Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى

  تىخى يىقىندا شىنلاڭ تورىدا ئۇچراتقان «دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى » ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغان ئىدىم ھەم بۇماقالە مەندە خىلى ياخشى تەسىرات قلدۇرغان ئىدى . بۈگۈن توردىشىمىزنىڭ «ئالىي مەكتەپ ھەققىدە تاقا-تۇققا خىياللار»دىگەن تېمىسىدىكى تىما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ، بۇ ئەسەرنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش لازىملىقىنى ھېس قىلدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يىڭى بىر نۆۋەت ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى تاللايدىغان ۋاقىتلارمۇ يىراق ئەمەس ، بەلكىم نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىكى بىزدەك ئۆزى يازغان كەسىپنى ئىسمى چىرايلىق ئاڭلانسىلا ، مەكتەپ چوڭ شەھەرلەردە بولسىلا نىشانى ئېنىق -ئېنىق ئەمەس ھالەتتە ئارزۇ تولدۇرۇش ئالدىدا . بىر قىسىم يىڭىدىن ئالىي مەكتەپكە بارغان ، تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كەسپىگە بولغان تەسىراتىمۇ تەشنائىي-ئا توردىشىمىزنىڭ يازمىسىدەك ياكى شۇ يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىكىدەك بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم . شۇڭا «دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى » ناملىق بۇئەسەرنى چامىمنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ( بۇرۇن باشقىلار يوللاپ بولغانمۇ ياق بىلمەيمەن . چۈنكى بۇ ئەسەر 2010-يىلى خەنزۇچە «ئوقۇرمەن »ژۇرنىلىغا چىقىرىلىپتىكەن ، يوللىنىپ بولغان بولسا ئۆزۈر ) .
*              *                  *                    *                 *                  *                *                 *                 *
تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم زىجۈن خارۋاردتىكى پىروففىسورلۇق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە ، ئۇنى مىھمان قىلدىم . پاراڭلىشىۋىتىپ قىزىمنى تىلغا ئىلىپ قالدىم :
-كىچىككىنە تۇرۇپ كىيىم-كىچەككە ، ياسىنىشقا ئامراق ، ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ ، قانچە گەپ قىلىپمۇ ئۆزگەرتەلمىدىم ، بەك بىشىمنى قاتۇردى . زىجۈن ئاڭلاپ ، كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى . مەن ئۇنىڭدىن قىزىقىپ سورىدىم :
-سىنىڭ دادىڭىز ئەينى چاغدا قايسى ئىلغار تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، سىزنى خارۋارد پىروففىسورى قىلىپ چىقتى ھە ؟
-دادام سىپىدىن قارا دېھقان تۇرسا ، نەدىكى تەربىيە ئۇسۇلنى بىلسۇن ؟
-ئۇنداقتا كىچىكىڭىزدىن ئۆگىنىشكە قىزىقىدىكەنسىزدە ؟ زىجۈن بىشىنى چايقىدى .
-ئۇنداقمۇ ئەمەس . شۇنداق ئىسىمدە ، كىچىكىمدە بىر يازلىق تەتىلدە دادام شەھەر ئىچىگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندا مىنىمۇ ئىلىۋىلىپ ، بىر نەچچە كۈن ئويناتتى . كۈندۈزلىرى دادام ئىشلەيتى ، مەن بولسام ئۆزۈم يالغۇز ئايلىناتتىم . بىر ئاخشىمى دادام مىنى بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئالىي مېھمانخانىغا ئىلىپ كەلدى .
مەن ھەيرانلىقتا سورىدىم :
-ھە ، سىزنى ئىلىپ بىرىپ تازا پۇل خەجلەپ يۇقىرى ئىستىمال قىلىپ بىرىپتۇدە ؟
-ئۇنداق ئەمەس . زىجۈن سەل ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىدى -دادام پەقەت شۇ مىنى ئايلاندۇردى ، ماڭا مېھمانخانىدىكى ئەدەپلىك ئېسىلزادىلەرنى ، ئالىي پىئانىنو مۇزىكىلىرىنى ، ھەيۋەتلىك چىراقلارنى ، يۇمشاق خىرۇم كىرىسلولارنى كۆرسەتتى . دادام «دۇنيادا بىزنىڭ تاغدىكى بۇغدايلىق ۋە دەرەخلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن باياشاتلىق ۋە گۈزەللىك سىنىڭ ئىزدىشىڭنى كۈتۈپ تۇرماقتا » دىدى .
ئۇ داۋاملىق سۆزلىدى :
-يۇرتقا قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ، دادام مىنى ئالايىتەن ئايروپىلان ئىستانسىسىغا ئىلىپ كەلدى . ئازادە ، يورۇق ئىستانسا زالىدا مەن بىر-بىرىدىن ناتونۇش ئىسىملارنى ئاڭلىماقتا ئىدىم : نىيۇ يورك ، توكيو ، فىرانكفورت...دادام :«ئۇ يەرلەردە بىزنىڭ بۇشەھەردىكىدىنمۇ ئىگىز بىنالار ، كۆپ ماشىنىلار ، تىخىمۇ ياخشى ئۇنۋىرسىتىتلار بار » دىدى . مەن دادامدىن بۇيەرلەر قايسى جايدا ، دەپ سورىدىم . دادام :«بەك يىراق ، ئوكيان كىزىشكە توغرا كىلىدۇ »دىدى . مەن ئۇھسىندىم ، دادام يەنە :«ئەمەلىيەتتە يىراقمۇ ئەمەس ، پەقەت يىتەرلىك بىلىمىڭ بولسىلا يەنە 10 يىلدىن كىيىن ، بىلىمنىڭ قانىتىدا پەرۋاز قىلىپ يىتىپ بارالايسەن» دىدى . قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ، كۆڭلۈمدە ئېنىق بىر نىشان ھاسىل بولدى : ئون يىلدىن كىيىن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا بىرىپ كۆرۈپ كىلىمەن .
مەن چوڭقۇر ئويغا پاتتىم ھەم ئىيتتىم :
-تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆگىنىشكە ئىچىرقاپ تۇرىدىغانلىقىڭىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن  .
-ئەمەلىيەتتە مىنىڭمۇ ئۆگىنىشكە كىرىشەلمەيدىغان ، ھىرىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان . ھەر قېتىم كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانغاندى كىيىن ، تەنھەركەت مەيدانىغا بىرىپ ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان ئايروپىلاننى كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم . كۆڭلۈمدە دائىم : بۇلار قاياققا ئۇچىدىغاندۇ ، نىيۇ يوركقىمۇ ياكى توكيوغىمۇ  ؟ دەيتىم . قاراۋىرىپ پەرۋاز قىلغۇم كىلىپ ھاياجانلىناتتىم . شۇنىڭ بىلەن  ئىككىنچى كۈنى ماي قۇيۇلغان ئايروپىلانغا ئوخشاش ، بار زىھنىم بىلەن ئۆگىنىشكە مەشغۇل بولاتتىم .
ھەيرانمەن ، ئانچە مەدەنىيەت سەۋىيسى بولمىغان بىر ئاتا ئۆزىنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بىلەن بالىسىغا ئۇچۇش ئىستىكىنى ئاتا قىپتۇ . مەنچۇ ؟ پەقەت قىزىمغا تىرىكىپ قائىدە سۆزلەش ، ئامال ئۆگىتىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ ئاخىرىدا ئىش كۆپ نەتىجە ئاز بولدى . ئاخىرى چۈشەندىم ، ئەگەر ئادەمنىڭ كەلگۈسى مۇساپىسىنى ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىشىغا ئوخشاتساق ، ئۇنداقتا غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىكى  مايغا ئوخشايدىكەن . ماي بولمىسا ، ھەرقانچە ياخشى يول باشلاش سىستىمىسى ، ئىلغار رادار تىخنىكىسىمۇ ئاجىز كىلىدىكەن . ماينى يىتەرلىك قۇيساقلا ، ئۇسۇل ، ئىرادە ، كۈچ مەسىلىسى ھەممىسى باش ئىگىدىكەن .
