باش بەتگۈزەل سەنئەت بىلىملىرى ئۈنۋىرسال يازمىلار ئىتوت،بوكس ۋە ناخشاگۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈرەتلىك بىلىملەرچۈشۈرۈش مەركىزى
cnzz-CFGJ-4512-SJ89-191416

 

无标题文档
ئىسىم :    پارول :    تەستىق نومۇر :  چەكسىڭىز يېڭىلىنىدۇ .....كىرىش..... .....تىزىملىتىش.....
 ئورنىڭىز : باش بەت==خەۋەرلەر==خەۋەر كۆرۈش


گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى

[ ئاپتورى : توردىن | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ20كۈنى | كۆرۈلىشى : 5 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]

بەكرى ئابدۇل

     ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇش ئۈچۈن، ئالىي پەزىلەت بولغاندىن باشقا، يەنە ساغلام ئېستېتىك زوق ۋە مۇئەييەن ئېستېتىك ئىقتىدار بولۇشى لازىم. بۇنداق ئىقتىدار مەكتەپلەردە سەنئەت تەربىيىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

     1. گۈزەل سەنئەت دەرسى باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى يىللىقى (يەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن باشلاپ ئۆتۈلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول كۆندۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىلسە، ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، ھەرپ، سان، شەيئىلەرنى تونۇشىغا ياردىمى چوڭ بولىدۇ.

     2. گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت دەرسى تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ پۇختا ئۆتۈلسە، ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەللىك قارىشى يېتىلىدۇ، ئاددىيسى، ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەكلەرنى يارىشىملىق، پاكىز كىيىش قارىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

     3. گۈزەل سەنئەت دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەش ۋە سىزىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگىلى، ئىنشا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

     4. گۈزەل سەنئەت تەربىيىسى ئالغانلار بىلەن گۈزەل سەنئەت تەربىيىسى ئالمىغانلاردا پەرق بولىدۇ. مەسىلەن: كىيىنىش، ئىشخانا مۇھىتى، بىر نەرسىلەرنى لايىھىلەش قاتارلىقلاردا يەنىلا گۈزەل سەنئەت تەربىيىسى ئالغانلارنىڭ ئېپى بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت تەربىيسى ئالغان ئوقۇغۇچى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، كەسىپ ئۆگىنىشتە قىينالمايدۇ. گۈزەل سەنئەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، كىچىكرەكى ئويۇنچۇقتىن چوڭراقى شەھەر مۇھىتىغىچە، ئاددىيسى بىر تال تۈگمىدىن، مۇرەككەپرەكى ئالەم كېمىسىگىچە بولغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى گۈزەل سەنئەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

(ئاپتور: پىچان ناھىيىسى چىقتىم بازار باققا باشلانغۇچ مەكتىپىدىن)

* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش*

 ئالدىنقى پارچە : گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى
 كىيىنكى پارچە : سۇ بوياق توغرىسىدا چۈسەنچە

ئۈستىگە قايتىشزىيارەت قىلىۋاتقانلاردوستانە ئۇلىنىش