باش بەتگۈزەل سەنئەت بىلىملىرى يازما-پۈتۈكلەر ئىتوت،بوكس ۋە ناخشاگۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈرەتلىك بىلىملەرچۈشۈرۈش مەركىزى
cnzz-CFGJ-4512-SJ89-191416

 

无标题文档
ئىسىم :    پارول :    تەستىق نومۇر :  چەكسىڭىز يېڭىلىنىدۇ .....كىرىش..... .....تىزىملىتىش.....
 ئورنىڭىز : باش بەت==خەۋەرلەر==خەۋەر كۆرۈش


تەشۋىقات رەسىم توغرۇسىدا

[ ئاپتورى : سەئىدىيە | مەنبەسى : سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى | يوللىغۇچى : seidiye | يوللانغان ۋاقتى : 10يىلى11ئاينىڭ12كۈنى | كۆرۈلىشى : 38 قېتىم | خەت چوڭلۇقى : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك ]

تەشۋىقات رەسىم جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن پېرسوناژلىرى، كۆز چاقنىتىدىغان يارقىن رەڭلىرى، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان چوڭ خەتلىك بېغىشلىمىلىرى بىلەن، بىر كۆرگەن ئادەم ئۇنتۇپ قالمايدىغان كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. قايناق بازارلارغا چاپلىنىپ، كىشىلەرگە قارىتا تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشتەك رول ئوينايدىغان رەسىم پلاكات رەسىم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلايلى» دېگەن رەسىمدىكى ياش ئىشچىنىڭ مەردانە، قىزغىن چىراي - قىياپىتى ۋە ھەرىكىتى، كىشىلەرنى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. «پاقىلارنى قوغدايلى»، «سۈپەتلىك تۇغۇش، ياخشى تەربىيىلەش» قاتارلىق رەسىملەر كىشىلەرنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قەدىرلەشكە ۋە كىشىلەرنى ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەشۋىقات رەسىمى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. تەشۋىقات رەسىم ئوبرازنىڭ روشەن، ئىخچام ۋە ئاممىباب بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، «پاقىلارنى قوغدايلى» دېگەن رەسىمنىڭ مۇھىم يېرىگە پاقا تۇتقۇچىلارنىڭ قولچىراغ نۇرىنى توسۇپ تۇرغان يوغان قولى سىزىلغان بولۇپ، قولىنىڭ ئارقىسىدىكى پاقىنى قوغداپ تۇراتتى. رەسىم يۈزىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا بىر تۇتام دانلىق شال باشاقلىرى بولۇپ، شالنىڭ مۇشۇنداق ساغلام ئۆسۈشى − پاقىنىڭ زىيانلىق ھاشاراتلارنى يېگەنلىكىدىن بولغان. شۇڭا، جەزمەن پاقىلارنى قوغدىشىمىز لازىم دېگەن ھەقىقەتنى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان خەتلەر رەسىمگە جان كىرگۈزۈۋەتكەن. تەشۋىقات رەسىم ئابستراكت ئۇقۇملارنى كونكرېت ھېس قىلغىلى بولىدىغان بەدىئىي ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ، تەربىيىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە قىلىشقا بەكمۇ ماھىر. ئۇ يىراقتىن ياخشى كۆرۈنىدىغان ئۈنۈمنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن پېرسوناژ ۋە باشقا ئوبرازلار ئىخچام، ئېنىق، يىغىنچاق، رەڭلىرى يارقىن، سېلىشتۇرمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كۆپىنچە دۇغ بوياق رەسىمىدە سىزىلىدۇ.
بىر قىسىم تەشۋىقات رەسىملىرىدىن ھوزۇرلۇنۇڭ:

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

چەكسىڭىز يىڭى كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ

 

* كۆچۈرۈش * * بېسىپ چىقىرىش * * تاقاش*

 ئالدىنقى پارچە : ئۈرۈمچى قارلۇق مىدىئا-پەن-تەخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيىت شىركىتىنىڭ ئنگىلىزچە خەۋىرى
 كىيىنكى پارچە : گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى

ئۈستىگە قايتىشزىيارەت قىلىۋاتقانلاردوستانە ئۇلىنىش