Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

ئەگەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن چىقىش يولى تاپالماي تەمتىرەپ،چۈشكۈنلىشىپ كىتىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدىغان بولساق بۇلار پەقەت ئىختىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۇقۇيالماسلىق ھەم،تىجارەت قىلىشتا دەسمايىنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ يوقلىقىلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ياشلاردىكى روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسىدۇر.

ئۇنداقتا ياشلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كىتىدۇ؟؟؟؟؟؟؟مىنىڭچە مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقانداق كىشى بۇ مەسىلىنىڭ تۈزۈتىلىشىگە تۈرتكە بۇلىشى ئۈچۈن تىرىشىشى ھەم ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشى كېرەك.
ياشلارنى تۈگەشتۈرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپ ھاراق-تاماكا ۋە قىمارغا بىرىلىشلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى شەھۋانىي ھەۋەسكە ھەددىدىن زىيادە بىرىلىپ كىتىشىدىندۇر.بۇ ئىشقا بىرىلىپلا قالسا ئۇنۇڭدىن ئۆزىنى تارتماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل،ئۇنۇڭغا بىرىلىپ كېتىش خۇددى زەھەرلىك چىكىملىككە خۇمار بۇلۇپ قالغاندىن قېلىشمايدۇ.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپ، دەسلىپىدىلا ئۇنۇڭغا قەتئىي يېقىنلاشماسلىق كېرەك.
ئەيدىز بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم،لىكىن قىلىۋاتقانلار بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا بۇ ئىشتىن مىھرىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ.مۇشۇنداقلار كۆپىيىيۋەرسە پەقەت ئۆزىنىڭلا جېنىغا زامىن بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى پۈتۈن بىر جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا ھەم كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زور تەھتىتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى پەسكەشلىك نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىز زورىيىپ كېتىدۇ؟
بۇنىڭدا يەنىلا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي ھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بىرىۋاتقان،پاھىشىانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن زور،پاھىشخانىلار بۇ خىلدىكى شەھۋانىي ھەركەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى.

مەن بۇ ئىشقا قارىتا ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى نەقىل كەلتۈرەي؛
مەن
خوتەن شەھەر ئۇزۇن يوللۇق بىكەتنىڭ 50مېتىر شەرىق تەرەپىدا دوكان ئېچىپ تىجارەت قىلىمەن،ئەتراپىمدا شەكلى ئۆزگەرگەن ئاتالمىش مىھمانخانىلار،بۇزۇقچىلىق ئۇۋىللىرى ئىنتايىن كۆپ،ھەم شۇنداق ئوچوق-ئاشكارە تىجارەت قىلىدۇ،كەچ ۋاقىتلىرى دوكاننىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ شۇ تەرەپلەرگە كۆزۈمنى ئاغدۇرىمەن،ئەشۇ جىنايەت كامىرىغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۆزۈلمەيدۇ،كۆپىنچىسى يەنىلا ياشلار.
ھەتتاكى مەن تۇنۇيدىغان بىر نەچچە تۇلۇق ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ كەچلىرى مەكتەپ فورمىسىنى ئالماشتۇرۋېتىپلا شۇ يەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈىمەن،
بۇنداق ۋاقىتلاردا غەزەپتىن ئۆزۈمنى باسالمايلا قالىمەن،ھەم ئىچىگە كىرىپ تىنىنى سېتىۋاتقان ئەشۇ تىگى پەس پەسكەشلەرنى چاناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتكۈم كىلىدۇ،لىكىن بىرنەچچىسىنى ئۆلتۈرۈپلا يۇقاتقان بىلەن ئۇنداقلارنىڭ ئورنىغا يەنە نەچچىسى چىقىدۇ،ئۇنداقلار ھەرگەز ئازلاپ قالمايدۇ.

ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇنداق ئاۋات شەھەردە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىدىن چەت بۇلۇڭلاردىكى بىرەر ئەسكى تاملىق كونا ئۆيلەرمۇ ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،ئەجىبا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى شۇنچە كۆپ پاھىشخانىلارنى كۆرمەي قالامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھۆكۈمەت خادىملىرى گىزىت-ژورناللاردا ۋە خەۋەرلەردە،قانۇنسىز شەھۋانىي قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېغىزىدىن شالىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بەس-بەستە سۆزلىشىپ كىتىدۇيۇ،نىمىشقا شۇنداق ئىشلار كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتسا ئۇنى توسىمايدۇ؟ئەكسىچە بۇنداق جايلار بارغانسىرى كۆپۈيۈپ قالىدۇ؟بىرەر دىننىي زات ئۆز ئۆيىدە بالىلىرىغا ھەقنى ئۆگەتسە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنۇڭغا ھەرخىل قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ تۈرمىگە سۇلايدۇيۇ،ئۇيغۇر پاھىشلەرنى سېلىپ پاھىشخانا ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقان خەنزۇ خۇجايىنلار شۇنچە ئەركىن-ئازادە يۈرەلەيدۇ؟

ھۆكۈمەت مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىقلارغا قاراپ تۇرۇپ يول قۇيامدۇ؟ۋەياكى ھۆكۈمەتنىڭ سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك ئەمەسمۇ؟
بىز بۇنداق بۇزۇقچىلىقلارغا قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسسۇل بىلەن زەربە بىرەلەيمىز؟
ئۇنى تۈزۈتۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇللىرى بارمۇ؟
قېنى تورداشلار ھەممىمىز مۇشۇ ھەقتە ئەركىن- ئازادە مۇنازىرە قىلىپ باقايلى.
مۇشۇنداق ئىشلارنى تەرتىپكە سالىدىغان قانداق ئۇرۇن بار،بار بولسا ئۇنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ۋە ىوتەن ۋىلايەتلىك ئىدارىسىنىڭ نۇمۇرىنى يوللاپ قويساڭلار.
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئۇستازلار بىلىم سەۋىيەمنىڭ تۆۋەن بۇلىشى تۈپەيلە سۆزلىرىم تاققا-تۇققا،ئىلمىيلىكى يوق چىقىپ قالدى،ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ بۇ تىمامنى تەستىقلاپ قۇيۇشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
تورداشلارنىڭ پىكىرلىرى مەن ئۈچۈن تۇلۇمۇ مۇھىم

         كۆرۈلۈشى:13080     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/13 18:06:58يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com