- شۆھرەت
- 7248
- تىللا
- 2510312
- تۆھپە
- 6948
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-1
- تىزىملاتقان
- 2013-8-15
- تېما
- 422
- نادىر
- 69
- جۇغلانما
- 2532815
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 714
    
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! ( مېغىزنى قوبۇل قىلىپ، شاكالنى چىقىرىپ تاشلىغايسىز ... )
ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 8 يىللىق ئۇچۇر - تېخنىكا ساھەسىدىكى خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە. دېيارىمىز ھەم ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەر قايسى كارخانىلاردا ئىشلەپ باقتىم. بۇ ساھەگە تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى سۈپىتىدە كىرىپ، ئالدى ئارقى تور بەت لايىھەلىگۈچىسى، لايىھە دىرېكتورى، تۈر دىرېكتورى، مەھسۇلات دىرېكتورى ، مانا ھازىر باش دىرېكتور خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى 1 يىل جەريانىدىكى 山东 ئۆلكىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ھېس قىلغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچى:
1. يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئۈچۈن مەبلەغ، ئادەم كۈچى، تەسىر دائىرىسى ... قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار. ئەگەر دىيارىمىزدا ئوخشاش ئۇچۇر - تېخنىكا ساھەسى تېخى تولۇق مونوپول قىلىنمىغان رايون بولغان بولسا، بۇ قىيىنچىلىقلار بىزگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، لېكىن ئىچكىرى - ئۆلكە ئۈچۈن بازار مونوپول قىلىنغان ساھە ئۈچۈن، ئاۋۋال باشقىلارغا تايىنىش لازىم. بىر گەپ بار " بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچاي دېسەڭ، ئاۋۋال بۈركۈتنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋال". شۇڭلاشقا مەن بىر مەزگىللىك بازار كۆزىتىش نەتىجىسىدە مەخسۇس دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم ساھە بېشى بولغان كارخانا ئۈچۈن مەلۇم تۈر بويىچە سانلىق - ئۇچۇر ئانالىز قىلىش مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى ئاساسلىق مۇلازىمەت تۈرى قىلدىم.
2 ، مەخسۇس تۈر پىلانى تۈزۈپ، شۇ كارخانىنى قايىل قىلىش ۋە مەبلەغ ھەل قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئاي سەرپ قىلدىم. بۇ " تۈر پىلانى " قانچىلىك كەسپىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاددىي تىل بىلەن ئېپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئالدىنقى ئايدا ئەرقەلنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۈرىنى تونۇشتۇرغان فىلىمنى كۆردۈم. بۇلاردىكى پەرق خۇددى دىيارىمىزدىكى خىزمەت ئىزدەش تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى بىلەن ئىچكىرىدىكى 非你莫属 سىلىشتۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار ھېس قىلالايسىلەر. تۈر پىلانى تۈزۈش جەھەتتە مەخسۇس پىلان يېزىش كىتابى ھەم قوشۇمچە " 0 دىن 1گىچە " دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باقساڭلار ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
3.مەبلەغ ھەل قىلىندى. ئەمدى ئىش باشلايمىز. ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە " ئىگىلىك تىكلەش فاكۇلتېتى " قۇرۇلدى. شۇڭلاشقا مەن بىۋاسىتە بۇ فاكۇلتېت ئويۇشتۇغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مەكتەپ ئىچىدىن خىزمەت ئورنى ھەل قىلدىم. ( سۈرەتتىكى ئىشخانىمىزنىڭ تۇنجى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان مەزگىلى ) . خىزمەت ئورنى، تور، توك، ئىشخانا بۇيۇملىرى ... قاتارلىق ھەممە نەرسە مەن بىر تىيىن خەشلىمەي تەييار بولدى. ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلار ئەڭ ئاۋۋال دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ ھەم شۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىڭ. ( باج، مەبلەغ ... يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە تېخىمۇ قولاي سىياسەتلەر بار. )
