Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى

ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى
  بالزاك ئانا توغرىسىدا توختالغاندا: مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا دېگەنىدى. بۇ، ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق، ئانا-مىللەتنىڭ ھازىرىنى تەۋەللۇت قىلىپلا قالماي، بەلكى مۇھىمى مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىنساندۇر. شۇڭا ئانا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى، قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ. ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز، ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇر .
قېيىنئانا قېيىنئاتا، ئۆز ئاتا ئانىڭىزنى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، قولۇم-قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ. ئېرىڭىزگە ساداقەتمەن بۇلۇڭ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللەشمەڭ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. بولۇپمۇ ياخشى يامان كۈنلەردە، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا سىرداش، مۇڭداش، تەقدىرداش بولۇڭ. ئېرىڭىز ئىشقا ماڭسا ئاللاھقا ئامانەت دەپ تەبەسسۇم بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇڭ. ئىشتىن كەلسە ھارمىغايسىز دەپ قولىدىكى نەرسىنى ئېلىڭ. ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ سادىقلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماڭ. ئۇنىڭدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئەۋزىلى ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلىرىگە ئىتائەت ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە، ئەل جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
تېجەشلىك بولۇڭ. ئىسراپچىلىق، بەتخەجلىك قىلماڭ. ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىڭ. ئېرىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ تاپقىنىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ئىقتىساد قىلىپ ساقلاپ قويۇڭ. بارىغا قانائەت قىلىڭ. تاقەتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. خوتۇننىڭ ئېرىگە بولغان مېھرىبانلىقى پەرزەنتنىڭ ئاتىغا بولغان مېھرىبانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ دەيدۇ كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغلار. پەرزەنت تەربىيىلەشتە ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئەدەپ ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇڭ .

پەرزەنتلەرنى راستچىل، مۇلايىم بولۇش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ھورۇن بولماسلىق، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماسلىق، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىش، باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش، پاكىز يۈرۈش، تاماق تاللىماسلىق، چېقىمچى، غەيۋەتخور بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچى بولماسلىق، جۈرئەتلىك بولۇش توغرىلىق تەربىيىلەڭ ۋە ئۈلگە بولۇڭ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر.
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن. ئانىلار، بىلىپ قېلىڭلار: ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ....

         كۆرۈلۈشى:1601     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/8/11 13:17:34يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
مىللەت ، دىن ۋە ئۇيغۇر توي - تۆكۈنلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى تەربىيلەپ چىقتى
دېھقان ئاتا قانداق قىلىپ خارۋارد ئوغلى ت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
پاھىشخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ...
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
مائۇسىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى
«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com