ئانا سۈتى بىلەن بېقىۋاتقان بالىلارنىڭ تەرىتىنىڭ رەڭگى سېرىق،ئەسلى ھالىتى تۇلۇق شەكىللەنمىگەن بولىدۇ.بىر كۈندە 4~5قېتىم تەرەت قىلىدۇ.ئەگەر چوڭ تەرەتنى سۇيۇق،سۇ شەكىلدە،رەڭگى يېشىل بولسا نۇرمالسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئاشقازاننى سۇۋۇپ كېتىش ياكى سوغۇق ئۆتۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئۇنى داۋالاش بىر قەدەر قىيىن.
بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە،ئاشقازان،ئۈچەينى تەڭشەشنى ئاساس قىلىش كېرەك.5~8ئايلىق بولغان بالىلارغا ئاش سۈيى شوۋىگۈرۈچنى قوشۇمچە ئىچۈرۈش كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لاتىدىن 20~30 مىللىمېتىرلىق خالتا تىكىپ،300گرام يىرىك تۇزنى پاكىز قازانغا سېلىپ،سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ(قازاندا ماي بولماسلىقى،تۇزغا زاراڭزا،قارمۇچ ئارلاشتۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ)،خالتىغا ئېلىپ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ،بالىلارنىڭ قورساق قىسىمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى كۈندە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرسا،قورساق قىسىمىغا ئىسسىق ئۆتۈش بىلەن جايلىق ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ تېمپىراتۇرسى ئۆرلەپ،قىلدام تومۇرلار كېڭىيىپ،قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ.مۇسكۇللار ئاستا-ئاستا بوشاپ،رېفلېكىسلىق مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە ئاغرىشى يوقاپ،ئىچ سۈرۈشنى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.