋەر، دەۋرى قالاق_تا پەم_لىگەن سۇ ئورنى نەدە؟... شۇ قەدەر! ي_ەر ئاستىدا ت_ۇرغان سۇنى باشلاش ئېرىققا دەر - ھۈنەر، كولاپ قۇدۇق_لارنى، چېتىپ بىر - بىرسىگە شام_ۇسەھەر... بارلىق_قا كەل_گەن مۈشكۈلات، جەريان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئۇستا، زىرىپ كارىزچىلارنىڭ مۆل_چىرى سەركار ھامان، خۇددى سۇغۇردەك ئۆمىلەپ ئىشلەشكە خەلق دەركار ھامان، چىغرىق ۋە غالتەك، ھارۋىلاردا ئ_ات، كالا تۇل_پار ھامان، بولغاي بەدەل ئەقل_ۇپاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەت بىسيار ھامان، يۈرۈشلىشەر نۇرغ_ۇن قورال- سايمان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئۈچ چ_وڭ بۆلەك بىرلەشكىنىدە بىر يۈرۈش كارىز تامام: ئاۋۋال قۇدۇق_لار كولىنىپ، يۆتكەلسە قۇم، تۇپراق، قورام... ئاندىن تېشىل_سە تەش_مىلەر ئېرىق بىل_ەن ئۇلاپ تامام؛ بولغاندا ھاسىل تىلمىلار، س_ۇ ئاقق_ۇسى تارام - تارام... سىمفونىيە ھ_اسىل قىل_ۇر بارخان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
تۇرپان، پىچان، توخسۇندا كارىز سانى مىڭ بىر يۈز رېئال، ھەر پەسلىدە يىلنىڭ مۇقىم مىقدارى سۇ، جۇشقۇن، زۇلال؛ ئەپسۇس... بۇزۇلغان، قۇرىغاننى يوق دېمە، قۇچماي ۋىسال، ھازىرغىچە، ئاھ ... ئىككى يۈزدىن تولىسى تاپتى زاۋال...! سەھ_را، شەھەر، رەستە - بازار، بوستاندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىز بىلەن ت_ۇرپان «ئۈزۈم يۇرتى» ئاتالدى گۈلئۇزار، كارىز بىلەن ئېكىن، بېدىش، چۈنچە ئاجايىپ دىل_خۇمار، كارىز بىلەن جەننەت_كە تەقق_اس مېۋىزار ھەم مىرغىزار، كارىز بىلەن خەلقى قۇمۇلمۇ بولدى ئەلۋەك، تۆھپىكار، قۇچ_تى كارامەت ھەر زامان - دەۋراندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىز دېسە، ھەر كىم ئۇنى كۆرمەككە ئەيلەر چىن تىلەك، ھەر يىل ساياھەتچى ئۈزۈلمەس بەسلىشىپ ئۆمەك - ئۆمەك... ھەر يىلقى «ئۈزۈم بايرىمى»نىڭ داڭقى بار ئاسمان پەلەك، بىل، ئۇشبۇ بايرام بەلكى كارىز بايرىمىدۇر، قىل كۆرەك! ئالەمنى ھەيران قال_دۇرۇپ سەيلان_دا ئۇيغۇر كارىزى...
تەڭرىتېغىم ب_ولسا يۈرەك، كارىزلىرىم رەت - رەت تومۇر، تومۇر - تومۇردا ئاققىنى قان، سۇ ئەمەس، ۋىجدان، غۇرۇر! بۇلغانمىغان ئەركەك_لىكىدىن ھېچ تاپال_مايسەن قۇسۇر... جىمجىت ياساپ قاينام، ۋەتەنگە يەتكۈزەر بەختتىن ئۇچۇر، ئىچكەن_دە ھەر جان_غا ھۇزۇر، نارزاندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىزكى ئەج_داد روھىدىن بى_زگە مىراس، مەدەنىيەت، مەۋجۇدىيەتكى، ئ_ۇ بىل_ەن تاپتى كام_ال مۇۋازىنەت، مۇۋازىن_ەت ئەۋلادق_ا يۈك_لەيدۇ ئېغىر مەجبۇرىيەت، يىل_تىز ياشارغ_اي قۇرىماس كارىز بىل_ەن ئەبەدىيەت، شاد كۈي_لىنەر تىللاردىكى داستان_دا ئۇيغ_ۇر كارىزى!
ئىزاھلار: تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن؛ ھازىرغىچە بۇ ئويمانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى51 سېلسىي گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 29 سېلسىي گرادۇس بولغان. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» ناملىق كىتابىدا: «كارىزچىلىق ئاسىيادىكى قۇرغاق رايونلار ئاھالىسىنىڭ يەر سۇغىرىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ، ساك سارماتىن قەبىلىلىرىدە خېلى ئومۇمىي تېخنىكا ئىدى...» دەپ قەيت قىلغان. «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 2- سانىدىكى «يىپەك يولىدىكى جۇڭگو كارىزلىرى» ناملىق ماقالىدە: «ياپونىيە گۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇنشياڭ لياڭۋەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى شىنجاڭ كارىزلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 102- يىلى، يەنى خەن ۋۇدى زامانىسىدا قېزىلىشقا باشلىغان، دەپ قارىدى» دېيىلگەن. دەر _ ئۇسۇل، چارە. نارزان _ مىنېرال سۇ.
|