www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
بىزدىكى ئىسراپچىلىق(2)
ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر    چېكىلىش سانى:5849    ۋاقتى:2009-3-10    . www.seltenet.com .

3. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى
ئالەمدىكى ئەڭ قىممەت ۋە مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ۋاقىت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ ئەرزان ھەم خارلىنىدىغان نەرسە بولۇپ قالماقتا. گەرچە ھايۋانلار، باشقا جاندار ياكى گۈل - گىياھ، ئۆسۈملۈكلەرگە قارىغاندا ئىنسانغا بېرىلگەن ۋاقىت ناھايىتى ئۇزاقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئالەمنىڭ مەنزىلىگە، تاغ - دەريانىڭ، تۇپراق، سۇنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ناھايىتى قىسقا. جاندارلار ئىچىدە ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ باشقا مەۋجۇداتلاردىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىدە. ئىسلام رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە __ بارلىق جاندار - جانسىزلار ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان. ھايۋان بالىسى تۇغۇلۇپ، بىرنەچچە سائەتتە ياكى بىرقانچە كۈندە مېڭىپ، شۇ يىلى يەنە ئىنسانغا يەم بولغۇدەك تېز تەييار بولغىنى بىلەن، ئادەم بالىسىنىڭ «تەييار» بولمىقى ئىنتايىن قىيىن. كۆپلىرى 20 يىلدا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىمۇ، يەنە بىرمۇنچىلىرى ھەتتا ياراملىق ئادەم بولالماي قېرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! شەكلەن ئادەم بولغان بىلەن ئۇنىڭدىكى ھايۋانىي خۇي - پەيل، ھايۋانىي روھ ئازايمايدۇ. شەكسىزكى، بۇ خىل روھ ۋە بۇ خىل كىشىلەر يەرشارىغا يۈك، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئاپەت بولۇپ قالىدۇ. گەپنى ئۇدۇللا ئېيتقاندا، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولساق، ئۆزىمىزنى باشقۇرالىساق ۋە «ئادەم» دېگەن نامغا لايىق ئىش قىلساق، بوينىمىزدىكى تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلغان بولىمىز.
ئىنسان ئانا قارنىدا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقە تۇرۇپ، ئاندىن ئالەمگە كۆز ئاچىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئىنساننىڭ يارىتىلىش جەريانىدىمۇ ۋاقىت ناھايىتى ئىنچىكە ھېسابلانغان ۋە قەدىرلەنگەن. شۇڭلاشقا، بىز ۋاقىتنى ھەقىقىي قەدىرلەشنى بىلىشىمىز لازىم. راست گەپ قىلغاندا، ۋاقىتنى قەدىرلەشتە بىز جاھاندىكى باشقا تەرەققىي قىلغان خەلقلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىسەكمۇ، ئوتتۇراھال بولالىساق، شۈكۈر دەيتتۇق. ئەمما، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتا، بىز دۇنيادىكى كىيىم كىيىشنىمۇ بىلمەيدىغان __ ئەۋرىتى ئوچۇق ياۋايى ئورمان چۆل قەبىلىلىرىگە يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى؛ تەرەققىي قىلغان ئادەملەر ئارىسىدا بولسا ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ! بۇ ئەيىبنى تۈزىمەك قىيىنمۇ ئەمەس، پەقەت ھەربىرىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى مۆلچەرلىگەن قەرەلدە قىلساقلا بولىدۇ! يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، ياۋايى قەبىلىلەر ۋاقىتنى ئەڭ قەدىرلىگۈچىلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار مىنۇت - سېكۇنتنى بىھۇدە زايە قىلىۋەتسە، ئوۋلاپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋان قېچىپ كېتىپ، ئوۋلىغۇچى ئاچ قالىدۇ.