4. ساھەدىكى قابىللارنى ئۆزىڭىزگە ئىشلىتىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى بار: 1. كاللا يۇيۇش ( nuskin ، ئەمۋاي، دىيارىمىزدىكى كارخانىلارغا ئوخشاش ) 2. ئەڭ يۇقىرى مائاش بىلەن تەمىنلەش. ئۇيغۇرلاردىكى نۇرغۇن قابىل كىشىلەرنىڭ قانچىسى دىيارىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ؟ نېمىشقا دىيارىمىزدا بېرىپ خىزمەت قىلمايدۇ؟ نۇرغۇن سەۋەبلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل قابىلىيىتىگە چۈشلۇق ھۆرمەت يوق. مەن ئاددىي مىسال ئېلىپ بېرەي؛ بىيجىڭدىكى مەلۇم كارخانىدا ئىككى ئاي خىزمەت قىلدىم، بىر ھەپتىدە 5 كۈن. 3 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىنى تۇرۇشلۇق ئورنى يوق خىزمەتچىلەرگە ھەقسىز ئايلىق ئىجارىگە ئېلىپ بىرىدۇ. ئەتىگەن ۋە كەچتە مەخسۇس سىزنى ئېلىپ كېلىدىغان ۋە ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنا بار. 2 ھەپتىدە بىر قېتىم ھەقسىز بېلەت تارقىتىدۇ. ( ئاساسەن 2 بېلەت، ئايالىڭىز ياكى مابىتىڭىزنى بىللە ئويتىنىش ئۈچۈن. داڭلىق ئاشخانىنىڭ ياكى كىنوخانىنىڭ ياكى ساڭنا ياكى دىبانىڭ دېگەندەك، ئۆزىڭىز تاللايسىز. ) تاماقنى شىركەتنىڭ ئۆزى تەمىنلەيدۇ. مۇسۇلمان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تاماق تولۇقلىمىسى بار. باجدىن كېيىن مېنىڭ قولغا ئالغان مائاشىم 8800 يۈەن. ( ئۇزۇن يىللىق توختام تۈزسىڭىز بۇنىڭدىن كۆپ، مەن پەقەت ئىككى ئايلا خىزمەت قىلالىغاچقا مۇشۇنداق ئاز چىقىپ قالغان ) . باشقا ئىش ئەمەس، ئىككى ھەپتىدە تارقىتىدىغان ئاشۇ بېلەت، كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ھۆرمىتى. ئەمدى دىيارىمىزدىكى كارخانىلارغا قاراپ باقساق، پايغا چىقمىغان كارخانىسىدا پاي بۆلۈپ بىرىمىز دىيىشلىرى، سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى؟ سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىكى؟ بۇ پەقەت سىزنى ئالداپ شۇ كارخانىغا باغلاپ قويۇشى پەقەت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا " مىللىتىمىز، دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزگە ئىشلىسە بولىدۇ " دەپ ئاغزىغا سوسكا سالىدىغان كىچىك بالا بولمىساق بىز؟ ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىكى خىلى يامان ئەمەس كارخانىدىن نەچچىسى بار، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال مۇشۇنداق.
ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك، ئىشخانا جەھەتتە خىلى كۆپ چىقىمنى تېجەپ قالغاچقا، ئادەم قوبۇل قىلىش جەھەتتە بىرگە يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان بىيجىڭدىكى كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان ھۆرمەتنى ئاساس ھەم مائاشىنى يۇقىرى قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، ئالىي مەكتەپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ئۆزۈمگە خىزمەت قىلدۇردۇم. " 3000 يۈەن مائاش ئېلىش ئۈچۈن 5000 يۈەنلىك ئىش قىلىش " ئەمەس، شۇ خىزمەت ئورنى 5000 يۈەن مائاش بېرىش تېگىشلىك بولسا شۇ 5000 يۈئەننى بېرىڭ. ئاندىن باشقىلارشۇ پۇلغا چۈشلۈك قىممەت يارىتىپ بىرىدۇ. ھەرگىزمۇ قانچىلىك قىممەت ياراتسا، شۇنچىلىك مائاش ئالىدۇ دېگەندەك پاراڭنى قىلماڭ.
5. ئادەم ھەر خىل ھەر ياڭزا بولىدۇ. نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكلىرى بولىدۇ. باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە يىتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ. بۇلارنى توغرا چۈشىنىش لازىم. بىلمىگەننى ئۆگىتىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارتۇقىچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم. مەن بىيجىڭدىكى كارخانىغا ئىشلەشتىن بۇرۇن دىيارىمىزدىكى xxx كارخانىغا مەھسۇلات دىرېكتورى خىزمەت ئورنىغا تەرجىمىھالىمنى يوللىغان، ئۇلار مېنى يېشى كىچىككەن دەپ رەت قىلدى، ئاخىرىدا بىيجىڭدىكى كارخانا قوبۇل قىلدى. يەنى بەزى يېتەرسىزلىكىنى دەپ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنىدىن مەھرۇم قالماڭ.
6. بازار رىقابىتى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. تور بېكەتنى مىسالغا ئالساق، كۆرۈنمە يۈز، مەزمۇن سىزگە قىسقا ۋاقىتلىق ئارتۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن بىلەن، تېخنىكىلىق قىممىتى ناھايىتى كىچىك، ناھايىتى تىزلا دوراپ سىزدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ. لېكىن ئىنچىكە نۇقتىلار ( 用户体验 , 细节 , 简洁性 ) بۇلارنى دوراش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. شۇڭلاشقا مەيلى نېمە تۈر قىلماڭ، ئىنچىكە نۇقتىلار سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم رىقابەت ئۇلىڭىز. |
|