ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
ئايال-پېقىرلىققا قارىشى پاسىبان.
ئەرلەر بەدەن بولسا،ئاياللار جاندۇر.
بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۆز ئېرىنىلا بەخىتلىك قىلىش بۇرىچى بار.
ئايالنىڭ بايلىقى ئېرىنىڭ مۇھەببىتى.
ئاياللارنىڭ مىيغىدا كۈلۈشى قانچىلىك يېقىملىق بولسا،ئۇلارنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشى شۇنچىلىك يېقىمسىز.
بىر كىشىنىڭ ئۆيدە تەدبىرلىك ۋە تەربىيلىك ئايال بولمىسا،ئۇنىڭ ھالى قورقۇنچلۇقتۇر.
ئىنسانلارنىڭ سائادىتى ئاياللار قولىدىن باشلىنىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئەڭ قانائەتچان بولغىنىدۇر.
دۇنيادا ئەڭ بەختسىز كىشىلەر-تەربىيلىك ئايال بىلەن تەربىيلىك پەرزەنتلەردىن مەھرۇم بولغانلار.
گۈزەللىكى بىلەن ماختانغۇچى ئايال ھەقىقىي گۈزەل ئەمەس،بەلكى ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئايال ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەلدۇر.
پاك ئايالنىڭ ئىپلاس خىزمەتچىسى بولماس.
كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ياخشى خۇلقلىق ئايالدىن ھاسىل بولىدۇ.
تەكەببۇرلۇق-كىشىلەر ئۈچۈن،بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن يامان ئادەت.
بالىلىرىنى كۆرۈپ،ئانىسىنىڭ تەربىيسى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشى،ئاياللارنىڭ كوچىلاردا يۈرۈشى ئائىلىگە پېقىرلىق كەلتۈرگۈچى ۋاستىلەردىندۇر.
رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ |