Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2013/4/8 17:09:16        كۆرۈلىشى: 1115 قېتىم
شۈبھىسىزكى،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىسىمنى قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ چۈنكى باشقىلار مەلۇم كىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ.مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ.شۇ ئىسىم ئۇنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دىننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.ئىسىم باشقىلارغا مۇشۇ كىشى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئىسىم توغرىسىدىكى ھېسسىياتى خۇددى كىيىم بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ئوخشاش كۆزگە سىغمىغانغا ئوخشايدۇ.
ئىسىم قويۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئىىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىسىملارنى قويۇشتۇر. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا بەزى ئىسىملارنى قويۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ ئىسىم قويغاندا شۇ ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان:
1. ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىش،مەيلى ئۇ پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن.ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ياكى زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشتۇر.شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ھەرقاندان زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى قويۇشمۇ ھارامدۇر.مەسىلەن:ئابدۇلرۇسۇل (ئەلچىنىڭ قۇلى)،ئابدۇننەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)،ئابدۇلئەمىر (پادىشاھنىڭ قۇلى)دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ۋە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك بويسۇنۇشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.كىملەركى ئىسمىنى مۇشۇنداق قويۇۋالغان ئىكەن دەرھال ئۆزگەرتىش لازىم.مەشھۇر ساھابە ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:“مېنىڭ ئىسمىم ئەسلى ئابدۇ ئەمىر–يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە ئابدۇ كەئبە –ئىدى،مەن مۇسۇلمان بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ مېنى ئابدۇراخمان دەپ چاقىردى.“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.3/306,زەھەبى توغرا دېگەن(.
2 . پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇش.بەزى ئىسىملار پەقەت ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالاغىلا خاس بولغان ئىسىملاردۇر.مەسىلەن خالىق(ياراتقۇچى)،رازىق(رىزىق بەرگۈچى)،رەب ۋە رەھمان(ئەڭ شەپقەتلىك)دېگەندەك.بەزىلىرى پەقەت يىگانە ئاللاھقىلا خاس بولغان سۈپەتلەردۇر.مەسىلەن مالىك-ئەل-مۇلۇك(شاھلارنىڭ شاھى)،قاھىر دېگەنگە ئوخشاش.كىشىلەرنى بۇنداق ئىسىملار بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.كىم بۇنداق ئىسىم قوللانغان بولسا ئۆزگەرتىشى كېرەك.ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:“سەن ئۇنىڭ شېرىكى(ياكى ئوخشىشى) بارلىقىنى بىلەمسەن؟“(سۈرە“مەريەم“65-ئايەت(
3. روشەن كافىرلارغا خاس بولغان ۋە كافىرلاردىن باشقىلار ئىشلەتمەيدىغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇل مەسىھ،بۇتروس(پىتىر)،جۇرجوس(گىئورگى)دېگەندەك ئىسىملارنى قوللىنىش ھارامدۇر.
4. كىشىلەرنى تاغۇتنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.مەسىلەن ئىبلىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش دېگەندەك.
يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك ئىسىمنى قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان.كىم بۇنداق ئىسىم قويىدىكەن ئۇ ئىسىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشى لازىم.
تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك ئىسىمنى ئىشلىتىش مەكرۇھ:
1. مەنىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. بۇنداق ئىسىملار مەنىسى ناچار،يېقىمسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ شۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ پەيغەمبەر نىڭ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.مەسىلەن،مەنىسى سەلبىي بولغان ھەرب(ئۇرۇش)،راشاش(چېچىش دېگەندەك مەنىدە)،ھەييام–تۆگىلەردىن تارقىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئىسمى-دېگەندەك يېقىمسىز ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.
2. كىشىنى جەلب قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىسمىنى تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.باشقىلار قىزلارنى بۇ خىل ئىسىم بىلەن چاقىرغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ قىز توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
3. ناخشىچى،ئارتېس قاتارلىقلارنىڭ ئېچىدىكى بەزى بىر ئەخلاقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىسىملىرىنى دوراپ قويۇشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئىسىملىرى بولسا قوللىنىشقا بولىدۇ،لېكىن مەقسەت شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بولۇشى كېرەككە ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرنى دوراش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
4. يامان ئىش، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىسىم قىلىپ قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن،سارىق(ئوغرى) ياكى زالىم دېگەندەك؛فىرئەۋننىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن:فىرئەۋن،ھامان،قارۇن..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.
5. كىشىلەر ئارىسىدا يامان خىسلەتلەر بىلەن تونۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەرھىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)،قىرد(مايمۇن)دېگەنگە ئوخشاش.
