Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى توي – تۈكۈن ۋە ئۆرپ – ئادەت توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز تەپەككۇرۇمدىن بالقىغان شۇ ئاددىي تامچىلارنى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما مەكتەپ ھاياتىدىكى ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەرزىمەس لىكسىيە ۋە قۇرۇق يىغىنلار ئۆزۈمنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىغان ئەرزىمەس ئىشلىرىم بىلەن قۇشۇلۇپ كۆپ ۋاقتىمنى ئېلىپ بىر نەرسە يازغۇدەك ئىلھامىمنى قويمىغانىدى .مانا بۈگۈن ياراتقۇچى خالىقنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قۇلۇمغا قەلەم ئېلىش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم . ئاساسىي مەخسەتكە كەلسەم ، يوۋكۇ تورىدا بىر نەچچە ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ توي مۇراسىم سىن فىلىمى چىقىشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ،ئەلكۈيى مۇنبىرىدىمۇ مەخسۇس تىما شەكلىدە بۇ ھەقتە بىر مەھەل ئىنتايىن قاتتىق بەس – مۇنازىرە قايناپ  كەتتى) ئارانلا بېسىققان بۇ تالاش - تارتىشلارنىڭ يەنە قايتىدىن باش كۈتۈرۈپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ،يۇقىرىدا ئېيتىلغان تىمىنىڭ ماۋزۇسى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىدى (. قىزىپ كەتكەن 80 نەچچە بەتلىك بۇ مۇنازىرىدىن كۈرۈۋېلىش تەس ئەمەسكىن ، بۇ توينىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغانلىكى كىشىنىڭ بارچىسى ناھايىتى تېزلا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان .ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر يېڭىلىق تەرەپدارى بۇلۇپ كىچىككىنە قوللاش پۇزىتسىيىسىدە بولغاندىن باشقا زور كۆپ ساندىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسسى قارشى تۇرۇش ، ئېچىنىش ، نەپرەتلىنىش ، ھەتتا غەزەپلىنىش قاتارلىق ئىنكاسلار بىلەن ئۆزىنىڭ پۇزىتسىيىسىنى بىلدۈردى . شۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق تەرزدىكى ئىنكاسلار بىزنى شۇنىڭغا دالالەت قىلىۋاتىدۇكى ، ھەر تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ياشاپ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى توي مۇراسىملىرى ھەقىقەتەنمۇ سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بوپقاپتۇ .مېنىڭچە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەرگىزمۇ قارشى پىكىردىكىلەرنى تىللاش ، تەنە قىلىپ مازاق قىلىش ياكى مۇشۇ ئىشنى دەپلا مىللەتكە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئۈمۈتسىز ھالەتتە پىكىر قىلىش بولماسلىقى كېرەك . ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟؟؟ بۇ تىمىغا ‹‹مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۈكۈنلىرى ›› دەپ ماۋزۇ قۇيۇلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزەمچىلا توي مۇراسىم قائىدىسىنى مىللەت ۋە دىننىي ئەقىدىگە ئۇيغۇن ئاساستا بىكىتىپ تويلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش شەكلىنى قېلىپلاشتۇرايلى دىمەكچى ئەمەسمەن . چۈنكى مېنىڭچە بولغاندا قەلەم تەۋرىتىشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئىدىيە تىڭىش ئەمەس ، بەلكى ئۇقۇرمەننى مەلۇم پىكىر يۆنىلىشىگە باشلاش ياكى مەلۇم خىل تەپەككۇرنىڭ تۇرغۇنلىشىپ قالغان مىڭىدىن پارتلاپ چىقىشىغا سەۋەبچى بۇلۇش خالاس . شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، بىر مىللەتنىڭ توي مۇراسىمى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئادەت چەمبىرىكى ئېچىدىن زىيادە چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك ، چەتنىگەندىمۇ پۈتۈنلەي ياتلىشىش خارەكتىرلىك ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك .بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئەنئەنىگە رودىپايلارچە چاپلىشىپ ئىلغارلىقنى چەتكە قېقىش دېگەنلىك ھەم ئەمەس . چۈنكى ئەسىرلەر مابەينىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇنداق ئۆرپ – ئادەتلەر بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئەخلاق قارشىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بۇلىدۇ ،ھەم سىرتقى شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگىمۇ نىسبەتەن ئاز ئۇچرىغان بۇلىدۇ .ئەخلاق ئۈستىدە گەپ ئېچىلغان ئىكەن ، بۇ توغرىسىدىمۇ ئىككى كەلىمە كايىپ قۇيۇش ئارتۇقچە بولماس .بىلىش كېرەككى ،مۇكەممەل ئەخلاق پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلىشى كېرەك .مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى بولسا قۇرئاندۇر . بىر قەۋم ئەقىل – ئىدراكى بىلەن مەلۇم بىر دىننى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن ،جەزمەن چىن ئىخلاس – ئېتىقادى بىلەن تۇرمۇش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىدە قىلمىش – ئەتمىشىنى شۇ دىننىڭ تەلەپ قىلغان ئەخلاق كونتىروللىقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك .ئۇنداق بولمايدىكەن ياكى ئۆزىنىڭ دىندىن خالىي ، دىننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك .ناۋادا ئېتىراپمۇ قىلمايدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ كاززاپ بۇلىدۇ . بۇنداق كاززاپنىڭ ياكى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان شۇئارىۋى قەسىمى يالغان ، ياكى قىلىۋاتقىنى ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ يولباشچىسى بولغان مۇھەمەت ئەلەيھىسسالام ( ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ) ‹‹ يالغانچى مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس ›› دېگەن سەھىھ ھەدىسنى قالدۇرۇپ كېتىش ئارقىلىق يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا سالىدىغان ئېغىر زىيانلىرىدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان . دېمەك مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەخلاقى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ، دەۋاتقان گېپى ۋە ئويلاۋاتقان ئوي – خىيالىدا ھەر ۋاقىت ئەكىس ئېتىشى كېرەك .

      شۇنىڭدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ توي مۇراسىمى ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە بولغاندا ، ھاراق شاراپتىن خالىي ، ئەر – ئايال مېھمانلار ئايرىم - ئايرىم ئۆيدە مېھمان بۇلۇپ يېگەن – ئىچكەن بۇلىشى ، ئەر – ئاياللارنىڭ ئورتاق ئىشتىراك قىلغان تانسا ۋ ئۇسۇللىرىدىن خالىي ( شەخسەن مەن ئەرلەر ئايرىم ، ئاياللار ئايرىم ئۇسۇل ئوينىغان بولسا بۇلىدۇ دەپ قارايمەن ، باشقىچە ھەرقانداق پىكىرنى ۋە پىكىر ئىگىسىنى ھۆرمەت قىلىمەن ) ،ئىسراپچىلىق بولمىغان ،قىزىنى ياتلىق قىلىشنى پۇل ئۈندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى قىلىۋالمىغان ، زورلاش – زورلىنىش مەۋجۇت بولمىغان ،توينىڭ ئالدىدا قىز – يىگىت ئارىسىدا ناتوغرا مۇناسىۋەت بوپ قېلىپ توينى ‹‹ ئىشلارنى بېسىقتۇرۇش ›› نىڭ يۇلى قىلىۋالمىغان ، قىز – يىگىتنىڭ كىيىمى بەكلا ئۇچۇق ياكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ كىيىنىشىگە ئوخشاپ قالمىغان بۇلۇشىدەك بىر قاتار دىننىي قائىدىلەرنىڭ ( بەزى دىنغا مۇخالىپ بولمىغان ئاساستا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە يۇسۇنلار نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) رامكىسى ئىچىدە بۇلىشى كېرەك .ۋە ھاكازالار !

