Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم؟ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم؟
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:39:36        كۆرۈلىشى: 1329 قېتىم

ياسىن ئەبەيدۇللا


كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى« ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ»تا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇلالە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئەيشىنجۇلۇ فۇيى( پادىشاھلىق نامى شۈەنتۇڭ) ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ، بىلىپ –بىلمەي پادىشاھ بۇلۇپ قالغان بۇ بالا كىيىنچە ياپۇنلارنىڭ قورچىقى بۇلۇپ قورچاق مانجۇرىيەگە خان بۇلىدۇ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن بولسا يىڭى جۇڭگو تۈرمىسدە ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۇمۇمەن پادىشاھ ئاتالغان بولسىمۇ تەقدىرى باشقىلارنىڭ قولىدا بەلگىلنىپ قالىدۇ.ئاچچىق تىراگىدىيە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئاران دىگەندە نورمال ئادەملەردەك ياشاش يۇلىنى تاپىدۇ. خوش فۇيى ھەققىدىكى گەپنى تۇختىتىپ ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك زادى كىم ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ؟ 

 
ئۇرخۇن دەۋرىدىن باشىغاندا ياغلاقار جەمەتى ئەڭ بۇرۇنقى پادىشاھ جەمەتى ھىساپلىنىدۇ، ئەمما 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھاكمىيەتتە ئازراق ئۆزگىرىش بۇلۇپ ئادىز ( ئەدىز ياكى ئاتئىز دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.) جەمەتى شاھلىق ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما تارىختا ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا يەنىلا ياغلاقار جەمەتى شاھ جەمەتى ھىساپلىنىدۇ. 840-يىلدىكى تالاپەتتىن كىيىن شاھزادە پانتكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە شىنجاڭغا كىرىدۇ. دەسلەپ 842-يىلى غەربى ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان. 866-يىلى بۆگۈ تىكىن ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن بۇ خانلىق تەدرىجى پارچىلانغان. قارىمۇ –قارىشى ئىككى خانلىق ، ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقى مەيدانغا كىلىشى بىلەن بۇ پارچىلنىش ، بىرلىشىشكە تىرىشىش باسقۇچىغا ئۈتكەن، ئەمما بىرلەشمەيلا ھەر ئىككىسى ھالاك بولغان. قاراخانىلار خان جەمەتى ئۆز ئەجدادىنى ئەفراسىياپقا بىرلەشتۇرۇپ قارايدۇ. ئەگەر شۇ بۇيىچە بولسا ئۇنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن بولغان بۇلىدۇ. ئەفراسىياپ بىلەن ئۇرخۇندىكى ياغلاقار . ئادىز جەمەتى ئۇتتۇرسىدا قانداق باغلىنىش بار بۇنىڭغا تارىخشۇناسلار بىر نىمە دىسۇن. گەپكە كەلسەك 1211-يىلى كۈچلۈك قاراخانىيلارنىڭ سەلتەنەت چىرىغىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن بۇ جەمەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان بولسىمۇ ئەمما ھاكمىيەتكە قايتا ئىشتىراك قىلالمىدى. ئىدىقۇت خان جەمەتى بولسا تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن كىيىنكى ئىسلامىيەتنىڭ كۈچلۈك زەربىسىدە ، باشتا قۇمۇلغا ئاندىن گەنسۇدىكى گۇڭچاڭغا كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن تارىخ دۇلقۇنلىرىدا ئىقىپ كەتتى. بۇ جاھىل بۇددىسىتلار بەلىكىم باشقا مىللەتلەرگە ئاسسىملاتسىيە بۇلۇپ كەتتى ياكى سېرىق ئۇيغۇر بۇلۇپ كەتتى.
ئۇنىڭدىن كىيىن مەيدانغا كەلگىنى ئۇيغۇرلاشقان چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن يەركەن سەئىدىيە خان جەمەتى.تەخمىنەن 1680-يىللىرى ئەتراپىدا يەركەن سەئىيە خانلىقى مۇنقەرىز بولغاندىن كىيىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭراق ھاكىميەتلىرى مەيدانغا كەلمىدى، مانجۇلار كىلىشتىن بۇرۇنقى خۇجىلار ھۆكۈم سۈرگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ، جۇڭغارلارغا قارام ھاكەميەت ئاستىدا ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق خۇجىلار ئالمىشىپ جاھاندارچىلىق قىلغان بولسىمۇ ھىچ قايسىسى كۈچلۈك ھاكىميەتنى مەيدانغا كەلتۇرەلمىدى. 1756-يىلى مانجۇلار قۇشۇن تارتىپ ئاۋۋال جۇڭغارلارنى ئاندىن خۇجىلار باشقۇرۋاتقان جەنۇپنى ئىگلىگەندىن كىيىن بولسا بۇ دىيار ئاساسى جەھەتتىن چىڭ ئىمپىرىيىسى خەرىتىسىگە كىرپ بولغان. ئۇنداقتا يەركەن خانلىقنىڭ ئاخىرقى خان ئىسمايىل خان( بەزى ماتېرىياللاردا مۇھەممەت ئىمىن خان دىيىلىدۇ) ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ھىساپلىنامدۇ؟ بىز يەنە بىر قەدەم تارىخ چاقىنى بويلاپ ماڭساق ئۇيغۇرلار تارىخدىكى يەنە بىر زور ۋەقەگە يۇلۇقىمىز. يەنى 1864-يىلدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ كۇچا، قەشقەر، خۇتەن، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى رايونىدا بىر ۋاقىتتا پارتىلاپ مانجۇلار ھاكىميىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «گۈم» قىلىپ يىقىتتى.ھەر جايدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆز باشلامچىلىرىنى پادىشاھ قىلىپ بىكىتتى. خوتەندە ھەبىيبۇللا پادىشاھ، قەشقەردە قۇقەنىتتىن چاقىرىپ كىلىنگەن بۈزرۈك خان، كۇچادا راشىدىنخان، ئۈرۈمچىدە داۋۇت خەلىپە(خۇيزۇ) ئىلىدا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئابدۇرۇسۇل شاغبەگ، مەزەمزات ھىكىمبەگ، مەھمۇت پوچى، شەۋكەت مۇللا، ئەلاخانلار قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان.
مۇللا موسانىڭ تارىخى ئەمىنىيە ۋە باشقا تارىخنامە كىتاپلاردا بايان قىلنىشچە خوتەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تۆت خاننىڭ ھەممىنى ياقۇپبەگ يۇقىتىپ، يەتتە شەھەر ھاكىميىتىنى قۇرغان ئىكەن، ئەمما ياقۇپبەگ ئەزەلدىن ئۆزىنى پادىشاھ ياكى سۇلتان دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىمىغان. ياقۇپبەگنىڭ بۇ تۆت خاننى يۇقاتقان ۋاقتى 1866-يىلىدىن بۇرۇن بولغان. ئىلى سۇلتانلىقى بولسا 1871-يىلى روسيە بىسىپ كىرىپ ئەلاخاننى يالاپ ئىپ كەتكەندىن كىيىن مۇنقەرىز بولغان. 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىميىتىىمۇ غۇلاپ، 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى رەسمىي قۇرۇلغان. يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ بۇلۇپ قالامدۇ قانداق؟شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلاردا يەرلىك ھاكىميەتلەر قۇرۇلدىمۇ؟ تارىخقا نەزەر سالساق بۇنداق بىر ھاكميەتلەرنى كۆرمەيمىز. سەل-پەل ھاكىميەتكە ئۇخشاپ قالىدىغان قۇمۇل ۋاڭلىقى، تۇرپان ۋاڭلىقى ۋە كۇچا ۋاڭلىقى دىگەنلەر ئىنانچىخانلىق بولسىمۇ ، ئەمما ئىچكى مۇستەقىللق ساقلانغان بولسىمۇ ئەڭ مۇھىم بولغان دىپلۇماتىيە، ئارمىيە جەھەتلەردە ئازراقمۇ مۇستەقىللىقى بولمىغاچقا ئەڭ ئاخىرقى ۋاڭلارنى پادىشاھ دەپ ئاتاش تۇغرا ئەمەس. ئەگەر ۋاڭلارنى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ دەپ ئاتىغىلى بولسا ھايات كۇچا ۋاڭى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ بۇلۇپ قالىدۇ.


پادىشاھ ، خانىش مەلىكە دىگەنلەر بىزگە نىسپەتەن ئۈتمۈش ۋە چۆچەكلەردىكى نەرسىلەرگە ئايلنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسلىنى ئويلاپ قالدىم. فېئودال پادىشاھ دىگەن نەپرەتلىك ئۇقۇم كاللىمىزغا ئورنىشىپ كەتكەندە ياپۇنىيە ۋە ئەنگىليە كەبى تەرەققى قىلغان ئەللەردە پادىشاھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، يەنە كىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى جۇمھۇرىيەت ۋە پادىشاھلىق دىگەن بۇ تۈزۈملەرنى ياخشى –يامان دەپ ئايرىغىلى بولمامدۇ قانداق، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا، ئەنئەنىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەندۇرگەن تۈزۈمى خەلىقنىڭ ئىترابىغا ئېرىشسە ئۇ قانداقلا تۈزۈم بولسا بولامدۇ نىمە دىگەن ئويغىمۇ كىلىپ قالدىم. بىر دۆلەتتە قانداق تۈزۈمنىڭ بۇلۇشى تارىخنىڭ سىنقى ۋە خەلقنىڭ تاللىشىدىن كىيىن مەيدانغا كىلىدىكەن.

 

مەنبە : كۇچا توردىن ياسىن ئەبەيدۇللا



  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com