Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

ئالما شېركىتى نېمە ئۈچۈن جوڭگودا ساخاۋەت قىلمايدۇ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | ئېنترنىت | ئىقتىساد | ۋىدىئو خەۋەرلەر | تەنتەربىيە | پەن - تېخنىكا | كوچا پاراڭلار
 
 
 

ئالما شېركىتى نېمە ئۈچۈن جوڭگودا ساخاۋەت قىلمايدۇ

تېڭشۈن 6-نويابىر خەۋىرى كارخانا پايچىكىلەرگە، خادىملارغا ياكى خېرىدارلارغا مەسئۇل بولامدۇ؟ ئەگەر بىر كىچىك كارخانا بولسا ئۈچىسىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن دۆلەت ھالقىغان چوڭ شېركەتلەر ۋە چوڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن، بۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس.

دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانىلار ۋە چوڭ شېركەتلەر نەچچە مىليارد خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، غايەت زور سودا ئوبوروتى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ كارخانىلار دۇنياۋىي تەسىر كۈچكە ئىگە. بۇ كارخانىلارنىڭ ئىقتىدارى قانچە ئاشقانسىرى، مەسئۇلىيىتىمۇ شۇنچە ئېغىرلاپ بارىدۇ، ئۇلار پەقەت كارخانىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە جەمىيەتكىمۇ مەسئۇل بولىدۇ.

1-نويابىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان «كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائي مەسئۇلىيىتى كۆك تاشلىق كىتاب2015» ئېلان قىلىنىپ، بىزنى بۇ چوڭ كارخانىلارنىڭ زادى نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن خەۋەردار قىلدى.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىچە، % 80 كە يېقىن كارخانىنىڭ ئېرىشكەن نۇمىرى 60 تىن تۆۋەن بولۇپ، يەتتە كارخانىنىڭ ئېرىشكەن نۇمۇرى 0 بولغان، چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى كۆرسەتكۈچىدە، شەرقىي ئاسىيا رايونى (يەنى كورىيە، جوڭگو تەيۋەن، ياپونىيە) دىكى كارخانىلارنىڭ ئىپادىسى بىرقەدەر ياخشى بولغان ، بۇنىڭ ئىچىدە كورىيەنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 68.2 نۇمۇرغا ئېرىشكەن، ياۋروپا، ئامېرىكا رايونلىرى (يەنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە) كارخانىلىرىنىڭ ئىپادىسى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، 20 نۇمۇر بىلەن پەقەت بىر يۇلتۇز دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.

چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدە، سەنشىڭ شېركىتىنىڭ نۇمۇرى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 5-قاتارغا تىزىلغان، 87.5 نۇمۇرغا ئېرىشكەن. ئالما شېركىتىنىڭ نۇمۇرى 22.5 بولۇپ، رەت نۇمىرى ئاخىرىغا تىزىلغان.

بەلكىم پەقەت 2015-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارلا بىرەر مەسىلىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن 2014-يىلىغا قارايدىغان بولساق، سەنشىڭ شېركىتى13 -ئورۇندا تۇرغان، 80.2 نۇمۇرغا ئېرىشكەن. ئالما شېركىتى بولسا 157-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 21 نۇمۇرغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس .

ئالما، سەنشىڭ شېركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يانفوننىڭ پۈتۈن دۇنيادا مودا بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم، ھەمدە بۇ يانفونلار ئەڭ ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كەڭ تارقالغان.

ئالمىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىشى ھەرگىزمۇ سەنشىڭدىن تۆۋەن ئەمەس، ئەمىسە نېمىشقا بۇ قېتىم ئالما سەنشىڭنىڭ كەينىدە قالدى؟

1.جوڭگو بازىرىغا بولغان قارشى ئوخشىمايدۇ.

سەنشىڭنىڭ جوڭگو بازىرىدا تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى، 1992-يىلى جوڭگوغا كىرگەندىن كېيىن، سەنشىڭنىڭ جوڭگودا 166 ئاپپاراتى بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 39 ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، 10 تەتقىقات ئورنى، 44 سېتىش كارخانىسى ۋە 73 تارماق شېركەت ئىش بېجىرىش ئورنى بار. سەنشىڭدا 110 مىڭ جوڭگولۇق خىزمەتچى بار بولۇپ، پۈتۈن خىزمەتچىلىرىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ سانلاردىن سەنشىڭنىڭ پۈتۈن جوڭگوغا كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

باشقا چەتئەل شېركەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، باشقا شېركەتلەر ئۆزلىرىنى «XX جوڭگو شېركىتى» دەپ ئاتىسا، سەنشىڭ شېركىتى ئۆزىنى «جوڭگو سەنشىڭ شېركىتى» دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭدىن جوڭگو بازىرىنىڭ سەنشىڭ شېركىتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

سەنشىڭغا ئوخشايدىغان دۆلەت ھالقىغان شېركەتلەر جوڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ،جوڭگو بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان كارخانا دېيىشكە بولىدۇ. 1992-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇردى، سەنشىڭمۇ جوڭگونىڭ دۇنيادا قۇدرەت تېپىشى بىلەن كۈچلەندى.