      بەلكى زامانىۋىلىشىشنىڭ تېز – تېز قەدىمىگە يىتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن تەرەققىياتنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ، باشقا ئەل – خەلىقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى كۆزىگە يېقىشلىق بوپ كۆرۈنگەنلا بولسا ئۆز تۇرمۇشىغا تەتبىغلاشنىڭ ئۆزى شۇلارغا نىسبەتەن مەدەنىيەت بولىدىغاندۇ .ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت دېگەن جەزمەن شۇنداق بۇلىشى كېرەك دېگەنلىك بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەقىل خارەكتىرلىك تەرەققىيات خاھىشى ھەرگىزمۇ بېرەر ئىش ئۈستىدە ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ ھۈكۈم چىقىرىدىغان كىشىلەر تەلتۆكۈس يوقۇلۇپ كەتمىگەن بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ .ھەقىقەتەنمۇ مىللەتكە تەنقىدىي نەزەردە مۇئامىلە قىلىشتا ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك مىللەتنىڭ سۆيىدىغان يېرىگە سۈيۈپ ، تۈكۈرىدىغان يېرىگە تۈكۈرۈپ قۇيۇش كېرەك . ئەلۋەتتە سۆيگەندە سۆيۈشكە تىگىشلىك كىشىلىرىمىزنىڭ پەزىلەتلىك ، دىلنى سۆيۈندۈرۈدىغان ياخشى ئىش پائالىيەتلىرىنى مەدھىيەلەش ، ئۆرنەك قىلىش ، تىللاردا داستان قىلىش ئارقىلىق سۆيگەنىكەنمىز ،تۈكۈرگەندىمۇ زادى تۈكۈرۈشكە تىگىشلىك ئاشۇنداق پارازىت سۈپەت كىشىلەرنىڭ مىللەتنىڭ نامىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ يۈزىگە پوق سۈركەيدىغان ۋە سۈركەۋاتقان ناچارلىقلىرىغىلا تۈكۈرۈش كېرەك .پۈتۈن مىللەتنى تەنقىدلەپ ، پەقەت تەنقىدنىلا مىللەتتىكى ئىللەتنى تۈگىتىشنىڭ يۈكسەك يولى قىلىۋالساق ،كۆرۈۋاتىمىزكى مانا ھازىرقىدەك مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى دېگىدەك تەنقىدچى بوپ كېتىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ ئاشكارە ئىپادىلىنىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ .

      جەمئىيەتنىڭ بىر ئورتاق ئىجتىمائىي توپ بۇلۇشى ئۈچۈن مۇئەللىم ،دېھقان ، سەيپۇڭ ، ناۋاي ، كاۋاپچى ، مۇزدوز ، ساتىراچ قاتارلىق مائارىپچى ۋە باشقا كاسىپ – ھۈنەرۋەندەك تۈرلۈك قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بۇلۇشى زۈرۈر بولغىنىدەك ، مىللەتنىڭمۇ ئىسمى – جىسمىغا لايىق مىللەت بۇلۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە مىللەتنىڭ ئەشۇنداق ئىشلىرىغا تەنقىدىي نەزەر بىلەن قاراپ ۋاقتىدا ئەقلىي دىئاگنۇز قۇيۇپ ، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە مەۋجۇتلىقىغا نىمىنىڭ پايدىلىق ، نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىمكانقەدەر مۇۋاپىق يۇسۇندا تۇنۇپ يىتەلەيدىغان بىر تۈركۈم خەلقپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئەمەلىيەتچىل ئەدىب ۋە تەنقىدچىلەر بۇلۇشىمۇ ئىنتايىن زۈرۈر . ئەلۋەتتە بىر مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئىشلاردا كەسكىن ھالدا ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېيىشتە باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا شۇ مىللەتنىڭ ئەدىپلىرى تېخىمۇ مۇناسىپ .ئۇنداق بولمايدىكەن ، مەسىلە ھەل بۇلۇش يۈنىلىشىگە قاراپ ئەمەس ، بەلكى پىتنە – پاسات بىلەن تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كېتىدۇ . چۈنكى زۇلپىقار بارات ئۆزباش دېگەندەك ھارۋىنى ئات يولغا سۆرىسە ، پاقا سازلىققا ، چاشقان كامارغا ، قوي قوتانغا سۆرەيدۇ . دېمەكچى ، ھەممە ئۆز مەقسەت – مۇددىئاسىنى راست قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيدۇ ، پىكىر بىرلىكى بولمايدۇ، پىكىر بىرلىكى بولمىغان يەردە مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملۈك پىكىر ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ .

      ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يەنە ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدە ‹‹ بۇ مىللەت ئالىملىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى ، ئۆلىمالىرىنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىمىدى ، مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە ئاڭلايدىغان گەپ ئۆزلىكىدىن يىتىپ كېلىدۇ ›› دېگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرلىك بىر جۈملە سۆزى بار. بۇ يەردە ئېيتىلغان ئالىملارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىق بىزلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى چاكىنىلىشىشىمىزدا ئىپادىلىنىدۇ ، ئۆلىمالارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىق بولسا دىنىمىز ئىسلام دەپ تۇرۇپ ، ئىسلام شەرىئىتىگە زىت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئەلۋەتتە يۇقىرىدا ماۋزۇسى تىلغا ئېلىنغان تىمىدا مۇنبەرداشلار قاتتىق – يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئەيىبلەۋاتقىنى باشقا ئىش بولماستىن ، دەل ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ ئىش قىلىۋاتقانلارغا چېچىلىش بولدى . ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئېيتقان ئىكەنمىز ، ھەر ۋاقىت ھالال ئەقىدىنىڭ قىيىن قىستاقلىرىدا ئۆزىمىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن سوتلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك ،ئاندىنلا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ھەر ھالدا لايىقىدا بۇلىدۇ . چۈنكى ئەلنىڭ كۆزى خەق كۆرمەسمىكى دېگەن ئىشلارنى كۈرۈپ قېلىشتا ، دائىم بىز ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىپ قۇيىدۇ . ئەل كۆردىمۇ بولدى ، ئوسۇرغان پوق پۇرىماي قالمايدۇ دەپ بىردەمدىلە يېيىلىپ كېتىدۇ .

      ئېنىقكى يۇقىردىكى يوۋكۇ تورىدا ئېلان قىلىنغان توي توغرىسىدا چېچىلىپ سالغانلاردىكى ئىدىيە توغرا ، يەنى تويدىكى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان دىننىي ئەقىدىگە مۇخالىپ بولغان ئىش – ھەركەتلەرگە تۇلىمۇ كەسكىن پۇزىتسىيەدە بولغان .لېكى مەسىلە شۇ يەردىكى ، كاللىدا پەيدا بولغان ئىدىيەنى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن .چۈنكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك چېچىلىشنى ھەرگىزمۇ تىللاش ، تەنە قىلىپ مازاق قىلىش ياكى مۇشۇ ئىشنى دەپلا مىللەتكە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئۈمۈتسىز ھالەتتە پىكىر قىلىش بىلەن ئىپادە تاپقۇزماسلىقىمىز كېرەك .چۈنكى قاتتىق تىلنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىنمۇ تۆۋەن بۇلىدۇ ، ھەم بىراۋلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ ئېرىشكەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ .بىز تىللاپ – غەزەپلىنىپ باشقىلارنىڭ ئىش – ھەركىتىگە قوماندانلىق قىلالمايمىز ،ھەم بۇنداق ھۇقۇقنىمۇ ھېچكىم بىزگە بەرگىنى يوق .