ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مايسا سەيلىسى ۋە كۆك چۆچۈرىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-05-02 23:45 مەنبەسى: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: سادىر سابىر كۆرۈلۈشى: قېتىم
مايسا سەيلىسى ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەت ئادىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قىش كېتىپ، تەبىئەت ئويغىنىپ، يەر يۈز
  

مايسا سەيلىسى ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەت ئادىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قىش كېتىپ، تەبىئەت ئويغىنىپ، يەر يۈزى يېشىل تونغا پۈركەنگەن، دەل-دەرەخلەر ياشىرىپ،گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىشقا باشلىغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مايسا سەيلىسىنى باھار پەسلىنىڭ باشلانمىسى دەپ ھىسابلاپ، يېزىلاردا كىشىلەرباھار قۇياشىنىڭ ئىللىق تەپتىدىن ياشناشقا باشلىغان ئېتىز-ئېرىق، باغ-ۋارانلارنى ئارىلاپ، باھار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ. سەيلىدىن قايتقانلار بۇغداي مايسىلىرى ۋە ھەر خىل گۈللەرنى دەستە-دەستە قىلىپ، ئېھتىرام بىلەن ئاتا-ئانىلىرىغا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى باھارغا ساق-سالامەت ئۇلاشقانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ.قىز-يىگىتلەرمۇ بىر-بىرىگە كۆك مايسا ياكى گۈللەرنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزئارا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ.

  مايسا سەيلىسىدە كىشىلەر يەنە سەيلە قىلغاچ، يېڭىدىن چىققان بېدە كۆكىنى تېرىپ كېلىپ، ئۆيلىرىدە باشقا خۇرۇچلارنى قوشۇپ، بېدە (كۆك) چۆچۈرىسى تۈگۈشىدۇ. چۆچۈرە پىشۇرۇلۇپ تەييار بولغاندا ئائىلە ئەزالىرى داستىخانغا جەم بولۇشۇپ بىرلىكتە چۆچۈرە يېيىشىدۇ.ئائىلىنىڭ چوڭى ئالدى بىلەن بىر تال چۆچۈرىنى ئېلىپ، ‹‹يېڭى ئاش، ئېغىز-بۇرنۇمدىن تاش›› دەپ بىسمىللا بىلەن ئاغزىغا سالىدۇ. باشقىلارمۇ شۇ سۆزنى تەكرارلاپ ئاندىن چۆچۈرىگە ئېغىز تېگىشىدۇ. قولۇم-قوشنىلارغىمۇ بىر قاچىدىن چۆچۈرە سۇنۇلۇپ، ئۇلارمۇ يېڭىلىق بىلەن تەبرىكلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە مايسا، گۈل ۋە كۆك چۆچۈرىسىنى سۇنۇشى ‹‹يېڭىلىق تۇتۇش›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


(سادىر سابىر، يوپۇرغا ناھىيەلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدا)

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>