چۈنكى سەنشىڭ پەقەت كورىيە پۇقرالىرى ۋە كورىيە زېمىنىغا تايىنىپلا، دۇنياۋىي كارخانىغا ئايلىنالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قوشنا دۆلىتى بولغان جوڭگودا، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل بولغان ياساش تۈرلىرى بار ھەمدە غايەت زور ۋە تەكشى بولغان ئىېتىمال بازىرغا ئىگە.

سەنشىڭ شىئەندىكى بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا مەبلەغ سالدى، بىرىنچى قېتىمدا 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 نانومېتىرلىق NAND بارماق دېسكىلىق ئۈزەكنى ئىشلەپچىقاردى.

22-ئۆكتەبىر، سەنشىڭ ئاپتوموبىل SDI ئېنىرگىيە باتارىيىسى زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشنى تاماملاش مۇراسىمى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى يۇقىرى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇقېتىمقى قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن SDI شىئەن زاۋۇتى يىلىغا 40مىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ئېنىرگىيە باتارىيىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ ئىلغار سېخ بولۇپ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئاپتوموبىل ئېنىرگىيە باتارىيىسىنىڭ بىرلىك ۋە بۆلىكىنى تېخنىلوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خىل ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرىلىشى ھەرگىزمۇ پۇلنى تېز تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان، بەلكى جوڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ھالدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئەمىلىيەتتە، سەنشىڭنىڭ نىشانى- مەھسۇلاتلانىڭ پىلان لاھىيەسىنى تۈزۈش، مەھسۇلاتنى لاھىيەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىن ئىبارەت باسقۇچلار بىر گەۋدىلەشكەن، يەرلىكلەشكەن چوڭ سېستىمىنى قۇرۇپ چىقىش بولۇپ، جوڭگو سەنشىڭ شېركىتىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق يەرلىك كارخانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جوڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش. ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن باشقا يەنە، ۋەكىل خاراكتېرلىك، تېخنىكا زىچلىقى، مەبلەغ زىچلىقىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ تەرققىيات يۆنىلىشى.

ئالما شېركىتىگە نىسبەتەن، جوڭگو بازىرى تېخىمۇ مۇھىم بولغان سېتىش بازىرى.

ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس جوڭگو بازىرىغا قەدەم باسمايلا، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بىراق ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىسى تىم كۇك 2012-يىلىدىن باشلاپ، جوڭگونى يەتتە قېتىم زىيارەت قىلدى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا، جوڭگوغا كېلىش قېتىم سانى كۆپەيگەن ھەتتا، شىنلاڭ مىروبىلوگىنى ئاچقان.

كۇكنىڭ ھەرقېتىمقى جوڭگو زىيارىتىدە، iphone نى سېتىش ئاساسىي مەقسەت بولۇپ، تۆتىنچى قېتىملىق زىيارىتىدە، توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىپ، جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. جوڭگو بازىرىدا، ئالما شېركىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان جاۋابقا ئېرىشكەن، جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ جوڭگودىكى سېتىلىشى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەن.

ئالمىنىڭ جوڭگوغا سالغان مەبلىغى بەك ئاز، ئەگەر بار دېيىلسە، ئۇ ئېلان، ھازىرغا كەلگۈچە ئالمىنىڭ پەقەت بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىلا ئىش بېجىرىش ئورنى ھەمدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىلا بار ئىكەن، ئالمىنىڭ ئايلانما مەبلىغى ئالدىنقى بەش يىلدا، 1 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 38 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسكەن.

جوڭگو بازىرىنىڭ ئالمىغا بولغان مۇھىملىقى ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، جوڭگو ئالما ئۈچۈن ئامېرىكىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم بازار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئالمىنىڭ جوڭگونى پەقەتلا بازار دەپ قارىشى ئۇزۇنغا داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.


2.كارخانا ئىدىيىسى ۋە كارخانا مەدىنىيىتى ئوخشىمايدۇ.

سەنشىڭ شەرقىي ئاسىيا كارخانىسى بولۇپ كۇڭزى مەدىنىيىتى چەمبىرىكىگە كىرىدۇ.

بۇ خەۋەرنىڭ ئىگىسى ئىلگىرى سەنشىڭنىڭ سىئولدىكى مۇزىيىغا كىرگەن، مۇزىيدا كورىيەنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىقلىرى بار بولۇپ، سەنشىڭنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا ئاجراتقان مەبلىغى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى سېلىنما- ھاسىلات مۇناسىۋىتى ئەمەس ئىكەن.

سەنشىڭ كورىيەدىكى بىر چوڭ كارخانا بولۇپ، ئادەتتىكى كارخانىلاردىن ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كارخانىلارغا سېلىشتۇرغاندا، كوڭزى مەدىنىيىتى چەمبىرىكىدىكى سەنشىڭ، سونى قاتارلىق كورىيە، ياپونىيە كارخانىلىرى خەلقنىڭ قارىشىغا ۋە جامائەت پىكرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

شۇڭا قانۇن- ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىشتىن باشقا يەنە، سەنشىڭ قاتارلىق كورىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي دوستانىلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى بەكرەك خالايدىكەن.

