Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
ئەلشىر ناۋائى نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

ئەلشىر ناۋائى نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/13 3:46:16        كۆرۈلىشى: 378 قېتىم

بۈيۈك شائىر مۇتەپپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 - يىلى ھېرات ( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن .

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .

 ئەلىشىر ناۋايى باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالدى . ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى . پادىشاھ شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج - تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى .

 ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقۇرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل - پاراسىتىگە قايىل بولۇپ ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى .

شەرەفىدىن ئەلى بەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى . ئەلىشىر 12 - 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىدۇ .

 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا ( سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 - يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان ، 1505 - يىلى ۋاپات بولغان ، مەشھۇر شائىر بولۇپ ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان ) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ . 1456 - يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارىدۇ . 1457 - يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كېتىدۇ .

 ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ ، پەلسەپە ، مەنتىقە ، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ . بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى ، ئەرەب ۋە شەرق مۇسۇلمان ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدۇ .

 

 جۈملىدىن ئۇبۇلقاسىم فېردەۋسى ، نىزامى كەنجىۋى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئاتايى ، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ ، پارىس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇ "زۇللىنەين" (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان .

 

ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا "ناۋايى" ( كۈي ، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە )، پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا "فانى" ( ۋاقىتلىق يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە ) دەپ تەخەللۇس قويىدۇ .

 بۈيۈك شائىر 1501 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .



  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com