ناۋادا تىللىسام خاتا ئىش قىلىۋاتقاننى تىللىدىم ،دىنىمىزغا مۇخالىپ ئىش قىلىۋاتقاننى تىللىدىم دەيدىغانلار بولسا ئاڭلاپ قالسۇنكى ، شۇ تىلغا ئېلىۋاتقان دىننىڭ يولباشچىسى بولغان رەسۇلۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ) ‹‹ كىمكى ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ، ياخشى گەپ بولسا قىلسۇن . بولمىسا سۈكۈت قىلسۇن ›› دەپ ئاللىبۇرۇن بىزگە ئەسكەرتىش بىرىپ قويغان . يەنە بىر ھەدىستىمۇ ‹‹ مىنىڭ ئۈممىتىم ئىككى جاينى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلالىسا مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى كاپالەت قىلىمەن ، بىرى ئېغىزى ، يەنە بىرى ئەۋرىتى ›› دېگەن .ھازىرقى جەمئىيەتتە ، بىزغۇ ئاللىبۇرۇن ساقلاشقا تېگىشلىك بولغان بۇ ئىككى جايغا چېقىلىپ بولدۇق ،ھەم داۋاملىق چېقىلىۋاتىمىز ( ئاللاھ بۇ نەسچىلىكتىن يىراق بۇلۇشتا بىزگە ھامىي بولسۇن ) . يۇقىرقى پاكىتلار ئارقىلىق بىلەلەيمىزكى ، قاتتىق ھەم بۇزۇلغان تىلنىڭ بىزگە كېرىكى يوق ...

       ھاياتىنى بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر پاھىشە ئايالنىڭ قۇدۇق بۇيىدا ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان بىر ئىتقا ئۆتۈكىنى سېلىپ سۇ ئىچۈرگەنلىكى سەۋەبىدىنلا ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھىنىڭ مەغفىرەت بۇلۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەشھۇر سەھىھ ھەدىس---- ئازراقلا ئىنتىلىش بىلەن دىننىي ئىلىم ئۈگەنگەن كىشىگە ناتۇنۇش ئەمەس .چۈنكى تەۋبىنى نىيەت قىلغان ياكى مىھرىبانلىق جۈملىسىدىن بولغان كىچىككىنە ئەمەلمۇ رەببىمىز ئاللاتائالانىڭ ئالدىدا شۇ قەدەر ئەجىرلىك ھەم ساۋابلىق ئىش . بىز بىلمەيمىزكى ، مۇشۇ توي مۇراسىمىنى قىلىپ سىنغا ئالغان بۇ بىر قاتار كىشىلەر مۇشۇ توينى قىلىپ بۇلۇپ ياكى مۇشۇ ئىنكاسلاردىن خەۋەردار بۇلۇپلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەيلى مىللەت يۈزىسىدىن بولسۇن ،ياكى مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ پۇشايمان قىلغاندۇ ،تەۋبە قىلغاندۇ . چۈنكى ھەممىمىزگە ئايانكى ، غايىبنى ئاللاھ بىلىدۇ ،بىز بىلمەيمىز . مۇشۇ مۇنبەردىلا تەۋبە قىلىشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق .گەرچە مۇنازىرە ئەخلاقى باشتىن - ئاخىرى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تەكىتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىزگە ئوخشاش ھېسيات تىپىدىكى مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ، ئاچچىق ، غەزەپ – نەپرەت ، ئېچىنىشنىڭ ھەممىسىنى بىرلا خىل ئۇسۇل ، يەنى ------ تىللاش ياكى كاپىر – مۇناپىقلىق بىلەن لەنەتلەش ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىنكاسلار ئارىسىدا مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھالەت شەكىللەندى .ئەمدى بۇ يەردىكى سەت گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى ھەرگىزمۇ دەل تەتۈرىسىچە قىلىپ ياخشى گەپلەر بىلەن قوللاش كېرەك دېگەنى تەشەببۇس قىلمايدۇ .