ئالما شېركىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جوبېسچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، جوبېسنىڭ خەيرى-ساخاۋەت بىلەن ئانچە خوشى يوق ئىكەن.

ھېچ شۈبھىسىزكى، جوبىس غايەت زور بايلىققا ئىگە، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ خەيرى-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋىردىكى بېل گەيتىس بىلەن بافېت ئىئانە قىلىش قەسىمى تەشكىلاتىغا قوشۇلغاندىن باشقا يەنە، بېل گەيتىس «بېل گەيتىس مېرىندا فوندى تەشكىلاتى» نى قۇرغان ھەمدە بافېتقا ياردەملىشىپ، ئىئانە مەبلىغىنى تەقسىملىشىپ بەرگەن.

1997-يىلى جوبىس ئالما شېركىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ كۆپ تۈرلۈك خەيرى-ساخاۋەت تۈرلىرىنى بىكار قىلىنغان. گەرچە ئالما شېركىتى iphone غا تايىنىپ، دۇنيادىكى نەق پۇلى ئەڭ كۆپ شېركەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن خەيرى-ساخاۋەت تۈلىرى يەنىلا ئېچىلمىغان.

بەلكىم جوبىس ئالما كوللىكتىپىنى تەشكىللەپ، يېڭى مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن.

لېكىن پاراۋانلىق ساھەسىگە كۆز تىكىۋاتقان «سىتانفورد ئىجتىمائىي يېڭىلىق يارىتىش ئوبزورى» ژورنىلى 2007-يىلى ئالمىنى «ئامېرىكىدىكى ئەڭ رەھىمسىز كارخانا» نىڭ بىرسى دەپ باھالىغان.

نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىش

بىر كارخانىنىڭ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى كارخانىنىڭ بازاردا قانچىلىك يىلتىز تارتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئالما گەرچە جوڭگودا غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئالمىنىڭ جوڭگودا داۋاملىق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، ئەمىلىيەتتە، ئالمىنىڭ جوڭگودا قەد كۆتىرىشىمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئىش ئىكەن.

سەنشىڭنىڭ جوڭگودا تۇرغىنىغا 20يىل بولدى، يېڭى بىر دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، ھەمدە جوڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن پايدىمۇ ئالدى. سەنشىڭنىڭ ھەرخىل زاۋۇت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خەتەرگە قارشى ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىقتىساد كاساتلاشقان ھەتتا بىر قانچە مەھسۇلاتلار مەغلۇپ بولغان تەغدىرىدىمۇ، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار. سەنشىڭنىڭ جوڭگوغا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان شىئەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شېركىتى قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئالمىنىڭ جوڭگودا پەقەت 10مىڭلا ئادىمى بار، تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە زاۋۇتقا مەبلەغ سالمىغان بولۇپ، سېتىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. ئەگەر بىرخىل iphone جوڭگودا مەغلۇپ بولسا، ئالمىنىڭ ئوبوروتى ناھايىتى تېزلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/8 20:11:43        كۆرۈلىشى: 322 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى خەۋەرلەر

گۇاڭجۇ ساقچىلىرى ئۇچ..
سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى..
17 نەپەر تالىبان ئەز..
بولىۋىيەدىكى كىشىلەر..
ھىندىستانلىقلار شىياۋ..
مودۇللاشقان Surface P..
ياپونىيەلىكلەر ئابى ..
دەرستىن سىرتقى كۇرس ..

    ئاۋات خەۋەرلەر

 
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا711 ئالغان ئۇيغۇر
ئۈرۈمچىدە 10 نەپەر ئۇيغۇر قىز ئەسكەر شىياڭ
قىزلىرى ئۈچۈن يىغلىغان بوۋايغا ئىئانىلەر ت
پىچان ناھىيەسىدىكى15ياشلىق ئابلىكىم ئىككى
كەلگۈسىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى «ئادەم تىپلىر
مۇز ئاستىدا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان 5000
كۇچادا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرسۇل
قەدىمىقى تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان
19- ئەسىردە گۈللەنگەن جەسەت سەنئەت رەسىملى
iPhone 6 نىڭ تەسسەۋۇر نوسخا رەسىمى ئېلان ق
«تاشقى پىلانت ئادىمى»نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق
ئامېرىكىلىق بىر ھامىلدار ئايال ئوباماغا تە
نېگىرىيەدە 26 نەپەر ئۇقۇغۇچى ئېتىۋىتىلدى

    تەۋسىيە خەۋەرلەر

2016-يىللىق لوپنۇر ...
يېڭىدىن مەيدانغا كەل..
1-مايدا شىنجاڭ ساياھ..
شىنجاڭدا نېپىز سۇليا..
بىراك قىلىنغان ئاپتو..
كەلپىن چامغۇر مەھسۇل..
قەشقەر شەھىرىدە توپا..
كىچىك لېي فېڭلار ھەر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com