مۇئەللىپنىڭ ئىلاۋىسى:
ئۈلگە _ ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋى يېتەكچى. ئۈلگە ئارقىلىق كىشى دۇنيا قارىشىنى، قىممەت قارىشىنى، تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى ئۆزگە رتەلىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە _ ئاشۇ «ئۈلگە»نىڭ قانداق بولۇشى؛ ئاكتىپ ئىدىيىگە ياكى پاسسىپ ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىشىدا بولىدۇ. ئىنسان ۋۇجۇدى يەنە چەكسىز ھەم سىرلىق ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا بىھېساب نەرسىلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنى بايقاش، ھېس قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش كۆپىنچە ھاللاردا شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ. يەنى ھەرقانداق بىر ئىنسان ۋۇجۇدىدا ئومۇمەن ئوخشاش بولغان، شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئورتاق ئىش ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئەركىن ئەبەيدۇللا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «قابىلىيەت ۋە ئەخلاق _ مىللەتنىڭ پەرۋاز قانىتى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتتە مەن «زامانىۋى، ئىلغار مىللەتلەر بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز» ھەققىدە توختالغان؛ «زامانىۋى، ئىلغار مىللەت _ ئۆزىدىكى خۇراپاتلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرىنى ئاچالايدىغان مىللەت» دېگەن قاراشنى تەكىتلەپ، ئىلغار مىللەتلەردىكى پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم. شۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلىنى ھېس قىلدىم. ئۇ بولسىمۇ، ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە _ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى. چۈنكى بىزنىڭ بۇنداق ئىلغار ئۇسۇلغا ئىگە بولۇشىمىز _ زامان تەلىپىدىكى ئىلغار ئادەم، ئىلغار مىللەتكە تەرەققىي قىلىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئەخلاقىي بۇرچ بولۇپ، بۇنداق بىر توغرا ئۇسۇل بولماي (يورۇتۇلماي) تۇرۇپ، بۇ يەردە بېرىلگەن جاۋابتىكى بىر تالاي ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۈنۈملۈك قىلىشقا مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا مەن بۇنى مېڭىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باش - بۇرنى ھېسابلاپ، ئوقۇرمەنلەر سەمىگە تولۇقلىما قىلىشنى لايىق كۆردۈم. بۇ ئىشنى مەن مۇبارەك ژۇرنالدىكى ئىلمىيلىكنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈپ بېرىشىغا قىلىنغان ئاددىي بىر خىزمەت بولدى، دەپ قارايمەن. سىز ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بىلەمسىز؟ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ ئاكتىپ ئۇسۇلىنى يېتىلدۈردىڭىزمۇ؟ قېنى، سۆھبىتىمىزگە مەرھەمەت قىلغايسىز. ھازىرقى زامان ئىلىم - پەنى ئېچىپ بەرگەن ھەقىقەتلەر بويىچە ئېيتقاندا، تەرەققىي قىلىپ ئىلغار مىللەت بولۇش دېگەننىڭ نېگىزى _ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىقىش، دېگەن گەپ بولۇپ، بۇنىڭدا ھەركىمنىڭ، ھەر يەرنىڭ، ھەربىر خەلقنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلى بار. خۇددى ئەڭ باي ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئىشچان، ئەڭ داڭلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەڭ بىلىملىك، ئەڭ داڭلىق ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا چىرايلىق بولۇپ كېتەلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ بايلىققا، بىلىم دېڭىزىغا، گۈزەللىككە يېتىپ بېرىشىدا ئېتىقاد، جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئىجتىمائىي، سىياسىي چەكلىمە قاتارلىقلار بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە شۇ تۈپەيلىدىن خىلمۇخىللىق يۈز بېرىدۇ. ئەمما، ھەممىگە ئورتاق بولغان بىر ئۇسۇل باركى، بۇنى ھېچقانداق ئادەم ياكى مىللەت چەتكە قاقالمايدۇ. بۇ بولسىمۇ _ ئاكتىپ ئۇسۇلدا تەربىيىلىنىش، مېڭىمىزنى شۇ ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ئايلاندۇرۇش (ئىشلىتىش)تۇر. شۇڭا بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ (نى - نى شېرىن ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقان، بىرەر ئىشتا ئارىسالدى بولۇۋاتقان ياكى تەمتىرەۋاتقان ئاتا - ئانىلارنىڭ، ياشلارنىڭ، بالىلارنىڭ) بۇ ئۇسۇلنى جىددىي قولغا ئېلىشىنى، بىر - بىرىگە تەشەببۇس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىزنىڭ مېڭىمىز ناھايىتى مول قابىلىيەت كانى بولۇش بىلەن بىرگە نازۇك، سەزگۈر، مۇرەككەپ ماشىنا. بىزدە «چوڭ مېڭە»دىن ئىبارەت يوشۇرۇن قابىلىيەت كانى بولسىمۇ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىمىز توغرا بولمىسا، ئۇ كاننى ئۈنۈملۈك ئاچالمايمىز. ئۇنى توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈش تامامەن ئىدىيىۋى تەربىيىلىنىشكە باغلىق بولۇپ، بۇ خۇددى ئادەمنىڭ زېھنىي قابىلىيىتى، ئىممۇنىتېت كۈچى، فىگورىسى، ئۆمرى بەزى يېمەكلىكلەر بىلەن ياخشىلىنىپ بارسا، يەنە بەزى يېمەكلىكلەر بىلەن ناچارلىشىپ بارغانغا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىكەن، ئاكتىپ ئىدىيە بىلەن تەربىيىلىنىش _ مېڭىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ شەرتى بولىدۇ. بىراق، ئىدىيىۋى تەربىيىلىنىشنىڭ ئوزۇقلۇقى يېمەكلىكلەردەك بىر نەرسىگە قاچىلاپ ئالىدىغان ياكى بازاردىن سېتىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ مۇھىتىڭىز _ سىزنىڭ ئېڭىڭىزغا تەسىر قىلىدىغان ئىشلاردۇر. مۇشۇ جەھەتتە تەربىيىلىنىشىمىز _ بىزنىڭ ئادىتىمىزنى، پوزىتسىيىمىزنى، خاسلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئويلاپ باقايلى، بىز جۇڭگودا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن قىلىقلىرىمىز جۇڭگوچە بولىدۇ، بىز يەنە ھەر خىل مىللەتتىن بولغانلىقىمىزدىن ئادەتلىرىمىز ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتلەنگەن ھەرىكىتىمىز، تىلىمىز، قىزىقىشلىرىمىزلا ئەمەس، ھەتتاكى يول يۈرۈشىمىز، يۆتىلىشىمىز، ئاش - نان، چاي، دوغ(دوغاپ) لارنى ئىچىشىمىزمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ؛ مۇزىكا، مەدەنىي مەشغۇلاتلىرىمىز، ھەتتاكى تەقى - تۇرقىمىزنى رۇسلاپ يۈرۈشىمىز، كىيىنىشلىرىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ. مانا بۇنداق ئوخشىماسلىقلار بىزنىڭ ئوخشىمايدىغان مۇھىتلاردا تەربىيىلەنگەنلىكىمىزدىن بولماي نېمە؟ بۇلاردىن تېخىمۇ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بىز «ئىدىيىۋى جەھەتتە تەربىيىلىنىش»تىن ئىبارەت ئەمەلىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، مېڭىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئۈنۈملۈك ئاچالمايمىز. بۇنداق ئىكەن، بىز ئىدىيىۋى مۇھىتىمىزدا كىملەرنى ئۈلگە قىلىمىز ۋە قانداق تەربىيىلىنىمىز؟ ئالدى بىلەن بۈيۈك غايىلىك ئاكتىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەرنى ئۈلگە قىلىپ، پاسسىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەرنىڭ مۇقامىغا توۋلاشتىن ئۆزىمىزنى تارتىمىز. چۈنكى بىز پاسسىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە بولساق ۋە ئۇلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرسەك، مېڭىدىن ئىبارەت ماشىنا پاسسىپ ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلىنىپ بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بۈيۈك غايىگە ئىگە ئاكتىپ ئادەملەر بىلەن بىللە بولساق ۋە ئۇلارنىڭ دانا سۆزلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاش يولىدا مۇستەقىل كاللا ئىشلىتىشنى ئۆگەنسەك، مېڭىدىن ئىبارەت سىرلىق ماشىنا ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلىنىپ بىزنى ئۇتۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئاچىدىغان ئىشەنچلىك ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، دۇنياغا مەشھۇر بولغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغان ئۇلۇغ تەسىرلەرنى قالدۇرغان كىشىلەرنىڭمۇ ئەڭ ئەلا ئۇسۇلىدۇر. مىسال ئالساق، ئامېرىكىلىق مەشھۇر پېداگوگ، جەمئىيەتشۇناس كارنىگ دۇنيادىكى نەچچە مەدەنىيلىكتە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان داڭلىق ئەللامە. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر بولۇشتىن بۇرۇن خۇددى بىزدەك ئاددىي ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ چوڭلار مائارىپى بويىچە پادىشاھلارمۇ باش ئۇرىدىغان شۇنچە شۆھرەتلىك ئۇستازغا ئايلىنىپ كېتىشىدە، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئالاھىدە رول ئوينىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ لىنكولن باشچىلىقىدىكى ئۇلۇغ ئادەملەرنى ئۈلگە قىلىپ، ھەرقاچان ھەر يەردە، ھەر گەپ، ھەر سۆزدە ئۆزىنى شۇ ئۇلۇغلارغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىشى؛ ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب خىسلەتلىرى بىلەن تولۇقلاپ مېڭىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. «ئىنسانىيەت پاراسىتىنىڭ پارلاق نۇرى» دېگەن ئەسەر ئەمەلىيەتتە كارنىگنىڭ لىنكولندىن ئۆگىنىش تەسىراتى بولۇپ، ئۇ لىنكولننىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئالىي خىسلەتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، مەشىقتىن ئۆتكۈزگەن. كارنىگ بۇنداق ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ داھىيلىرىدىن، ئالىملىرىدىن ئۆگىنىپلا قالماستىن، ھەتتا ئارقىدا قالغان ھىندىستاندەك ئەللەردىكى گەندىگە ئوخشاش ئۇلۇغ ئادەملەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلاردىكى ئۇلۇغ نۇرلارغا ھۆرمەت قىلىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىك جايلىرىنى بايقىۋېلىپ، ئۆز تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى شۇلارنىڭ ئۈلگىلىك سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ھەل قىلىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، توختىماي ئالغا باسقان. مەسىلەن، لىنكولن سىياسىي جەھەتتىكى كۆڭۈلسىزلىك ۋە پاجىئەلىك نىكاھ ئىشى بىلەن «گويا دوزاخ ئازابىدەك غەم - قايغۇ»غا پېتىپ كېتىپ، ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە تاسادىپىي يۈز بەرگەن بىر ئىش بىلەن نىشانىنى ئۆزگەرتىپ«ئاق ساراي»غا قاراپ يول ئالغان. كارنىگ بۇنىڭدىن ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭمۇ قايغۇلۇق كۈنلىرى بولىدىغانلىقىنى، لىنكولننىڭ ئۇلۇغ بولۇپ كېتىشى ئەنە شۇنداق ئاچچىق كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈپ يەنە ئۇتۇققا يېتىپ بېرىشىنى بىلگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى بايقىۋېلىپ، ئۇنىڭ قايغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى شاگىرتلىرىغا قارىتىلغان دەرسلىكلىرىدە غەم - قايغۇنى يوق قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ شەرھلىگەن. لىنكولن ھەققىدە ئەسەر يازغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ، لىنكولىننىڭ «قولىغا بىر پارچە كىتاب چۈشۈپ قالسا، ئۇنى گۆھەر دەپ بىلىدىغان، ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى يەنە بىر دەرىجە ئۆسۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان؛ بىر ئىشقا بەل باغلاپ قالسا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىدىغان؛ توساق قانچە جاپالىق بولسا، شۇنچە ئۈستۈن غەيرەت ۋە چارە - ئاماللار بىلەن يېڭىپ تاشلايدىغان» خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان. بۇ ئۆگىنىش جەريانىدا شۇنداق خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرگەنكى، ئۇتۇق قازىنالمىغان، ھەتتا مەغلۇپ بولغان چاغلاردىمۇ يەنە بىر ئىشتا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىن بولغان. «نەدە يىقىلىپ كەتسەم، شۇ يەردە ئورنۇمدىن تۇرىمەن» دېگەن قەسەميات بىلەن ياشىغان. ئالايلۇق، سېتىقچىلىق ھاياتىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ خىزمىتىمدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەن بولساممۇ، تىرىشىپ يېزىشنى توختاتمايمەن. مەن ئۆزۈمگە ياخشى بىر روھ ۋە توغرا بىر كۆز بىلەن قارىشىم كېرەك. مەن خۇددى قۇياشتەك يېنىپ تۇرۇپ، قاراڭغۇ كوچىلاردا كېتىۋاتقان يولۇچىلارغا يورۇقلۇق تارقىتىشىم كېرەك. تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆزۈمنى نامايان قىلىدىغان بىر ئەپچىل چارىگە ئىگە بولۇشۇم، كېلەچەكتە بولسا، رېئاللىققا ئۆزۈمنى جانلىق توغرىلاپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر ئۇتۇق يولىنى ئېچىپ، ئۆزۈمدىكى تۇغما قابىلىيەتلەرنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشۇم كېرەك.» دانىشمەن كارنىگ بىزگە ئوخشاش ئاددىي ئادەمدىن بۈيۈك دانىشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشتە ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئادەملەردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىگە ئەنە شۇنداق خىتاب ۋە مۇسابىقىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغانىكەن، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ مېڭىمىزدىن ئىبارەت سىرلىق ماشىنىنى توغرا ئايلاندۇرۇپ ئۇلۇغ كىشىلەرگە ئايلىنىشىمىزنىڭ ئۈلگىسىدۇر. شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەسلىيىتىدە ئادەتتىكى ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشىدە ئادەتتىكىلەردىن ئالاھىدە تۇرىدىغان يېرى يوق. ئۇلار ئاساسلىقى تارىخىي خاتىرىلەرگە چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئەۋلادنى تەربىيىلەش ئېھتىياجى بىلەن كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقتىن، ھەيۋەتلىك ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە ئايلىنىپ، ئادەتتىكىلەرنى ئەيمەندۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر «ئۇلارنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى، كەسپى ۋە ئورنى ئادەتتىكىلەردىن ئاسمان - زېمىن پەرق قىلىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. ئادەملەرنىڭ تەن تۈزۈلۈشى تامامەن ئوخشاش تۇرسا، يارالمىشى ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرسىنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولسا، يوشۇرۇن قابىلىيىتىمۇ غايەت زور بولىدىغان، ئورنى تۆۋەن بولسا يوشۇرۇن قابىلىيىتى يوق بولىدىغان ئىش نەدە دەيسىلەر_ بۇ يەردىكى گەپ مەرتىۋىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ئەمەس، بەلكى، خۇددى كارنىگنىڭ لىنكولن ۋە باشقا ئۇلۇغلاردىن ئۆگەنگىنىگە ئوخشاش، «ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغلارنى ئادەتتىكى ھالىتىدىن ھالقىتىپ مۆجىزىلىك قىلىۋەتكەن نەرسە زادى نېمە» دېگەننى _ ئۆز مېڭىسىنى ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈشنى پەم بىلەن ئىگىلەپ ئېلىشىدۇر. ئالايلۇق، بىرمۇنچە ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى زۇڭتۇڭلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاراڭغۇ كەپىلەردە دۇنياغا كەلگەنىكەن، ناھايىتى كۆپ مەشھۇر كىشىلەر دەسلىپىدە سەھرا بالىلىرى ئىكەن. تارىخىمىزدىكى مەشھۇر كىشىلەرگە قارىساقمۇ، ئەھۋال ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ كىشىلەر شەھەرلەرنى مەشھۇر شەخسلەر دۇنياغا كېلىدىغان ئوچاق، دەپ ئويلايدۇ. شەھەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىرمۇنچە كىشىلەرمۇ يېزا - سەھرالىرىمىزنىڭ، يېزىلارنى گۈل - بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، ئاجايىپ شەھەرلەرنى بىنا قىلغۇچى ۋە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئۇلۇغ زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. لېكىن، يېزىنىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسىنى ھەقىقەتەن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. يېزا _ كۈچلۈك بەدەن، چاققان قول، زېرەك مېڭە يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بالىلار ھەر كۈنى تەبىئەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلاردا پاك، گۈزەل پەزىلەتمۇ يېتىلدۈرىدۇ. بۇلار چوڭ شەھەرلەردە چوڭ بولغان بالىلاردا كەم تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتىپى گۈزەل دالا، ئاپئاق بۇلۇت ۋە تۆت پەسىل مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، بۇ مەكتەپ ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئۆگىتىدۇ. ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار، ئەگرى - بۈگرى كەتكەن تىك چوققىلار ئۇلاردا ئالىيجاناب خىسلەت يېتىلدۈرىدۇ؛ سۈزۈك تاغ سۇلىرى ئۇلاردا ھەققانىي - ئادىل، تىنچ ئاڭ شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق گۈل - گىياھ، قۇرت - قوڭغۇز، توخۇ - ئۆردەك، ئىت - مۈشۈك، كالا - قويلار ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ بۇلىقى، بۇلاردىن باشقا ئۇلار يەنە ئۆي ھايۋانلىرىدا بولىدىغان ئانىلىق مېھرىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ، چۈشىنىشلىك دەرس ئالالايدۇ. يېزىلاردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرمۇشى گويا چوڭ ۋە قىزىقارلىق خىمىيە تەجرىبىخانىسى. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەرخىل ئاجايىپ مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ: كەڭ زېمىن چىرايلىق، خۇشپۇراق گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلانغان، ئېتىزلاردىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھاياتىغا زۆرۈر بولغان ئاشلىق چىقىپ تۇرغان، تاغ - دالىلار ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ياغاچ بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان؛ ئۇلار چىرايلىق گۈل - چېچەكلەرنىڭ قانداق ئېچىلىدىغانلىقىنى، رەڭدار مېۋىلەرنىڭ قانداق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، يۇمران مايسىلارنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى، بارلىق ھاشاراتلار، ئۇچار قۇشلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت تەمىنلىگەن بارلىق نەرسىلەردىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇلارنىڭ تەجرىبە قىلىشىنى، ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلىپ - بىلمىگەن ھالدا ئۇلۇغ ئىجادىيەت ئىقتىدارى، مول بىلىم ۋە ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا يېتىپ ئاشقۇدەك ئەقىل - پاراسەت يېتىلدۈرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بىلەن يېزا ئەمەلىيىتى ئارىلىقىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە پەرق بولىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىر قىسىم كىشىلەر ئاكتىپ ئىدىيە بىلەن يېزىنىڭ بۇ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرۈپ يەتسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پاسسىپ ئىدىيە بىلەن يېزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىنكار قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھازىرقى كۈندە بىر قىسىم كىشىلەر ناھايىتى زور بەدەل تۆلەپ يېزا ۋە جاڭگاللىرىمىزنى ئېچىپ يىرىك يېزا ئىگىلىك قۇرۇشقا ئاتلاندى، بۇلار بەلكىم يېزىلارغا ئەنە شۇنداق ئاكتىپ ئىدىيە بىلەن قاراپ مېڭىۋاتقانلاردۇر. ئاتا مىراس يېزىلاردىكى باغۇ - بوستانلىرىنى تاشلاپ شەھەرلەرگە سوقۇنۇپ كىرىۋاتقانلار بولسا، بەلكىم بەزى جەھەتلەردىن پاسسىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەردۇر. ئەگەر بۇنداق پاسسىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەر، يەنىلا ھەممە راھەت - پاراغەتنى شەھەردىن كۆرۈپ، يېزىلارنى «سەھرايى قىيامەت» دەپ، ئاكتىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەردىن ئۈلگە ئالمايدىكەن، تاڭلا كۈنلەردىن كېيىن ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرى ئاشۇ ئاكتىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەرنىڭ مەيدانلىرىغا مەدىكار بولۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيىتىمىزنى ئېچىشتىكى ھەقىقەت كۆزى ئاشۇ ئادەملەرنىڭ يېڭى زېمىنلارنى ئىگىلەش ئىدىيىسىگە كېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلەش پەم - پاراسىتىنى ئىگىلەپ ئېلىشتۇر. بۇ يەردىكى پەم ئاكتىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەرنىڭ يېزىلارغا پەن - تېخنىكا ئېلىپ كىرىشى _ ئۇلارنىڭ يېزا ئەمگىكى جاپالىق بولسىمۇ، پەن - تېخنىكا بىلەن جابدۇنغان ھامان، يېزىلارنىڭ يۇقىرىدىكى شەھەرلەردە يوق ئەۋزەللىكلىرىنى ھەسسىلەپ جارى قىلدۇرۇپ، سەھرادا شەھەر خەلقى كۆرەلمەيدىغان، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان راھەتلىك تۇرمۇشنى قۇرۇش مۇمكىنلىكىنى؛ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، باشقۇرىدىغان قابىلىيەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقىمۇ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت يىراقنى كۆرگەنلىكىدۇر. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىپ كامىل ئىنسان بولۇشىدا، بۈيۈك غايىگە ئىگە ئاكتىپ ئىدىيىدىكى ئادەملەردىن ئۈلگە ئېلىش ھەربىر ئادەم، يۇرت، خەلق ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلەر پەقەت مېڭىسىنى ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئەلا مۇھىت ھاسىل قىلغاندىلا، جامائەت ئىچىدە «مىڭ يىل ئوقۇغاندىن بىر سائەتلىك تەپەككۇر ئەلا»دەيدىغان ئىدىيىۋى سەكرەش ھاسىل بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئىختىرا ۋە ئىجادىيەت ئەۋج ئالىدۇ - دە، پۈتكۈل خەلق تۇرمۇشىدا زور گۈللىنىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ھەقىقىي مىللىي ئىستىقبالنىڭ كولدۇرمىسى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى مېڭىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ ئاكتىپ ئۇسۇلىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟
(ئاپتور: »مۇنبەر« ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر) ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن
|