Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ...

قەلبىم ئازاپلىنىۋاتىدۇ،  سېنىڭ    ماڭا يازغان ئۇچۇرلىرىڭغا قايتا- قايتا قاراۋاتىمەن.   قايتا- قايتا ئۇچۇر يوللىدىم.  قەتئى ئىشەنگۈم  كەلمدى.  ئەمما  سەن ئەتسى   توردا  چ چ دا  ماڭا ئوچۇق قىلىپ  مەن توي  قىلدىم . دېدىڭ  

ئانام  تاماقنى  داستىخانغا ئەكەپ قويۇپتىكەن  قەتتئى  يېگۈم كەلمىدى.   ئەسلىدە ئەتىگەنلىك تاماقنىمۇ يېمىگەن ئىدىم.  قوسقۇم  شۇنداق ئاچقان ئىدى. لېكىن سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ  قوسقۇمنىڭ ئاچقىنىنى ئۇنتۇپ قالدىم. 

كومپىيوتېر ئالدىدىن ئاستا  تۇردۇم. ئاچامنىڭ  كىچىك ئوماق بالىسى ئېسىمگە كېلىپ  ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي دەپ چىقىپ كەتتىم.    ئەمدى تۇغۇلغىلى   1 ئايدىن ئاشقان  ئۇكامنى  قۇچىقىمغا ئېلىپ  يەنە ئۇنىڭ  سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىشكە باشلىدۇ.   

<<جېنىم بىز توي  قىلغاندىن كېيىن ئاللا بىزگە بىر پەرزەنت ئاتا قىلسا ئوغۇل بولسا ئابدۇللا،  قىز پەرزەنت ئاتا قىلسا ئىسمنى پەرى قويساق >> دىگەن  سۆزلىرىڭىنى  ئويلاپ   كۆڭلۈم تېخمۇ يېرىم بولدى.  ئاچامنىڭ بالىسنىڭ ئىسمنى مەن تاللاپ  قويۇپ بەرگەن ئىدىم. ئۆزۈم ئەڭ ئامراق پەرى دىگەن ئىسىمنى  قويغانتىم.  چاقىرساملا  ئۇ ئېسىمگە كېلىدۇ.      ئاچامنىڭ ئۆيىدە كېچىچە قەتئى  ئۇيقۇم كەلمىدى . خىيالىمغا ئۇنىڭ  << مەن  ئەمدى توي قىلدىم  ئەمدى ئاۋەرە قىلما >> دىگەن  بۇ گېپى   كىرۋېلىپ قەتتئى   ئۇخلاتمىدى. ئەتىسى  ئۇنىڭ يۇرتى  يەكەنگە يول ئالدىم.   

يەكەندە بىر ھەپتىدەك تۇرۇپتىمەن.  يوللاردا ماڭسام  ئۇنىڭ سىماسنى ئىزلىدىم.  ئىلگىرى  ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرگەن يەرلەرگە  كېلىپ قالسام ئىختيارسىز ئۇ ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىم ئاغىريدۇ. 

  بىر كۈنى   ئاغىنەم بىلەن بىللە  بازار ئايلىنىپ كېتىپ بېرىپ  ئاغىنەمگە  ئۇنىڭ بىلەن   بۇ يەردە تۇرغانتۇق دېسەم ......... 

ھە  ئۇنى ئۇنتالماپسەن دە  بولدى  ئۇنتۇپ كەت توي قىلىپ   بولغان ئادەمنمۇ ئويلايدىكەنسەن  دەپ قويۇپ  يولىمىزغا كېتۋەردۇق.

قەشقەرگە بارساممۇ  يەنە شۇنىڭ بىلەن يۈرگەن يەرلەر ئېسىمگە كېلىدۇ.     ئۇنتۇپ كەتكۈم بار .  

ئۆيگە كېلىپ  كومپيوتېرنى ئاچسام  ئىختيارسىز ئۇنىڭ رەسمىنى  كۆرۈپ قالىمەن.   

كىيىملىرىمنى  ئالماشتۇراي دەپ  قارىسام  ئۇ ماڭا تۇنجى كۆرۈشكەندە سوۋغا قىلغان   شارپىنى كۆرۈپ يەنە ئىختىيارسىز    ئۇنى ئەسلەيمەن،  قولىرىمىغا ئىختىيارسىز شارپىنى ئېلىپ  يۈزۈمگە سۈرتىمەن،  پۇرقىنى پۇرايمەن.

پورتىمالىمدا  ئۇ  تۇنجى كۆرۈشكەندە بەرگەن بىرتال   يۈرەك شەكلىدىكى  پۇلمۇ تاكى ھازىرغىچە  بار،  بىز توي قىلغاندا  ئۇنىڭغا  كۆرستىدىغان بولغان  تاكى  بۈگۈنگىچە  ساقلاۋاتىمەن گەرچە ئۇ توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى ساقلاۋاتىمەن.  

بىز نەچە قېتىم كۆرۈشكەن بولساقمۇ  ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىغانتىمغۇ، توي كۈنى تۇتىمەن دەپ. 

ئەپسۇس    قولىنى باشقا بىرى تۇتتى.  

12-ئاينىڭ   22  -كۈنى  ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى  ئىدى . ئالدىنقى يىلى بىز بىللە  تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق بۇ يىل ئۇنداق بولمىدى.   

مەن تۇغۇلغان كۈنىڭنى  ساقلاۋاتىمەن ،  ئاخىرى بۇ كۈنمۇ كەلدى.  بىز بىرقانچە كۈن ئاۋال ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدۇق 

شۇڭا مەن مۇشۇ كۈندە كۆڭلۈڭنى ئېلۋالماقچىتىم.   ئەتىگەندە ئۇچۇر يازدىم   

تاتلىقىم تۇغۇلغان كۈنىڭگە موبارەك بولسۇن  ، ۋاقتىڭ بارمۇ    تۇغۇلغان كۈنۈڭنى بىللە تەبرىكلىسەك دەپ ئۇچۇر يازدىم.

  ئۇچۇر يېزىشڭنى ئۈمۈت قىلاتتىم  شۇنداق تېز ئۇچۇر كەلدى،  رەخمەت سېنىڭ ئۇچۇر يېزىشىڭنى خالايتىم دېدىڭ   

كېيىن  ئۇچۇر يازساممۇ جاۋاپ قايتۇرمىدىڭ  بىر ھەپتدىن كېيىن  يېڭى كارتا بېجىرگەن ئىدىم  چاقچاق قىلىپ  ساڭا ئۇچۇر يازدىم.    سەن  شۇ ۋاقىتتا ماڭا  ئەمدى ئۇچۇر يازما مەن توي قىلدىم دېگەن ئىدىڭ!  ماشىنىدا بولۇپ قاپتىكەنمەن بولمىسا   قانداق قىلار ئىدىم. ئېچىپ باقمىغان ئاشۇ نىجىسنى  سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ  چوقۇم  ئىچەتتىم.  ئامال  يوق  ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.   

ھازىر  يەكەنگىمۇ بېرىپ  قايتىپ كېلىپ بولدۇم. ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېرىم كېچىدە  بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. 

    ئەسلىدە بۇ تېمىنى  شۇ ئازاپلغانغان كۈنى  يازماقچىتىم  ئەپسۇس  ئۇ ماڭا   7 كۈن  كېيىن  ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقنى ئېيتىقانلىقى ئۈچۈن    بۇ تېمىنى سەل  كېيىنرەك يېزىپ قالدىم.    

ئەسلى  سېنىڭ  بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭ ئىدىغۇ؟  نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن..............................

         كۆرۈلۈشى:3117     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/12 17:30:16يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com