ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
رەسسامنىڭ قىسقىچە تەرجمىھالى
نۇرمۇھەممەتجان قارى ياش، ئىجتىھاتلىق رەسساملارنىڭ بىرى بولۇپ 1977- يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 2000- يىلى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن . 2002- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان . ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ماي بوياق رەسىم ئىجادىيتىگە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىر تۈركۈم رەسىملەرنى سىزىپ ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇپ كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشتى.خېلى كۆپ ئەسەرلىرى «شىنجاڭ سۈرەتلىك ژورنىلى» ،« مىراس» ، « شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» «قەشقەر» قاتارلىق گېزىت –ژورناللاردا ئېلان قىلىندى ۋە مەخسۇس بەتلەردە تونۇشتۇرۇلدى.
خېلى كۆپ ئەسەرلىرى جۇڭگۇ ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەرپىدىن ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىندى.
2011-يىلى كوناشەھەر ناھىيىلىك رادىيو-تىلۋىزىيە ئىدارىسى « كوناشەھەر مەدەنىيىتى» پىروگىراممىسىدا ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيەتلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇردى.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1- كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن-تېىنىكا سارىيىدا شەخسى رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.
ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .
تىرىشچان قىرىندىشىمىز نۇرمەمەتجاننىڭ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇر ئىلىڭ:
رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ |