1. سالامەتلىكنىڭ ئىسراپ بولۇشى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى، مېنىڭ جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشىمىز ھەققىدىكى تەنقىدىي ماقالە - ئەسەرلىرىم ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنغاندا، ئارىمىزدىكى بەزى دانىشمەن، بىلەرمەنلەر: «روھىي ھالىمىز بارغانچە بەتتەرلىشىپ، بىچارىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، سېنىڭ زەھەردەك گەپلىرىڭ خەلقىمىزگە <ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك> بولغاندەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ، بولدى قىلساڭ بولارمىكىن» دەپ ئاق ھەم ساپ نىيەت بىلەن پەند - نەسىھەت قىلغانىدى. بۇ گەپلەر بىلەن، ئۆزۈممۇ خىجالەت دوقمۇشلىرىدا تېڭىرقاپ، بىر مەزگىل ئارىسالدىلىقتا قالغانىدىم. ئاشۇ خىجالەت دوقمۇشى، ئارىسالدى ئېقىنلار مېنى قېرىتىپ كېسەل قىلىۋەتتى. بەزىلەرنىڭ قىلىقى مېنى چاچقۇن، سەپرا، ئاخىرى بېرىپ كېسەل كۆرپىسى قىلىۋەتسە، تەڭلىمىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى نۆلگە ئۆزگىرىپ، ھايات ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشمامدۇ؟! يەنە بىر شەيتانلىرىم ۋەسۋەسە قىلىپ: «خەقنىڭ قىلىقىغا سەن ئاچچىق يۇتۇپ زەردىگۆش بولغۇچە، غىت قىسىپ سىڭگەن نېنىڭنى يېسەڭ، خۇشال ياشايسەن ئەمەسمۇ» دەيدۇ. شۇنداق چاغدا خاتىرجەم بولۇپ، تۈرۈلگەن قاپاقلىرىم بوشىشىپ، چىرايىم ئېچىلغاندەك بولىمەن. ھە راست، دانىشمەنلەر بىلىگلىرىدە: «بۇ ئالەمدە سەبىي بالا بىلەن ساراڭ، گالۋاڭ كىشىلا بەختلىك، چۈنكى بەخت دېگەن خاتىرجەملىك، غەمسىزلىك دېمەكتۇر. ھوش - كاللىسى تەڭشەلگەن ئادەملا بولىدىكەن، ئۇنى غەم باسۇر. چۈنكى، ئادەمنىڭ لېيى غەم توپىسى، سۈيى غاپىللىق، ئوتى بالا - قازا، تىنىقى مۈشكۈلاتلاردىن پۈتىدۇ» دېيىشەرمىشلەر. مانا، شۇ غەم - قايغۇ، خاپىلىق - خۇشاللىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىغەملىك دېڭىزىغا چۆكۈۋېلىشلا ناھايىتىمۇ ئېپىدە ئىشلارىكەندۇق. ئەمما بۇ خۇي، بۇ قىلىقلارنى خۇددى ھۈنەر ئۆگەنگەندەك بىركىمدىن ئۆگەنگىلى بولمايدىكەن. «تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس» دېگەن ئاتا سۆزى ئادەمنىڭ شۇنداق بولۇۋالاي دەپ بولۇۋالغىلى بولمىغانلىقىدىن دېيىلگەن ئۇدۇم ھېكمەتلەردىن ئوخشايدۇ. ئاڭلىماي دېسە قۇلاق ئاڭلاپ، كۆرمەسكە سالسا، بۇ بىر جۈپ كامار مۆلدۈرلەپ تۇرۇپ كۆرۈۋالسا، خىيال قىلماي دېسە، كاللىغا كىرىۋالسا
* * *
سالامەتلىكنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى باشقىچىرەك شەكىلدە بايان قىلىپ باقايلىچۇ! مانا، شۇنداق ھېسلاردىن تۇغۇلغان ئەقىل ئەستلىكلەر رەھمەتلىك ئۇستاز ئەدىب زوردۇن سابىرنىڭ بۇ ھەقتىكى يۈرەك سۆزىنى ئېسىمگە سالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «بېشىم گۈمبەزدەك چوڭ بولغىنى بىلەن، ئىچىمدىن تۈگىشىپ كېتىۋاتىمەن؛ ساقتەك كۆرۈنگەن بىلەن، بۇ كېسەل دېگەن كاساپەت خاپا قىلغىلى تۇردى، ئۇكام. بىردەم يۈرەكنىڭ، بىردەم ئۆپكىنىڭ، بىردەم جىگەر، بىردەم بۆرەكنىڭ دەرۋازىسىنى مۇشتلاپ جىم تۇرغىلى قويمىدى، ئۇكام. كېسەللىكلەر دەرۋازىڭىزنى ھەر مۇشتلىسىلا، ئۆمۈر بىر غۇلاچتىن قىسقىراپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتمامدۇ، ئۇكام. بۇ دوختۇر دېگەن خەق ساق ئادەم كىرسىمۇ، دورا سېتىپ پۇلىڭىزنى تارتىۋالغىلى ئاران تۇرامدۇ - نېمە؟ بۇلارنى دوختۇر دېگەندىن كۆرە، تامىقى ناچار ئاشخانىنىڭ جورۇقچىسى، دورا زاۋۇتى بىلەن تەكشۈرۈش سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ شېرىكلىرى، بېكەتنىڭ شوپۇرغا يولۇچى تۇتۇپ بېرىدىغان بېدىكى، دېگۈم كېلىدۇ. بىر كېسەلگە مىڭ خىل دورا تەييار ئىكەن ئەمەسمۇ؟! قايسىنى يازسا شۇنى ساتىدىكەن، ئىنساندا ئىنساب، ئەخلاق يوقالسا، نەپسىلا قالىدىكەن ... <ئۇنى يېمەڭ، بۇنى يېمەڭ، دورا يەڭ>دىن باشقا گەپ قىلمايدىكەنغۇ! بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن بۇ دورا ساتارخانا، ماشىنا - سايمانخانا دېگەنلەر يوق ئىدى، نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجدادلار ياشاپ، بالا تېپىپ جاھان روزىغارلىرىنى بىزگىچە ئۇلاپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟! تېخى ئۇلار ساپلا 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ، ئونلاپ خوتۇن ئېلىپ، ئوتتۇزلاپ بالا تاپقان؛ بېشىدا بىر تال ئاق، ئاغزىدا بىر تال يالغان چىش يوق ساق پېتى- كۈلۈپ ئولتۇرۇپ جان تەسلىم قىلغان. مانا ئەمدى تاپقانغا داۋالىنىپ، چاڭگاللاپ دورا يەپ، 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالالامدۇق - يوق؟ بۇنى بىرنېمە دېمەك تەس. مەن دوختۇرنىڭ <كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ> دېگەن ھېكمەتلىرىگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم. كېسەل ئېغىزدىنلا ئەمەس، قۇلاقتىن، كۆزدىن، ھېس - تۇيغۇ، ئەقلىي ئازابلاردىن كىرىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىمەن. ئەقلىمگە كەلسەم، دادام رەھمىتى قوينىڭ قۇيرۇقى، ئىچ مايلىرىنى خام يەپ كېكىرىپ يۈرەركەنىدۇق. مانا ئەمدى بىز چۆچۈرىنىڭ قىيمىسىدىكى ياغنى يېسەك، پولۇ يېسەك زىيان قىلىدىغان كۈنگە قالدۇقمۇ؟ ئاتا - بوۋىمىز نەچچە مىڭ يىل يېگەن گۆش- پولۇ، پېتىرمانتا بىزگە كەلگەندە زىيانلىق نەرسىگە ئايلاندىمۇ؟ ياق، ياق. روھىي جەھەتتىكى ئازارلىق ئىشلار بارلىق روھىي بېسىمنىڭ خوجىخامىنى ئىكەن. بۇ خامان ئۆمۈر قىسقارتىدىغان، كېسەل قىلىدىغان ۋابادۇر. ئادەمدىكى كېسەللىك ئىچكى ئازاب، ئىچىگە چۈشكەن دەردتىن پەيدا بولىدىغان گەپكەن. بۇ كېسەللىكلەر ئۆمۈر قىسقارتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن ئىكەن …» شۇنداق، مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرمۇ خۇددى ئۆزى دېگەندەك، 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالا - ئالماي كېتىپ قالدى. شۇ تاپتا، كىچىكىمدە بولغان يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ: بوۋام رەھمىتى باغدىكى بىر تۈپ قوتۇرئامۇتنىڭ شاخ ئايرىغان يېرىدىنلا پالتا بىلەن كېسىۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. «مەن ئامراق قۇتۇر ئامۇتنى نېمىشقا كېسىۋېتىسەن؟» دەپ يىغلاپ غەلۋە قىلدىم. بوۋام: «قىژ تاغلاپ كېتىپتۇ. كېسىۋەتمىسەم، ئامۇت پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ» دېدى. »نېمە دېگىنىڭ ئۇ؟« دېسەم، بوۋام تەرلەپ كەتكەن بېشىنى، گەدىنىنى بىردەم سىلاپ: «شامال دارىپتۇ» دېدى. «شامال دارىپتۇ دېگەن قانداق گەپ؟» دېسەم، «ئوھۇي نېمانداق تۈكى يوق گەپنى تولا قىلىسەن. شامال دارىش دېگەن شۇ شامال دارىش دېگەن گەپ، تازا بىر گەپ ئانىسى بوپسەن. ماڭە بېشىمنى ئاغرىتماي» دەپ قوللىرىغا تۈكۈرۈپ ئامۇتقا گۈپۈلدىتىپ پالتا ئۇرۇپ كەتتى. دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ، يېنىمدا ماڭا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تەلمۈرۈپ تۇرغان ئالا كۈچۈكۈمگە كالپۇكۇمنى پۈرۈپ يەرگە تېپىپ قويدۇم. كۈچۈك دەرھال ئەركىلەپ تۇرۇپ، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى چىشلەپ قويدى. «مېنىڭ ئىشتىنىم قىژ تاغلاپ كەتمىدى، خۇمپەر!» دەپ كۈچۈككە ۋارقىرىدىم، كۈچۈك ماڭا تېخىمۇ سۈركىشىپ ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى يەنە چىشلەپ، سىلكىپ چېكىدىن يىرتىۋېتىپ قېچىپ كەتتى … «ھۇ ئەبلەخ! سەن ماڭا ئىشتان تىكىپ بەرگەندەك، نېمانداق ئىشتىنىمنى يىرتىۋېتىسەن» دەپ يەردىن ئامۇتنىڭ بىر شېخىنى ئېلىپ، بۇغداي كانچىلىقىنىڭ توڭ قاتقان ئېتىزىغا قوغلاپ ماڭدىم. «ھەي… ھەي … توختا بالام. مەكە» دەپ توۋلىدى بوۋام. قايتىپ كەلسەم، بېشىمنى سىلاپ دېدى: «ھە … ھە … ئەمدى يادىمغا كەلدى. قىژ تاغلىدى، شامال دارىدى دېگەن گەپ __ ئىچىگە ئاچچىق يۇتۇۋالدى، ئىچىگە ئاچچىق بۇس- يەل تۇرۇۋالدى، دېگەن گەپ. ئامۇتنىڭ بىر ئوبدان نۆۋەر شاخلىرى شۇڭا قۇرۇپ كېتىدۇ. قۇرۇغان شاخنى ئاشۇ قۇرۇغان يېرىگىچە كېسىۋەتسەك، ئىچىدىكى ئاچچىق بۇس چىقىپ كېتىپ، ئامۇت ئەتىيازلىققا بىر ئوبدان كۆكلەپ چىقىدۇ. ئەمدى بىلدۈرەلىدىممۇ؟» «ھەئە بىلدىم». ئۆزۈمچە سوراپ كەتتىم: «بۇ دەرەخ دېگەنمۇ ئاچچىق يۇتۇۋالامدۇ؟» «ھەئە، ئۇمۇ خۇدا ياراتقان تۈرلۈك - تۈمەن مەخلۇقاتلار ئارىسىدىكى بىر خەلق، بالام. ھەممىسى ئادەملەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەم شۈكرى قىلىشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئامۇتمۇ يىلبويى كۆكىرىپ خىزمەت قىلىپ مېۋىسىنى پىشۇرۇپ بىزگە بېرىدۇ. بىز تاتلىق بوپتۇ، دەپ ھۇزۇرلىنىپ يەيمىز. ئەگەر بۇ ئامۇت مېۋە بەرمىسە، مەن ساڭا بىر ئامۇت ياساپ بېرەلەيمەنمۇ ياكى سەن ماڭا بىر ئامۇت ياساپ بېرەلەمسەن؟» «ياق» دېدىم. «مەنمۇ تالادا بىركىمدىن ئازار يەپ ئاچچىق يۇتۇۋالسام، ئۇنى چىقىرىۋەتمىسەم، كېسەل بوپ يىقىلىپ قالىمەن، بالام.» «سەن ئاچچىقىڭنى تولاراق چوڭ ئانامدىن چىقىرىسەن ھە، چوڭ دادا؟» «ھە … يامان سېرىق تۈك بولۇۋاپسەن - ھە … يولدا كېتىۋاتقان يات ئادەمدىن ئاچچىقىنى چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تولا ئادەملەر تاماكا، ھاراق قاتارلىقلار بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىپ ياشايدۇ. ئادەم بىلەن دەرەخ، ھەممە مەخلۇقات ئوخشاش. ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى، يولى، دەردى، غېمى بولىدۇ. ھەممىسى ئۆز يولى بىلەن ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىپ ياشايدۇ. سەن ئۆمرۈڭدە يۇتقان ئاچچىقنى چىقىرىۋېتىشنى ئۆگىنىۋالمىساڭ، ئىچىڭدىن تۈگىشىپ كېسەل بولۇپ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىسەن. مەسىلەن، سەن ھازىر مەندىن ئاچچىق يۇتۇپ كۈچۈكتىن ئاچچىقىڭنى چىقاردىڭ، كۈچۈك ئۇ ئاچچىقىنى يەنە ساڭا قايتۇرۇپ بېرىپ قېچىپ كەتتى. سەن بۇ ئاچچىقنى يەنە كۈچۈكتىن چىقىرىش ئۈچۈن قوغلىدىڭ. تىرىكچىلىك دېگەن مانا شۇ … شۇڭا، ساغلام ياشايمەن دەيدىكەنسەن، ھەرگىز دەردىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ كېسەل بولىدىغان، ئاچچىق يۇتىدىغان ئىش قىلما. ئاچچىق ئىچىڭگە كىرگەن ھامان، قانچە بالدۇر ئۇنى چىقىرىۋېتىشنىڭ يولىنى قىلساڭ، كېسەللىكنى شۇنچە تېز ئۆزۈڭدىن قوغلىغان بولىسەن.» بوۋام يەنە شۇنداق دېگەنىدى: «دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايلىق __ ئادەمنىڭ سالامەتلىكى. ئەگەر تاغدەك ئالتۇنۇڭ بولۇپ، ئىشىك - دېرىزەڭ ئالتۇن- كۈمۈش بولسىمۇ، سالامەتلىكتىن زىيان تارتساڭ، شۇ سالامەتلىكىڭنى ئەسلىگە قايتۇرىمەن دەپ، پۈتۈن دەپى - دۇنيايىڭنى خىراجەت قىلساڭمۇ كېسىلىڭگە داۋا تاپالماي، ۋەيران بولۇپ ئۆلۈپ كېتىسەن. ھەرقانداق كاتتا بايلىقىڭمۇ سالامەتلىكتەك كاتتا بايلىقىڭنى قۇتقۇزالمايدۇ. شۇڭا، ئۆمرۈڭ، پۇل - مېلىڭ، ئىش - ئوقىتىڭ، بالىلىرىڭ، ئائىلەڭ، ھۈنەر - كەسپىڭ ۋەيران بولماي ئوڭ سېپىدە ياشاي دېسەڭ، تېنىڭنى ساغلام تۇتقىن. ساغلام بۇلۇشنىڭ ئەڭ ئالىي دورىسى: ئاچچىق يۇتۇۋالماسلىق، دەرد - پىغانلىق، غەمكىن بولماسلىق. ئۇنداق دېسە تىرىكچىلىك يولىدىكى تىرىشىپ ئىشلەش، ھۈنەر - كەسىپ قىلىپ ئىشلەپ يېيىش روھىنى يوقىتىپ، يېتىۋالساق بولمايدۇ. >بىكار ئولتۇرغۇچە بىكار ئىشلە< دېگەندەك ئىشلەش كېرەك. ئەگەر نېمە ھەرىكەتتىن توختىسا، شۇ ئۆلىدۇ. ئالەم، قۇياشمۇ ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر مىنۇتمۇ ھەرىكەتتىن توختىمايدۇ. شۇڭا، مۇشۇ تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ئىنسان توختىماي ھەرىكەت قىلىشى، ئەجىر - مېھنەت قىلىپ توغرا يول، ھالال مېھنەت، ساپ نىيەت، ئەقىدە - ئىبادەت ئىچىدە لەززەت بىلەن ياشىشى كېرەك …» دېمەككى، سالامەتلىكىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتىن يانغان كۈنى، كېسەللىك بىزدىن يىراقلايدۇ، كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلىمىز. كېسەل بولماي ساق ياشاشنىڭ بىرىنچى شەرتى، ئاچچىق يۇتماسلىق. كىشىلىك تۇرمۇشتا ھېچكىمنىڭ ئاچچىق يۇتقۇسى يوق. ئەمما، كىشىلىك تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن ھەركىمنىڭ ئاچچىقلانماسلىققا ئامالى يوق. ئاچچىقنى ئىچىمىزدىن قانچە بالدۇر چىقىرىۋەتسەك، ساق تۇرغان تەن ئۆيىمىزدىن ئەخلەتنى تازىلىغاندەك تازىلىۋەتكەن بولىمىز. شۇڭا، ئۆينى ھەر كۈنى تازىلىغاندەك ئىچىمىزنى ئەخلەت باستۇرۇۋەتمەي، مىنۇتلاپ تازىلاپ پاكىز تۇتايلى … ئەمدى بىز مۇشۇ قۇرلار بويىچە ئىچىمىزگە ئاچچىق يۇتقۇزىدىغان، ھەربىر ئىسراپچىلىق، روھىي ئەخلەتلەر توغرىسىدا ئايرىم - ئايرىم چوڭقۇرلاپ توختىلىمىز. 2. ئۆي ئىسراپچىلىقى ئۆي __ يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات، مەخلۇقاتلارغا تەئەللۇق، بەلگىلەنگەن ئورۇن. دەرەخنىڭ يىلتىزى تۇرغان جاي __ دەرەخنىڭ ئۆيى؛ ھاشاراتنىڭ ماكانى، قۇشلار ئۇۋىسى، ئىت، توخۇنىڭ ئۇۋىسى، كاتىكى دېگەندەك. دەريا، دېڭىز، كۆل __ سۇنىڭ ئۆيى. بىر «ئۆي» بولۇش ئۈچۈن، بىر جۈپ ئەركەك - چىشى بولۇش __ تەبىئىي قانۇنىيەت. ئەر بولۇپ ئايال بولمىسا ياكى ئايال بولۇپ ئەر بولمىسا ئۇ ئۆيگە ئوخشىمايدۇ. ئۆيدە ھەممە نەرسە بولۇپ ئەر بولمىسىمۇ ياكى ئايال بولمىسىمۇ بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشىمايدۇ. بىر ئەر بىلەن ئايال بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە بولمىسا بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئەر بىلەن ئايال تىرىشىپ - تىرمىشىپ يوقنى بار قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆي دېگەن نامغا ئىگە بولۇشنىڭ بىردىنبىر شەرتى بىر جۈپ بولۇشتۇر. «خوتۇن ئالمىغان ئەر ماكانسىز ئىت، ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن جانسىز پىت» دېيىلىدۇ خەلق بېيتلىرىدە. ھازىرچە بىز، ئۆي ھەم ئائىلە مېھىر - مۇھەببىتى ھەممىدىن كۈچلۈك، رىشتى مەھكەم باغلانغان، ئائىلە مۇھەببىتى روشەن قوۋم، دەپ پەخىرلىنەلەيمىز. چۈنكى، بىز ھەر كۈنى ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئوچاققا ئوت قالاپ ئانىلار، ئانىمىز ئەتكەن تاماقنى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يەيمىز. مانا بۇ ئوچاققا قالانغان ئوت، ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر - بىرىگە باغلانغان مېھىر - مۇھەببەت ئوتىنى ئۆچۈرمىسە، دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ھەمداستىخان يېگەن تاماق ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر - بىرىدىكى ھەققىنى، مېھىر - مۇھەببەت رىشتىنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدۇ. ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك، بىر ئۆيدە ھەمداستىخان تاماق يېمەسلىك __ قارىماققا ئاددىي، كىچىك ئىشتەك بىلىنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە قان- قېرىنداشلار ئارا مېھىر - مۇھەببەت ئوتلىرى ئۆچۈپ، رىشتە يىپلىرى ئۈزۈلۈپ، ئۆزئارا ياتلىشىشتىن، ئاخىرى ئائىلە توزۇپ كېتىش، ئۆي مۇھەببىتى ۋەيران بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، بىر ئۆينىڭ ئىگىسى بولمىش ئەر - ئايال ھەر كۈنى ئۆيدە پۈتۈن ئەزالار ئامال بار جەم بولۇپ، ئۆم بولۇپ تاماق يېيىش ئادىتىنى يوقىتىشقا بولمايدۇ. بىر ئۆي، بىر ئائىلە __ بىر پۈتۈن قوۋمنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئەگەر بۇ ئائىلە چېچىلىپ كەتسە، بىر پۈتۈن قوۋم توزۇپ ۋەيران بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. سەبىي ، نارەسىدە بالىلارنى ئائىلىدىن بالدۇر يىراقلىتىش، كەلگۈسىدە مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان ياتلىشىشنىڭ باشلىنىشىدۇر. ھازىر گەرچە بىزنىڭ قوۋمدا ئائىلىدە تاماق قىلىپ بىللە يېيىش ئادىتى يوقالمىغان بولسىمۇ، قانچە مىڭ يىللاپ ئۆيدىكى داستىخان، قازان بېشىدىن چىقمىغان شاھانە تاماقلىرىمىزنىڭ بازارلىشىشى بىلەن ئۆي، تۆشۈك مۇھەببىتىنى بازارلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئائىلە مۇھەببىتى بازار ئىقتىسادىي سودىسىغا، مېھىر - مۇھەببەت پۇل ئوبوروتىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بار. شۇڭا، ھەرقانداق ئۆي ھەم ئائىلە ئەزالىرى ئۆينىڭ مېھىر - مۇھەببەتلىك قازان ئېسىپ دەرقەمدە تاماق يېيىش ئەنئەنىسىنى قوغداش ھەققىدە باش قاتۇرۇشىمىز، ئالدىن ئويلىشىمىز زۆرۈردەك تۇرىدۇ. بازارنى دەپ ئۆينى بازاردا سېتىۋەتسەك، ئۆيسىز بوپ قالىمىز. يامان دوزاخلارنىڭ بىرسى جېنى تۇرۇپ ئۆي - ماكانسىز قېلىش. يېقىندا، تاشكەنتتىن كەلگەن بىر مېھمان: «مەن سىلەردە ئىككى چوڭ ئىسراپنى كۆردۈم. بىرسى، رېستوراندىكى يېرىمدىن كۆپى ئېشىپ قالغان تۈرلۈك - تۈمەن تائاملار؛ يەنە بىرسى، تاپقان - تەرگىنىڭلارنى تامغا چاپلاشلىرىڭلار. سىلەر بىر ئوبدان ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ئۆيلىرىڭلارنى بېزىدۇق، دەپ ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلىدىكەنسىلەر. ھەر نەرسىنى ئوتتۇراھال، نورمال قىلغان ياخشى. ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى پالاكەت، ھالاكەت باسىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىسراپچىلىق. يەر يۈزىدە كىم نېمىنى ئىسراپ قىلىدىكەن، شۇ خارلىغان نەرسىنىڭ ئون ھەسسىسىدە ئۆزى خارلىقتا قالىدۇ. ئەڭ يامان دوزاخ خارلىقتا قېلىش، سىلەرنىڭ خارلىقتا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىسە بولغۇدەك» دەپ ئۇلۇغ - كىچىك تىندى. بىز بىر نېمىنى قىلىپ كېتەلمەيمىز، دورايمىز، دوراپ ئاشۇرۇۋېتىمىز. شۇڭا، ئۆي تۇتقان ھەربىر كىشىمىز ھەرقانچە ئېشىپ - تېشىپ كەتسىمۇ، ھەر ئىش قىلغاندا، ھەر تىنىق ئالغاندا ۋە ھەربىر قەدەمنى باسقاندا ئۆينى ئويلىشىمىز، ئۆي ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىشقا ھوشيار بولۇشىمىز زۆرۈر. شۇنداق قىلساق، خارلىقتا قالمايمىز. بىز ئۆينى بېزىگەندە ياتاق ئۆي بىلەن تاماقخانىنى، ھاجەتخانىنى پاكىز قىلىشقا تىرىشىپ، ھەشەم - دەرەم، ئۇپا - ئەڭلىك، ئوسما، پەداز دېگەنلەرگە پۇل ئىسراپ قىلىشتىن، شۇ ئىسراپچىلىقنىڭ جازاسىغا قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىسەك، ئاچچىق دەرد يۇتۇۋالمايمىز. يەھۇدىيلارنىڭ يىغلاش تېمى ئۇلارنىڭ دەردىنى تۆكىدىغان جايى ئىمىش. شۇ يەردە ھەربىر ئادەم، ئىچىدىكى دەردىنى تۆكۈپ، يىغلاپ، يەڭگىللەپ قالارمىش. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەردمەنلەر كۇلۇبى باركەنمىش. ھەرقانداق ئەلەم تارتقان ئادەم شۇ يەردە ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ ۋارقىراپ، تىللاپ، يەڭگىللەپ چىقاركەنمىشلەر. ھەربىرىمىز ئىچىمىزگە كىرگەن ھەر خىل پىغاننى چىقىرىشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئىچىمىزدىكى خاپىلىق ئاچچىق قاداققا، قاداق كېسەللىككە ئايلىنىشتىن بۇرۇن چىقىرىۋېتەيلى. ئۆي بېزەش خاپىلىقىدا ئاغرىپ ئۆلگەنلەر، ناچار ماتېرىيالنىڭ سەۋەبى بىلەن كېسەل بولغانلار، رېستوران خۇمارلىق بىلەن دەرد تېپىۋالغانلار، سەرسان بولغانلار ئازمۇ؟ ئېنىقكى، ئىسراپچىلىق ئادەمنىڭ روھىنى بۇزۇپ، روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ۋۇجۇتلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆينى كۆپ پۇل ئىسراپ قىلىش بىلەن ئەمەس، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تۇتايلى.
(داۋامى بار، تور بېتىمىزدىكى «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىدىن ئىزدەڭ) (ئاپتور: شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى)
|