بىزدە ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىش خاھىش - قىلمىشى ئېغىر. پەقەت نامازخان تەقۋادارلار ناماز ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشى مۇمكىن (ئەلۋەتتە بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا، ۋاقىتنى جېنىدەك ئەزىز بىلىپ، ھايات مەنزىللىرىدە شانلىق ئىز قالدۇرۇۋاتقانلارنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ). ئاددىي مىسال: شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلارنى توي - تۆكۈنگە كەچ سائەت بەشكە چاقىرسا، سائەت يەتتىدە بارىدۇ. بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار: ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ بارغان مېھمان تاكى كەچ سائەت سەككىز بولمىغۇچە داستىخان سېلىنماي ئولتۇرۇپ «دەل ۋاقتىدا بارغان»غا تويۇپ كېكىرىدۇ. چۈنكى، باشقا مېھمانلار ۋاقتىدا كەلمەيدۇ. ۋاقتىدا كەلمىگەنلەر كۆپ بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە توي ئىگىسى داستىخان سالماي ساقلايدۇ - دە!
ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ئىشلىرىدىن رازى بولمىسىمۇ، لېۋىنى چىشلەپ ئولتۇرىدۇ. ئەمما، قىممەتلىك ۋاقىت، بەرىكىتى يوق ئۆمۈر ئىسراپ بولۇۋېرىدۇ. بۇ يەردە توي ئىگىسىمۇ ھەممە تەرەپكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىتنى بېكىتكەن بولسا، ھەر ئىككى تەرەپتە يالغانچىلىق، ئۆمۈر ئىسراپچىلىقى يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى! بۇ خىل ئەھۋال يېزىلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. ۋەھالەنكى، بۇلار پەقەت مېھماندارچىلىقتىكى ئىش بولۇپ، بۇ يامان ئادەت پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئوخشاشلا يامرىغان؛ ھەممە ساھەگە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە يىلتىز تارتقان.ئۇنداقلار ناۋادا ھېچ ئىش قىلىشقا رايى بارمىسا، كۆڭلى تارتقان بىرەر پارچە كىتابنى ئوقۇسا ياكى بالا تەربىيىلەش كويىدا بولسا؛ يا بولمىسا ئۆيىنى تازىلىسا، ئۇمۇ بولمىسا ئۆزى، بالىلىرى، ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەققىدە، ھاياتى ھەققىدە، توغرا - خاتا ئىشلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلسىمۇ بىر ئۇلۇغ ئىش قىلغان بولماسمىدى؟

4. ۋەدە - لەۋزە ئىسراپچىلىقى
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ گېپىگە، ۋەدە - لەۋزىگە ئىشەنمەسلىك، گۇمانسىراش خاھىشى بىزدە خېلى كەڭ يىلتىز تارتىپ قالدى. بۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، بىر خەلقتە بۇ خىل ھالەت ئەۋج ئېلىپ كەتسە، جەمئىيەتنى زاۋاللىق پاتقىقىغا چۆكۈرۈپ تاشلايدۇ.
كۆڭۈل خۇش بولىدىغان، مېھىر - مۇھەببەت ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان سىردىشىش - مۇڭدىشىشلار بىزدە بار. مىسال، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىرلەردىكى تەبرىك، تەسەللىلىرىمىز؛ مۇھاكىمە - مۇلاھىزىلىرىمىز؛ بالا - چاقا، ئۆي - بېساتلارنى دېرەكلەش، سالامەتلىك ھەققىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلار … بۇ گەپلەر ئۆزئارا مېھىر - مۇھەببەت رىشتىمىزنى، قان - قېرىنداشلىق زەنجىرلىرىمىزنى بارغانسېرى مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ ھەم تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، بۇنىڭغىمۇ ياغلىما، ساختىلىق، خۇشامەت ئارىلاشقان بولسا، بۇ لەززىتىمىزمۇ زەھەرگە ئايلىنىدۇ. بىز رەسمىي ئىشلاردا، گەپتە، ۋەدە بېرىش، ۋەدە ئېلىش، لەۋزە قىلىشتا «لەۋزى ھالال» بولۇشقا نېمىشقىدۇر تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايۋاتىمىز. گەپ مۇنداق ئېيتىلسا، ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدىغان باھانە - سەۋەب دېگەن جىق. خىجىل بولمايلا ئۆزىمىزنى جاھاندىكى ساختىپەز، ئالدامچى، ھېيلىگەر، ھارامتاماق ئادەملەر - قوۋملەرگە سېلىشتۇرۇپ: «بىز ئۇلاردىن مىڭ ھەسسە ياخشى!» دەيمىز. بۇ، خەتەرلىك، پاسسىپ سېلىشتۇرما بولۇپ، ئىنساننى ئادەملىك سۈپەتتىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان خەتەرلىك باھانە - سەۋەبتۇر. بىز ئۆزىمىزنى جاھاننىڭ، جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرىغا ئەمەس، ئىلغارلىرىغا سېلىشتۇرساق، ۋۇجۇدىمىزدا ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىق - كەمتۈكلۈكلەرگە قارشى روھىي كۈچ - قۇۋۋەت پەيدا بولىدۇ!
ھايات تەبىئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، داۋاملىق چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلىق ئورنىمىزنى تىكلەشكە تىرىشىش __ بىزنىڭ تەبىئىي ۋەزىپىمىز. بۇ گويا تاماق يېيىش، ئىشلەش، ئارام ئېلىش ياكى ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش ۋەزىپىمىز. ھازىر بىزدە بىر - بىرىمىزدىن روھىي جەھەتتە يىراقلىشىش - ياتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى، بىر - بىرىمىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە خىيانەت قىلىنغانلىقىمىز ئۈچۈن! بىر - بىرىمىزگە ئىشىنىپ گەپ قىلغىلى بولمايدىغان؛ ئىشىنىپ ئىش تاپشۇرغىلى، ئىشىنىپ ئېلىم - بېرىم قىلغىلى، ئىشىنىپ ئامانەت تاپشۇرغىلى ياكى شېرىكلىشىپ ئىش قىلغىلى بولمايدىغان، ۋەدە - لەۋزە قىلغىلى بولمايدىغان زەئىپ ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. ئەسلىدە بۇ كېسەللىكنى ئۆزىمىز تىرىشساقلا ساقايتقىلى بولىدۇ. دورىسى شۇكى، ھەممەيلەن سەمىمىي، راستچىل، پاك دىل ۋە ئادىل بولۇش! كاززاپلىققا، كۆڭلى قارىلىق، ساختىپەزلىككە ھەرقانداق يەردە ئورۇن بەرمەسلىك.

5. يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى
يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھەققىدە ھەممىمىز تەڭ ۋايسايمىز، قاقشايمىز. ئەمما، ئەمەل قىلىش دەرىجىمىز بىلەن قاقشاش دەرىجىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بەك چوڭ. ھەممىمىز ئوبدان ئادەم بولۇش ھەققىدە بىر - بىرىمىزگە نەسىھەت قىلىمىز، ئەمما ئۆزىمىز ئەمەل قىلالمايمىز.
مېنىڭچە، بىر - بىرىمىزگە نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق، ياخشى ئۈنۈم، ياخشى كەيپىيات يارىتالايمىز! سىرتلاردا يېمەك - ئىچمەكنى سېسىق كېكىرىپ كەتكۈدەك ئەمەس، يەپ بولالىغۇدەك بۇيرۇتساق؛ كۆزىمىز بىلەن قارنىمىزنىڭ تويۇش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەپ بولالمىساق، ئېشىپ قالغاننى چوقۇم ئۆيلىرىمىزگە ئەكىتىپ يېسەك؛ ئائىلىلەردىمۇ ئائىلە ئەزالىرىغا مۇۋاپىق غىزا - تاماق ئەتسەك، ئاشۇرۇپ قويمىساق ياكى ئاشقان يېمەك - ئىچمەكنى تاشلىۋەتمىسەك بولدىغۇ! سەمىمىزدە بولۇشى كېرەككى، قولىمىزدىكى پۇل، قاچىمىزدىكى تاماق بىزنىڭ ھالال نېمىتىمىز. ئۇ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن، ھېچكىمنىڭ ئۇنى بۇزۇپ - چېچىش، خارلاش ھوقۇقى يوق. ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان پۇلدا پەرزەنتلەرنىڭ نېسىۋىسى باردۇ؟ ۋەھالەنكى، بۇزۇپ - چاچقانلىرىمىز، ئاشقاننى تاشلىغانلىرىمىز ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ ئۇۋالىغا يولۇقىمىز! مەن بۇ نەسىھەتنى ھەممىدىن بەك يادلاپ تۇرىمەن. چۈنكى، ئۆزۈم گالغا ئامراق. بەزىدە يېمەك - ئىچمەكنى كۆپ بۇيرۇتۇپ قالىدىغان ئىشلار مەندىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئېشىپ قالغاننى تاشلاپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىمەن. خىجىل بولىدىغان ئىش ئەمەس بۇ!
بىزدە «كېسەل ئېغىز بىلەن قۇلاقتىن كىرىدۇ، جان تۇمشۇق بىلەن ئارقا پىشاپتىن چىقىدۇ» دەيدىغان خەلق ماقالى بار. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك سەۋىيىسىدە چېكىنىپ كېتىش ئەھۋالى بار. ئادەملەر پۇچەكلىشىپ، كېسەل ئادەم جىق بولۇش، بىر بولسا كېلەڭسىز، سېمىز، بىر قارىسا ئاۋاق، ئۆلچەمسىز بەدەن شەكىللىرى ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەسلىدە قىزلىرىمىز خۇش چىراي، غۇنچە بوي، ئەرلىرىمىز سۇۋادان تېرەكتەك تەمبەل، قامەتلىك، قارىچۇغا بۇرۇن، بادام قاپاق بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا غىزالانماسلىق ۋە يېمەك - ئىچمەك بۇزۇقچىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېمەك - ئىچمەكتە قاتتىق - يىرىكى بىلەن يۇمشاق - سىيلىقىنى، قۇۋۋەتلىك، ئېسىل بىلەن قۇۋۋەتسىزىنى تەڭشىمەسلىك، كىشى ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىپ، بۇنىڭغا خوشى يوقلۇق قىلماي ھەممىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەپ ئىستېمال قىلسا، لايىقىدا ئىش - ھەرىكەت قىلسا، بۇنى تۈزەتكىلى بولاتتى! ھەر كىشى خەققە يامانلىق ئويلىماي قۇلىقىنى يامان گەپلەردىن، تىلىنى يامان سۆزلەردىن، دىلىنى يامانلىق - خىيانەتلەردىن خالىي قىلسا؛ ئەقىدە - ئىمان، ياخشىلىق بىلەن قەلبىنى تولدۇرسا؛ ئاغزىنى زەھەرلىك ئىچىملىك، چېكىملىك، سالامەتلىككە زىيانلىق يېمەكلىكتىن ساقلاپ، تېنىنى تازا تۇتسا …«تەن»دىن ئىبارەت بۇ ئۆزىگە ئەڭ ئەسقاتىدىغان ۋەتەن ساق تۇرماي مۇمكىن ئەمەس! ئۇنداق بولمىسا، ساغلام تەن بولمايدۇ. ئادەمگە كېسەللىك چاپلىشىدۇ. ئاخىرىدا سالامەتلىك ئىسراپچىلىقى، ئاۋارىچىلىقى بىزنى قورشىۋالىدۇ! نۆۋىتى كەلگەندە، ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك: ھازىر ئەتراپىمىزدا ئاشخانا، ناۋايخانىدىن دورىخانا كۆپ؛ كېسەلدىن دورا كۆپ؛ كېسەلنى ساقايتىدىغان دوختۇردىن كېسەلنى خانىۋەيران قىلىپ پۇل - مېلىدىن ئايرىيدىغان بۇلاڭچى كاززاپلار كۆپ بولۇپ كەتتى. بىر قىسىم ئاتالمىش دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق قارىشى كىچىكلەپ، نەپسى يوغىناپ قالدى. بىر قىسىملىرى نەپسىنى دەپ، ئۆزىنىڭ ئادەملىك قىممىتىنى پۇلغا ساتىدىغان پۇل ساناش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ، پەزىلەتلىك دوختۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، شەنىنى بۇلغاپ بولدى. يەنە رادىئو - تېلېۋىزىيىنى قاپلىغان، كىشىنى تەشۋىش - گۇمانغا سېلىپ، ساق ئادەمنى كېسەل قىلىپ كۆرسىتىدىغان دورا، داۋالاش ئېلانلىرى كىشىلەرنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. قايسىسىغا ئىشىنىپ، قايسىسىغا مايىل بولۇشنى قارار قىلماقمۇ تەس بولۇپ كەتتىغۇ! ئويلاپ باقساق، بۇ بازارنى ئاچقان، بۇ بازار چاشقانلىرىنى سەمرىتىۋاتقانلار دەل بىز ھەم بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز! بىز سالامەتلىكىمىزنى قوغدىمىساق، پۇرسەتپەرەسلەر بىزنى ئەنە شۇنداق جايلايدۇ، خارلايدۇ. ئۆزىنى قوغدىمىغان ياكى ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىگەن ئادەمنى باشقىلار قوغدارمۇ؟ ئەلۋەتتە «تەن»دىن ئىبارەت بىر ياخشى ئۆي روھىڭغا بىكارلىق ئىجارىگە بېرىلگەنىكەن، بۇ ئۆينى تاكى ئۇ كونىراپ يىقىلغانغا قەدەر ئاسراپ، ئاقلاپ، چىرايلىق، پاكىز ئۆي قىلىپ تۇتۇشنى بىلىشىڭ كېرەك! بىر ئوبدان ئۆي ساڭا بېرىلسە، ئۇنى ئوبدان تۇتالماي باشقۇرالمىساڭ، ئۇ يەرگە نېمىلەر كىرمەيدۇ؟ شۇڭا، بۇ ئىشتا لامزەللىلىك قىلىشقا، قىلچە ئارىسالدى بولۇشقا بولمايدۇ. جان دېگەن بىرەر ماگىزىن ياكى دۇكاندا سېتىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ھاياتنى ئەقىل ئىشلىتىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە پاراسەت بىلەن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ھاياتنى كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەممىمىزنىڭ تەن ئۆيىمىزنى پاك روھىمىزنىڭ بۆشۈكى قىلىپ چىڭ ساقلاش ۋەزىپىمىز بار!  گەپنى قوپالراق بايان قىلساق، سەن ئۆمرۈڭنى قەدىرلىمەي، بۇ دۇنيادىن بالدۇر كەتسەڭ، باشقا بىر ئەر ياكى ئايال كېلىپ تۇتقان ئۆيۈڭنى ئىگىلەيدۇ؛ تاپقان پۇل - مېلىڭنى خەجلەيدۇ، سېنىڭ ئېسىل ماشىناڭنى ھەيدەيدۇ، خوتۇنۇڭغا ياكى ئېرىڭگە، بالىلىرىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ (بالاڭغا ئوبدان قارىسا، مەيلىغۇ!)، سەن ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرىدۇ، سەن ياتقان كارىۋاتتا ياتىدۇ! بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟

6. گەپ - سۆز ئىسراپچىلىقى
ئىنساننىڭ ئاز گەپ قىلىپ كۆپرەك ئاڭلىشى ئۈچۈن ئېغىز بىر، قۇلاق ئىككى قىلىپ يارىتىلغانلىقى ئېنىق. ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ سېھرىي ھېكمەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چوڭقۇر تەپەككۇر ھاسىلاتى قىلىپ، «گەپ ئېغىزدىن چىقماستا ئادەم گەپنى باشقۇرىدۇ. گەپ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ» دېگەن چۈشەنچىنى ھاسىل قىلغان. بەرھەق پاكىتكى، بىزدە ئىش قىلىپ خاپىلىق تارتقان ئادەمدىن قۇرۇق گەپ قىلىپ خاپىلىق تارتقان ئادەم تولا. بىرەر ئىش قىلىپ خاپىلىق تارتقانلار بۇ خاپىلىقتىن كېيىن باشقا بىر يوللار، سەۋەبلەر بىلەن شۇ تارتقان خاپىلىقىنىڭ راھىتىنى، مېۋىسىنى كۆردى. ئەمما، قۇرۇق گەپنىڭ خاپىلىقىنى تارتقانلار راھىتىنى كۆرمىدى ياكى كۆرگەنلەر يەنە شۇ قۇرۇق، يالغان - ياغلىما گەپلەرنى ئاڭلاپلا يەنە ئاقتا قالدى. بىزدە يەنىلا ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلاردىن قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلار، قۇرۇق گەپ سېتىپ جان باقىدىغانلار، غەربنىڭ بىزگە توغرا كەلمەيدىغان بەھەيۋەت، چۈشىنىكسىز نەرسىلىرىنى يادلىۋېلىپ ئۇنى ئولتۇرۇش - بەزمىلەردە خەققە يادلاپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، مۇزدىن ئوت چىقىرىدىغان قۇرۇق سۆلەت بىلەرمەنلەر كۆپ بولدى. قۇرۇق شوئار، ياغلىما - تاتلىق گەپكە ئىشىنىپ قالىدىغان نادان خەلقنى بالاغا قويىدىغان ئىشلار تولا تەكرارلاندى. قۇرۇق گەپ ساتىدىغان سەركىلەر بىچارە قويلارنى قۇشخانىغا ئەكىرىپ پوكانچىنىڭ ئارغامچىسىغا باغلاپ بېرىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي غادايغانچە چىقىپ كەتتى.
بىزنىڭ بۇ خىل سۆلەتۋازلىقىمىز بۈگۈنكى ئىش بولماستىن، خېلى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئەنئەنە بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئاپاق خوجىنىڭ قۇرۇق گېپىگە ئەگىشىپ، سەئىدىيە خانلىقىنى تاشلىۋېتىپ، قۇرۇق گەپكە ھۆرلۈكىنى تېگىشكەن خەلقنىڭ ئەۋلادى دەل بىز بولغاچقا، يېسەك تەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان ناندىن كۆرە، نان ھەققىدىكى قۇرۇق گەپكە، بۇغدايدىن كۆرە سامانغا ئاشىقلىق قىلىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە بىزدىكى قۇرۇق گەپ ئەزەلدىن بېشىمىزغا بالا گەپلەردۇر. بۇرۇن «خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا، قۇرۇق گەپ قىلىدۇ» دەپ قارايتتۇق. ھازىر خوتۇنلارنىڭمۇ چېچى قىسقىراپ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ چاچ پەرقى قالمىغاندىكىن، ئەقىل پەرقىمىزمۇ قالماي، ئەركەكلەر خوتۇن خەقتىنمۇ ئېشىپ كەتتۇق! قۇرۇق گەپ دېگەن ئاساسەن غەيۋەت ئائىلىسىگە تەۋە گەپ تۈرى بولۇپ، ئىسلام دىنىمىزدىمۇ ئەڭ قاتتىق چەكلىنىدۇ ۋە غەيۋەت قىلىش ئادەمنىڭ گۆشنى خام يېيىشكە ئوخشاش ئىش قاتارىدا ئەيىبلىنىدۇ. ئۇ، گۇناھلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى، دەپ قارىلىدۇ. جان، تەندىن ئايرىلىپ، كىشى كۆز يۇمغاندا ھەر - بىرىمىزنىڭ جىنازا نامىزىدا ناماز چۈشۈرگۈچى شۇ كىشىنىڭ ئىككى چوڭ قەرزىدىن جامائەتنىڭ كېچىپ رازىلىق بېرىشىنى تىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىرى، مەنىۋى ھەققى يەنى غەيۋەت - شىكايەت، بوھتان؛ يەنە بىرى، ماددىي ھەققى يەنى پۇل - مالدىن ئىبارەت. دېمەك، قۇرۇق گەپ بۇ دۇنيادىمۇ ئىنسانغا دوزاخ ئازابىنى ئېلىپ كەلسە، ئۆلگەندىمۇ دوزاخ ئازابىنى تارتقۇزىدۇ. ئىش - ئەمگەك بىلەن ئىگىلىك تىكلەش؛ ئائىلە بەخت - سائادىتى، بالا تەربىيىسى، ئەقىدە - ئېتىقاد بىلىملىرى، ئىلىم - ھۈنەر، تەرەققىيات، ساياھەت - زىيارەت، جاھان ئىلغارلىقلىرىنى چۈشىنىش؛ كىتاب كۆرۈش، ئۆزى، بالىلىرى ھەققىدە، ئارتۇق - كەم تەرەپلەر ھەققىدە ئويلاش، ئىزدىنىش؛ دوستلار ئارا خۇش دىدار، خۇش سۆھبەت ئۆتكۈزۈش؛ كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان ئويۇن؛ بەدەن گۈزەللىكىنى، كۈچ - قۇۋۋىتىنى، ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىغان، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەرىكەتلەر نېمىدېگەن يېقىملىق، گۈزەل - ھە! قىسقىسى، بىز قۇرۇق گەپ، ئۆزىمىزگە بالا تاپىدىغان غەيۋەتلەر ۋە گەپ ئىسراپچىلىقىنى ئۆزىمىزدىن نېرى قىلىپ، گەپنى ئاز - ساز، جايىدا قىلىشنى ئۆگىنەيلى.