6. دىن ياكى ئىسلام دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن، نۇرىددىن(دىننىڭ نۇرى)،شەمسىددىن(دىننىڭ قۇياشى)،نۇرۇل ئىسلام،شەمسۇل ئىسلام دېگەنگە ئوخشاش.بۇنداق ئىسىملار كىشىگە ئۆزى لايىق بولمىغان سۈپەتلەرنى بېرىپ قويىدۇ.سەلەف ئالىملىرى بۇنداق ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە لەقەب بولۇپ چاقىرىلىشىنى يامان كۆرەتتى.ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ”مۇھيىددىن“(دىننى قايتا بەرپا قىلغۇچى)دەپ چاقىرىشىنى يامان كۆرگەن؛شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەم ئۆزىنىڭ لەقىبى بولغان ”تەقىيددىن“(دىننى قوغدىغۇچى)دېگەن ئىسىمنى يامان كۆرگەن.ئۇ دائىم:ماڭا بۇ لەقەبنى ئائىلەم بەردى،شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى“دەيتتى.
7. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان“ئابدۇ“)يەنى ئابدۇللاھ (كەلىمىسىدىن باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.مەسىلەن ھەسبۇللاھ،رەھمىتۇللاھ دېگەندەك.شۇنداقلا رەسۇل سۆزىگىمۇ باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.
8. پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن تاھا،ياسىن دېگەندەك.بۇ ئىسىملار ھۇرۇفۇل مۇقەتتەئ (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەربلەر؛مەنىسىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ-تەرجىماندىن)تۇر. ئۇئىسىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئەمەس.بۇ توغرىدا ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ئىبنۇل قەييىمنىڭ تۇھفەتۇل مەۋدۇد دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.109-بەت.
بۇ ئىسىملارنى قوللىنىش،باشقىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش مەكرۇھتۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئىسمى بولسا،ئائىلىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش قېيىن بولسا قوللىنىۋەرسە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى بەش خىل ئىسىم ياخشى ئىسىملاردىندۇر:
1. ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرھماندۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:“ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراھماندۇر“(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس(
2. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئابدۇ سۆزى قوشۇلغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇلئەزىز، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلمەلىك ،ئابدۇلئىلاھ،ئابدۇسسالام دېگەندەك.
3. پەيغەمبەرلەر-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-نىڭ ئىسىملىرى.ھېچ شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ئىسىم مۇﻫەممەد سەللەللاﻫۇ ئەلەيﻬى ۋەسەللەمنىڭ ئىسمىدۇر.ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ ئىسمىدۇر.ئۇنىڭدىن قالسا ”ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر(سۈرە ”ئەھقاف“35-ئايەت)نىڭ ئىسىملىرى،ئىبراھىم،مۇسا،ئىيسا ۋە نۇھ.ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.
4. ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىلىرىنىڭ ئىسىملىرى.رەسۇلۇللاھ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش مۇستەھەپتۇر.
5. كىشىنى خوش قىلىدىغان،مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملار.
ئىسىم قويۇشتا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. شۇ ئىسىمنىڭ ئاشۇ كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.ئەگەر ئۇ شۇ ئىسىم سەۋەبلىك بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسا بەلكى دادىسىن ياكى شۇ ئىسىمنى قويغۇچىدىن رەنجىشى،يامان كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.
2. تاللىماقچى بولغان ئىسىمنى بىر قانچە تەرەپتىن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.شۇ ئىسىم شۇ كىشىنىڭ ياشلىق ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۆسمۈر چېغىدا ياكى قېرىغان ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۇنىڭ پەرزەنتى پالانىنىڭ ئوغلى/قىزى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ،دادىسى پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ دېگەنگە ئوخشاش.
3. ئىسىم قويۇش دادىنىڭ ھوقۇقىدۇر.چۈنكى ئۇ بالا شۇ دادىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،پالانىنىڭ ئوغلى ،پالانىنىڭ قىزى دېگەندەك.لېكىن دادىغا نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئارزۇلىرىغا قۇلاق سېلىش،ئۆزى تاللىغان ئىسىم توغرىسىدا ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇستەھەپتۇر.
4. بالا چوقۇم دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشى كېرەك.مەيلى دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسۇن،بالىسىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ھەتتا بالىسىنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقمىغان بولسۇن.بالىنى دادىسىدىن باشقا كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.پەقەت بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا،ئەگەر تۇغۇلغان بالا زىنادىن تۇغۇلغان بولسا ئۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشقا بولمايدۇ.


  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com