نىمە ئۈچۈن دېگەندە ، توي قىلسا ئۆزىنىڭ تويىنى قىلىپتۇ ، قىلسا ئۆزىنىڭ ئايالىنى... ، ئۆزىنىڭ ئېرىنى ...قىلىپتۇ دەپ قوللاش ياكى بىر تەرەپ بۇلۇش پوزىتسىيىسىدە ئىنكاس يازغانلار ھەم بار .شۇلارغا ھۆرمەت بىلەن ئېيتىپ شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىمكى ،ئەخلاق مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلەر پەقەت بىزگە بىۋاستە ئىقتىسادىي نەپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا بىزنىڭ دىققەت ئېتبارىمىزنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى كېرەك . بۇنداق ئىشلار نۆۋىتى كەلگەندە بىر ئادەم ، بىر ئائىلە ، ياكى مەلۇم بىر كوللىكتىپ بىلەنلا تۈگەپ قالماستىن ، بەلكى باشقىلارنىڭ پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاق – ساپاسىغا باھا بىرىشتىكى كوزىرى بوپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قارىنىڭ ئۈستىگە ئۈستىلەپ قارا سۈركەشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش لازىم .

       قىسقىسى ، كۈندىن -كۈنگە شەكلى رەڭدارلىشىپ ، موللىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشتە ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىيلىكىدىن ئوشۇقچە چەتنەپ كەتمەي ،ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى بۇيىچە پەخىرلىنىش – ئىپتىخارلىنىش بىلەن ئۆتكۈزىشىمىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە باھا بېرىشتە باشقىلارنىڭ پىچىمىنى ئۆلچەم قىلىۋالماسلىقىمىز بىر قەدەر ئاقىلانىلىك بۇلىدۇ ، تامام .

      ئاخىرىدا قۇشۇپ قۇيىدىغان ئازراق يۈرەك سۆزۈم شۇكى ، بۇ تىمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئىدىيە تېڭىش ئەمەس ، بەلكى ئاددىي ئىنكاسچىدىن كىچىككىنە ھالقىپ ئۈتۈپ مەسىلە ھەل قىلىشقا يۈزلىنىش خالاس . ئېتراپ قىلىمەنكى ، پىكرىم ھەقىقەتەن بەك تېيىز ، ئۆز پىكرىمنىلا ياقلايدىغان بەزىبىر پۇچەك تەپەككۇرلىرىمنىڭ ھاسىلاتىمۇ يوق ئەمەس ، شۇڭا ئۇقۇرمەنلىرىمنىڭ بۇ تىمامغا قارىتا ھەر قانداق پىكرىنى غەزەپ بىلەن ئەمەس ، بەلكى دىلنى سۈيۈندۈرۈپ ئۆز كەمچىلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا ئۈندەيدىغان يۇمشاق تىللار بىلەن ئىپادىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، چۈنكى ماڭا ئوخشاش ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىغا چىققان بىر تەنتەكنىڭ سۈت پۇراپ تۇرغان ئېغىزىدىن بۇنداق گۆدەكلەرچە خىيالىي گەپلەرنىڭ چىقىشى نۇرمال ئەھۋال . ئۈمۈدۈم شۇكى ، بىر نەچچە كېچىنى تۈن يېرىمغا ئۇلاشتۇرۇپ تاماملىغان بۇ تىمام ئۇقۇرمەننى ئۆزىمىز ھەققىدە كىچىككىنە ئويلاندۇرالىغان بولسا ، مەقسىتىم ھاسىل بولغان بۇلىدۇ . قەلەم ئوينىتىش ياكى سۆز ماھارىتى قىلىشتەك يالتىراق ئىكران كەبى قۇرۇق ئابروينى تاما قىلىشقا ھالىم يوق .

مەنبە : ئەلكۈيى  مۇنبىرى
         كۆرۈلۈشى:1519     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/3/20 22:41:59يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com