گېرمانىيىدىكى مايىز ئۇنۋېرسىتېتى بىئوفىزىكا ئىنستىتۇتىدىن پروفېسسور، ھېينىز دېكېرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھىدروگېن پېروكسىدنىڭ چاچنىڭ قېرىشى بىلەن بىرلىكتە ئاقىرىپ كېتىشىدىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىقلانغان ۋە بۇ خىل ئالامەت ئارقىلىق چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىكەن.
كۈنلۈك تېلېگېرافنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پروفېسسور، ھېينىز دېكېر ئاقارتقۇچى ماددا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھىدروگېن پېروكسىدنىڭ، ئىنسان قېرىغانسىېرى چاچ يىلتىزىدا كۆپ مىقداردا بىرىكىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە رەڭ بويىقى مېلانىننىڭ بىرلەشمىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەدەننىڭ ھەر يېرىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھىدروگېن پېروكسىد (H2O2), ، ئادەتتە بۇ خېميىۋى ماددىنى پارچىلاپ سۇ ۋە ئوكسىگېنغا ئايلاندۇرۈدىغان ئېنىزىم ئارقىلىق تەسىرى پۈتۈنلەي يوقۇتىلىدۇ. بىراق ياش چوڭايغانسېرى، بۇ ئېنىزىمنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەيدۇ، نەتىجىدە ھىدروگېن پېروكسىد بىرىكمىسى كۆپىيىدۇ.
برادفور ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دېكېر، ھىدروگېن پېروكسىدنىڭ، ۋەيران بولغان ئاقسىللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېنىزىملارغىمۇ توسالغۇلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇشۇنداق جەريانلار نەتىجىسىدە رەڭ بوياقلىرى چاچنىڭ يىلتىزدىن ئۇچچىغىچە تەدرىجى ئاقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پروفېسسور دېكېر،« بىز بۇ مۇرەككەپ جەرياننىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان ئېنىق بولغان مولىكولا دېنامىكىلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق» دېدى .