بىر كۈنى، پىكاپ بىلەن كېتىپ باراتتىڭ. كۆزۈڭ يىراقتىلا مۈكچىيىپ پىيادە كېتىۋاتقان بىر گەۋدىگە چۈشتى. سەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە دەرھال پىكاپتىن چۈشتۈڭ. بۇ مېھرىبان سېيماغا تىكىلگىنىڭچە تۇرۇپلا قالدىڭ. ئۇمۇ ساڭا تىكىلدى- دە، ئىككىڭلار بىر- بىرىڭلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈڭلار. ئۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. سەن ئۇنى پىكاپىڭغا ئولتۇرغۇزدۇڭ. - ئۇستازىم!... _ دېدىڭسەن چوڭقۇر ھاياجان بىلەن، - سىلى مەنزىلگە يېتىشىم ئۈچۈن يۈرەك-قانلىرىنى سەرپ قىلغان ئىدىلە، بۈگۈن سىلىنى كىچىككىنە بولسىمۇ مەنزىللىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن خىزمەتلىرىدە بولۇۋالاي... ئۇ كىشى سېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇڭ ئىدى، سىلەر قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتىڭلار. پىكاپ يەڭگىل مۇزىكىغا تەڭكەش بولۇپ، مەنزىل تامان چاپماقتا ئىدى. «... مەن ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۇستازلارنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپتىمەن ھەم شۇ خالىس نىيەت ئۇستازلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىپتىمەن. ھەي ئۇستازلار... قەدىردان ئۇستازلار... سىلەر ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىنسان. ئۇستازلار ھامان مېنىڭ قەلب تۆرىمدە. غەمگۈزار ئۇستازلار مەن ئۈچۈن ھەممىدىن يۈكسەك، ھەي ئۇستازلار... ئۇستازلار...» ئۇستازىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەنۇ، لېكىن چوڭقۇر خىياللار سېنى ئەسىر قىلماقتا ئىدى. چوڭ يولدا پىكاپ قۇيۇندەك ئۇچۇۋاتىدۇ. سەن ئۇستازىڭنىڭ سۆزلىرىگە خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىڭدىكىگە ئوخشاشلا قۇلاق سالماقتا ئىدىڭ ... ...
يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ! مۇشتەرى بولۇڭ!
ژۇرنىلىمىزغا يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش باشلاندى، جايلاردىكى پوچتىخانىلاردىن ياكى مىللەت- دىن ئىشلىرى ئىدارىلىرىدىن مۇشتەرى بولالايسىز، پوچتا ۋاكالەت نومۇرى 117-58
بىر يىللىق باھا: 27يۈەن يېرىم يىللىق باھا: 13.5 يۈەن ژۇرنال يەككە باھاسى: 4.5يۈەن
ژۇرنىلىمىزنى ھەم ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز!
شەھەر ئىچى ھەقسىز 8 سائەت ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى : 0991-8569662 بىر تېلېفون بىلەن ژۇرنالنى قولىڭىزغا ئالىسىز!
|