7. ئادەملىك قىممەتنىڭ ئىسراپچىلىقى
ھېكايەت قىلىنىشىچە، ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ قىممەتلىك ھەم ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تېنى ئىچىگە پۈتۈن مالائىك، پەرىشتىلەرنى باشلاپ كىرىپ، ھەممە ئەزاسىنى زىيارەت قىلدۇرغانمىش. ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى، يەيدىغان - ئىچىدىغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا «ئادەم» دېگەن ئىسىمنى قويۇپ، روھ ئاتا قىلىپ، پەرىشتىلەرگە ئادەمگە تەزىم قىلىشقا بۇيرۇق قىلغانمىش. ھەممە مالائىك، پەرىشتىلەر شۇئان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانمىش. ئەمما شەيتان: ئادەم دېگەن ياخشى - يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ ئۇلۇغ دېگىلى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭغا تەزىم قىلمايمەن، دەپ بويۇنتاۋلىق قىلغاچقا، گەرچە ئۇ، پەرىشتىلەرگە دەرس بېرىدىغان كاتتا ئالىم بولسىمۇ، ئەرىشتىكى جەننەتتىن قوغلانغانمىش. دېمەك، ياراتقۇچى «ئالىم» بىلەن «ئادەم»نىڭ قايسىسىنى تاللاشتا، ئالىمنى ئەمەس، بەلكى ئادەمنى ئەلا بىلگەن، قەدىرلىگەن. بۇ يەردە ئالىملىقتىن كۆرە، ئادەملىك قىممەت ئۈستۈن تۇرغان. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئىزدەنسە، تىرىشسا، ئۆگەنسە ئالىم بولغىلى بولىدۇ، ئەمما يالغۇز «ئۆگەنگەن» بىلەنلا ئادەم بولۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۆگىنىپ ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندا، ئادەملىك قىممەت بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا، ئادەملىكنى راستچىللىق بىلەن ئىجرا قىلغاندا … ئاندىن راۋۇرۇس «ئادەم» بولىدۇ. شۇڭا، ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئىنسانلار ئادەم قىلىپ يارىتىلىشتا، بارلىق ئادەملىك سۈپەت تەڭ يارىتىلغان، ئادەملىكنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى ئىنساننىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن. ئەمما، ئادەملەر شەيتانغا ئەگىشىپ كەتكەن … شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم كىشىلەر ئالىملىقىنى، بىلەرمەنلىكىنى ئادەملىكتىن ئەلا بىلىۋاتىدۇ! مانا بۇ تراگېدىيە، ئېچىنىشلىق ھالاكەت. ۋەھالەنكى، شەيتاننىڭ بىلىدىغىنى پەقەت بۇزۇقچىلىق! ھاۋايى - ھەۋەس، توغرا يولدىن ئازدۇرۇش، خالاس!
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئادەملىك قىممەتنى ئەڭ ئىسراپ قىلىدىغان، ئەڭ دەپسەندە قىلىدىغان، ئەڭ خارلايدىغان ئىش بىزدە، بىر قىسىم كىشىلەردە يېتەرلىك بار. گەرچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلساقمۇ، روھىمىزدا كونا دىننىڭ ئاسارىتى ئېغىر بولغاچقا، ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىدىغان تەقۋادارلىقتىن كۆرە، شەكلەن مۇسۇلمان كۆپ. شۇ خىل كىشىلەر بارلىق ياخشىلىق، پۇل - مال، راھەتنى ئاشۇ قەلبىدە ئۆزى ياسىۋالغان بۇدلاردىن كۈتىدۇ، تىلەيدۇ. ئادەم تۇرۇپ ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر ئادەمدىن تىلەيدۇ، يېلىنىدۇ، تەمە قىلىدۇ. خۇشامەت- تەزىم قىلىدۇ. ئاشۇنداق ئەجىرسىز تىلىگەن راھەت، تىلىگەن ھوقۇق، تىلىگەن ياخشىلىق، تىلىگەن بايلىقنىڭ ئۆمرى، مەنزىلى بەكمۇ قىسقا، بەكمۇ ئاز. بىزدىكى بىر قىسىم ئادەملەر كەيپ - ساپا، ھۇزۇر - راھەت قوغلىشىپ، قوشنامدىن، دوستۇمدىن، يۇرتۇمدىن، جامائىتىمدىن ئۈستۈن ياشايمەن دەپ، ئادەملىك قىممىتىنى يوقىتىدىغان كويلاردا بولىدۇ. ۋىجدانى ئۆرتىنىدىغان، باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان، كىشى سەسكىنىدىغان ئىش - ھەرىكەتلەردە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق راھەتنىڭ كەينىدە جاپا، جاپانىڭ كەينىدە راھەت مەۋجۇت. ئۇ خۇددى بىردەم كېچە، بىردەم كۈندۈز بولغاندەك ئىش، تەبىئىي قانۇنىيەت. بۇ جاپا ھەم راھەتنى ھەربىر ئادەم ئۆز لايىقىدا كۆرىدۇ. ئىنسانغا ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ھەم چەكسىز راھەت نېسىپ بولمايدۇ.
ھاياتلىق جەريانىدا، ئادەمنىڭ تېنى كېسەل بولۇپلا قالماستىن، يەنە روھىمۇ كېسەل بولىدىغان ئىش بار. بەزىدە تەن كېسىلى جاننى ئالسا، بەزىدە روھىي كېسەللىكمۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. مانا بۇ خىل روھىي كېسەللىك ئادەمنى ئۆلتۈرگەندە، بۇ ئادەم كۆرۈنۈشتە تىرىكتەك يۈرگەن بىلەن ئەل - جامائەتنىڭ كۆزىگە ئادەم ئەمەس، باشقا بىر مەخلۇقتەك كۆرۈنىدۇ. ھەممىدىن يامان ئۆلۈم __ ئۆزى ھايات تۇرۇپ خەلقى - ئالەمنىڭ نەزىرىدە ھۆرمىتى بولماسلىق. مانا بۇ، قان چىقارماي جان ئالىدىغان، جان چىقارماي جان ئالىدىغان، كونىلارنىڭ سۆزىچە، «يا ئۇ دۇنيالىقى، يا بۇ دۇنيالىقى يوق» ئۆلۈمدۇر. شۇڭا، ھەربىر ئىنسان ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىنى ئۆزى خار قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئادەملىك قىممىتى ۋە سۈپىتىنى ساقلاشقا تىرىشىشى لازىمدۇر.
كۆز - كۆز قىلىپ ياسىنىشلار، ھەشەمەتلىك يەپ - ئىچىشلەر، ئالىي دەرىجىلىك ئۆي، كاتتا ماشىنىلار؛ ئاغزى - بۇرنى، قول - بويۇنلىرىنى قاپلىغان زىبۇزىننەتلەر، ھەشەمەتلىك توي - نەزىرلەر، بەس - بەس بىلەن پۇل بۇزۇقى قىلىشلار ئادەملىك قىممەتنى ئىزدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىلمىشلار بولسىمۇ، بىزنىڭ قەدىر - قىممىتىمىزنى ئاشۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كاساتلاشتۇرىدۇ! بىزدە ئەۋج ئالغان ھوقۇقى بار، پۇل - مېلى كۆپ كىشىنىڭ ئادەملىك قىممىتى چەكسىز بولۇش، ھوقۇقتىن چۈشكەندە، پۇل - مېلىدىن ئايرىلغاندا چەكسىز خار بولۇش؛ پۇقرانىڭ ئادەملىك قىممىتى بەزى ئەمەلدارنىڭ، بايلارنىڭ ئېتىچىلىك بولماسلىقتەك چىرىك، پاسسىپ ئىشلارنى ئاشۇ بايلار، ئەمەلدارلار ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز پەيدا قىلغان. بۇ، ئادەملىك قىممەت جەھەتتىكى چەكسىز ئىسراپچىلىق! شۇڭا، بىز ھالال قان - تەر بىلەن ياشاشنى؛ توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشنى؛ قالاقلىقتىن، ھاماقەتلىك - نادانلىقتىن تەلتۆكۈس قول ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز … بىزدە «يېمەيدىغان ھەسەل بار، يەپ ئۆلىدىغان زەھەر بار» دېگەن ئاتا سۆزى ئۇنتۇلمىغاي!
(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 بىزدىكى ئىسراپچىلى...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号