Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !

مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
كۆپىنچىمىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ( ئېھتىمال ھەممىمىز بولىشىمىز مۇمكىن ) ، كۈندىلىك ئۆگىنىش ، تۇرمۇشىمىزدا،  ھەتتا بەزىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىدەكومپىيوتېردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئالاقە ، خىزمەت قورالىدىن ئايرىلالمايمىز . تاپشۇرۇق ئىشلەش ، سۈرەت - كۆرۈنۈش بىر تەرەپ قىلىش ، تورغا چىقىپ ماتېرىيال ئىزدەش ، ئېلخەت يېزىش قاتارلىق كومپىيوتېر مەشغۇلاتى بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا ئۈچ ۋاق تاماقتەكلا بىر ئىش بولۇپ قالدى . كومپىيوتېرنىڭ بۇ جەھەتتە بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى ، قولايلىقلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ جەزملەشتۈرىمىز  . لېكىن شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن ، يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى ھەركۈنى چوقۇم قىلىشىمىز ناتايىن . مەسىلەن تاپشۇرۇقنى كۆپ دېگەندە ھەپتىدە بىر رەت تاپشۇرىمىز (ناۋادا كومپىيوتېردا ئىشلەشكە توغرا كەلسە تېخى ) ، ئېلخەت يېزىشىش ، ماتېرىيال ئىزدەش قاتارلىقلارمۇ كۈندە سىزنىڭ بېشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارمۇ ئەمەس (شەخسەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام شۇنداق ... ... )  ، لېكىن ھەممىمىزنىڭ شۇنداق بىر ئادىتى باركى ، ھەركۈنى كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئىككى سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بولغان ۋاقتىمىزنى (بەزىلىرىمىزنىڭ 10 نەچچە سائەتتىن ئاشىدۇ تېخى ) يۇقارقى «خىزمەتلەر » نى باھانە قىلىپ ئۆتكۈزىمىز . كۆپىنچە چاغلاردا بۇ خىزمەتلەر توردا مەنىسىز پاراڭلارنى سېلىش ، مەنىسىز پاراڭلارغا كۆز يۈگۈرتۈش (مېنىڭ بۇيەردە تىلغا ئالغان « مەنىسىز پاراڭ » ىم ئەھمىيەتسىز ، قورۇق گەپلەرنى كۆرسىتىدۇ  ) ۋە ياكى باشقىلارنىڭ  بلوگى ، شەخسى تور بېتىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ، ھەتتا بەزىلىرىمىزنىڭ ئويۇنى بىلەن ئىسخىما ئالماشتۇرىدۇ_دە ، نۇرغۇن ۋاقتىمىزنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ (بىزنىڭ ) تەن ساپايىنىڭ كۈندىن – كۈنگە چۈشۈپ كېتىشى ، بارغانسېرى ھورۇن ، ئەبگا بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ بولىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە .
مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
كومپىيوتېرىڭىزنى تاقىۋېتىپ ، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا چىقىپ ئاز- تولا ھەرىكەت قىلىپ قويۇڭ ! زېھنىڭىز ئېچىلىدۇ ، روھىڭىز ئۇرغۇيدۇ ، تېنىڭىز ساغلام بولىدۇ .
بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ ! كاللىڭىز ئېچىلىدۇ ، تاكاموللىشىسىز ، ئەڭ ئاددىيسى توردىكى بەزىبىر بىمەنە پاراڭلارنىڭ ئشتىراكچىسى بولۇپ قالمايسىز .
ھەرھەپتىلىك كومپىيوتېر ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن جەدۋەل تۈزىۋېلىڭ . تورغا چىقىش ۋاقتىڭىزنى ، زىيارەت قىلىش مەزمۇن ، ئوبېكتىڭىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ ! خىزمەت ، ئۆگىنىش ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۆنۈملۈك بولىدۇ . چارچىمايسىز ،  ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلمايسىز .
مانا، باھار كەلدى .ھاۋامۇ ئىللىپ قالدى .مەكتەپنىڭ كەڭرى كەتكەن ، كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك يورۇق مەيدان ، مەيداندىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ . ھەرىكەت قىلىڭ دوستۇم ، ھاياتلىق ھەرىكەتتە !
         كۆرۈلۈشى:3518     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/11 13:24:40يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئۈچ مىنۇتنىڭ قۇدرىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئورنىدىن تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ئۇيقۇنىڭ ياخشى ياكى ياخشى بولماسلىقى ئور
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com