...
*              *                  *                    *                 *                  *                *                 *                 *
بۇ پۈتۈن ۋەقەلىكنىڭ بىر قىسمى ، ماڭا تەسىر قىلغان نۇقتىسى بولسا ، بالا كىچىك چېغىدا ئۇنىڭ دادىسى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردەك بالىسىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپلا «ياخشى ئوقى بالام ، ياخشى ئوقۇيدىغانلا بولساڭ نىمە دېسەڭ مەن تەييار ،  ئەگەردە خارۋادتا ئوقۇيمەن دېسەڭ ، ئۆينى ، مال-ۋاراننى ، ھەتتا لازىم بولسا قېنىمنى سىتىپ بولسىمۇ ئوقۇتىمەن »دىمەپتۇ . بەلكى ، ئۇنىڭغا قوغلىشىدىغان غايە بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىپتۇ . بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە مەقسەتلىك ئەمەس ، بالىسى بۇ كۆرۈنۈشلەردىن قاندق تەسىرات ئالىدۇ ، بالىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىگە 20 يىلدىمۇ بارالامدۇ-يوق بۇمۇ دادىغا ئېنىق ئەمەس . بىراق بالا شۇ ھەشەمەتلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ھەۋەسلەنمەي تۇرامدۇ ؟ يەنە داۋاملىق سەھرا چۈشى كۆرگۈسى ، جاپادا ياشىغۇسى كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە .  
بۇنىڭدىن ھىس قىلدىم ، بىز ئۇچرىغان تەربىيەنىڭ بىر قىسمى مەيلى ئائىلە ياكى مەكتەپتە بولسۇن مۇشۇ دېھقان ئاتىنىڭ ئوغلىغا ئەمەلىيەتنى كۆرسەتكىنىچىلىك تەسىر قىلمايدۇ . نەزەرىيەنى كۆپ ئۆگەندۇق ، كۆپ تەربىيەنى ئاڭلاپ قۇلاقلار ياغاچ ياكى تۆمۈر بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇرىنى تاپالمىدۇق . مەسلىنىڭ نىگىزى شۇكى ،  نىشان ئېنىق بولمىغاچ ۋقتىدا ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلمەيمىز ، سەل ۋاقىت ئۆتسە ئۆگەنگەن دەرسلەرنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلمىغاچ نىمە ئۆگەنگىنىمىزنى بىردەمدە ئۇنتۇپ كىتىمىز . بۇ ۋەقەلىكتە ، شۇ بالا كىچىك ۋاقتىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ، ئوكيان كىزىپ دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىگە بىرىشنى كىچە-كۈندۈز ئارمان قىلدى ، ئۇ يەردە نىمە بارلىقى ، قانداق ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۈتىۋاتقىنى بالىغا ئايان شۇڭا ھىرىپ -چارچىسىمۇ شۇ ئارمانلىرى ئۇنىڭ روھىنى ككتۈرۈپ كەلدى . ئۆزۈمگە قارىسام ، ئاددىيسى ، ماتىماتىكا دەرسى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىمىز بىرەر مىسال ئۆتسە ، ھە مىسال ، دەپ كىتىۋىرەتتىم  . لىكىن مۇئەللىم بىزگە شۇ ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ كىيىن بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە پالانى كەسىپتە كەڭ قوللىنىدىغانلىقىنى ياكى شۇ پەندە  مۇشۇ خىل ھىساپلاش ئۇسۇلى كىيىنچە قوللىنىدىغانلىقىمىزنى سۆزلىمىگەندىكىن شۇ بىلىمنىمۇ خالىخۇتتاڭ ئۆگىنىۋەرگەن گەپ . كىيىن ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر قارايدىغان بولسام ، بىر كەسىپتە سىتاتسىتكا مۇھىم بىر پەنكەن ، يەنە بىر كەسىپتە پىرسەنىت مۇھىم بىر پەنكەن ؛ يەنە بىرسىدە بولسا پروگىرامما تۈزۈش شۇ پەننىڭ مۇھىم قىسمىكەن . كىيىن لازىم بولدىغىنى نە خىيالىمغا كەلسۇن ؟ بۇلار پەقەت نومۇرنى جىقراق ئىلىشقا ئەسقاتىدۇ ، دەپلا ئويلايتىمدە ، شۇنىڭ بىلەن ئكزۈم ئامراق پەنلەرگىلا كۈچەيتىم . يەنە مەسىلەن،  ئىنگىلىزتىلىنى مىسالغا ئالساق ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان ياكى شارائىت بولسىمۇ ئىنگىلىزتىلى (ياكى باشقا چەتئەل تىلى) ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىگەن نى نى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغۇسى بار ئالىي مەكتەپ بالىلىرى مۇشۇ چەتئەل تىلنىڭ قىسمىقىغا چۈشۈپ ئارزۇسىدىن قۇرۇق قىلىۋاتقان ، دىگەندەك . نىمشقا شۇنداق بولىدۇ ؟ باشتىلا نىشان ئېنىق ، مۇستەھكەم ئەمەس .
يەنە بىر قىسىملىرىمىز بولساق ئالىي مەكتەپنى تۆت-بەش يىل ئوقۇپ خىزمەت تاپىدىغان ۋاقىتتا قارىساق ، ئۆگەنگەن كەسپىمىزنىڭ قىلچە ئەتىۋارى يوقلىقىنى ياكى بازىرى يوقلىقىنى ، ئەمما يا كەينىگە قايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى (مەسىلەن ، ۋاقتىدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ) يا بالدۇرراق باشقا چىقىش يولى ھازىرلاپ (مەسىلەن قوش ئۇنۋان ئوقۇش ، ئۆرلەپ ئوقۇش) قويمىغانلىقىمىزنى بىلگىنىمىزدە ئاللىقاچان ھەلقۇمغا كىلىپ قالىدىكەنمىز .
شۇڭا ، بۇماقالىنى ئورتاقلىشىشىتىكى مەقسەت ئىككى :بىرى ، نىشان ئېنىق بولسۇن ، مۇستەھكەم بولسۇن ؛ يەنە بىرى، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا . يەنى ، بولسا شارائىت يار بەرسە ئالىي مەكتەپتىكى ئىنى-سىڭىللىرىمىز ئۆزى ئوقۇۋاتقان كەسپىنىڭ تەرەقىياتى جەھەتتە كۆپلەپ ئۇچۇر ئىگىلىسە ، كەسپى ئەمەلىي پىراكتىكىلارنى كۆپرەك قىلسا ، كىيىن قانداقراق بىلىم ھازىرلاش تىگىشلىكىنى ، ئۆزىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالىدۇ ؛ ئارزۇ تولدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ياكى تولۇق ئوتتۇرىلارغا يۇقىرلاپ ئوقۇماقچى بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمىزمۇ ئۆزى تاللىماقچى بولغان مەكتەپ ياكى كەسىپكە بولغان چۈشەنچىسىنى تىخىمۇ كىڭەيتسە ، كىيىنكى سەپىرىدە گاڭگىراپ قالىدىغان ، «ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامغا توۋلايدۇ »غان ئەھۋاللار ئازلىشى مۇمكىن .
         كۆرۈلۈشى:1105     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/3/20 22:33:18يوللىغۇچى ئەزا:ئاتايار

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ...
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى
«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com