Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
داڭلىق كېنو ئارتىسى- سادىق ھاجى ساتتار ھەققىدە - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

داڭلىق كېنو ئارتىسى- سادىق ھاجى ساتتار ھەققىدە
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:42:27        كۆرۈلىشى: 378 قېتىم

بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <يايلاقتىكى بۈركۈت> دە باش پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان مال دوختۇرى ئالىمىنىڭ رولىنى تۇنجى ئېكران ھاياتىدا مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ، ھەر مىللەت كىنو تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا ئاجايىپ تەسىرلەرنى قوزغىغان. سادىق ھاجى ساتتار 1942 - يىلى قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى نەزەرباغ رايونى چۈمبۇس كەنتىدە مېھنەتكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن قازىرىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئۇلى ئۇنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى مەكتەپ ھاياتىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى يىللاردا چۈمبۇس يېزىسىدا مەخسۇس ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر سەھنە بولۇپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پات - پات بۇ يەرگە كېلىپ دىراما، ئوپىرا، ناخشا - ئۇسۇللارنى ئوينايتتى. ھەر قېتىم ئويۇن قويۇلۇپ ئاخىرلاشقاندا تەڭتۈش بالىلار سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلارنى دوراپ مەھەللىنى بىر ئالاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك سادىقنىڭ دوراش ماھارىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەركەتلىرى تېتىك ۋە چاققان بولغاچقا تەڭتۈشلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. سادىق ھاجى ساتتار 1956 - يىلى قەشقەر سەمەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايوندىن ئوقۇغۇچى تاللاشقا بارغان سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشى ۋە سېنىقىدىن ئۆتۈپ ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى ئاچقان ئۇسسۇلچىلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرىسىغا قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى پېشقەدەم سەنئەتكار سىراجىدىن زۇفەر، ئامىنە غالىيۋالارنىڭ كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئوپىرا ئۆمىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل بالىت ئۇسسۇلى ئاساسى مەشىقىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر تۈركۈم ياش ئارتىسلارنى يېتىشتۈردى. 1963 - يىلى <گۈلەمخان> ئوپىراسىدا شاڭيو ئوبرازىنى، 1963 - يىلى <ياش ئەۋلادلار> دىرامىسىدا باش پىرسۇناژ شاۋجىينىڭ رولىنى جانلىق يارىتىپ نەتىجە قازاندى. ئۇ يەنە بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن < يايلاقتىىكى بۈركۈت > فىلىمىدە باش پىرسۇناژ مال دوختۇرى ئالىم رولىنى ئورۇنداپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئالاقىدار يولداشلار ئۇنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالماشتۇرۇپ قويدى. سادىق ھاجى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1988 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن <سەرسانلار> ناملىق ھېكايە فىلىمدە باش پىرسۇناژ بولغان دارۋاز ئۇستازى قادىر ھاجى رولىنى؛ 1991 - يىلى ئىشلەنگەن <موللا زەيدىن> ناملىق ھىكايە فىلىمدە گايىت ھاجى رولىنى؛ 1991 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى <جۇڭگودىكى خىسلەتلىك ئوت> دا ئۇيغۇر بوۋاي ئارمان ئوبرازىنى؛ 1993 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى بىلەن تىيەنجىن كىنو سىتۇدىيسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھىكايە فىلىم <ئاماننىساخان> ۋە شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقامشۇناس، شائىر ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكىنىڭ ئوبرازىنى؛ 1994- يىلى ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى <تۇمانلىق سەھەر>دە ئابلىز ھاجى رولىنى؛ <زوزوڭتاڭ> ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەيدەر بەگ ئوبرازىنى؛ 2000 - يىلى ئىشلەنگەن <كۈتۈش> ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە دادا ئوبرازىنى؛ شۇنداقلا يىقىندىن بۇيان ئىشلەنگەن < ھەسرەتلىك كۆز يېشى> ناملىق تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سادىق ئاكا رولىنى؛ < قاينام> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دادا رولىنى؛ <جۇدۇندا ئىچىلغان چېچەك> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پىشقەدەم مائارىپچى؛ <سەھرادىن كەلگەن بالا باققۇچى قىز> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردا دادا رولىنى؛ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فىلىملىرىدىن <بايات مۇقامى> دا دادا رولىنى؛ <سىگاھ مۇقامى> دا قۇمۇل ۋاڭى رولىنى؛ <كۆلەڭگە> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پادىچى بوۋاي رولىنى؛ <دولان ياشلىرى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقام پىشۋاسى ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ كەڭ سەنئەت سۆيەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئوبرازى ۋە ئالقىشىغا ئىرىشتى. سادىق ھاجى ساتتار ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ۋە ئېكران ھاياتىدا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەريانىدا تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھسېسىياتىنى چوڭقۇر ئىچىپ بىرىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئېكران ھاياتى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى.



  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com