شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن 2011-يىلىدىن باشلاپ دېكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ كەسىپ روشەن خاسلىققا، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاخبارات-تارقىتىش ئاساسىي نەزەرىيە ئەمەلىيەت بىلىملىرى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى جەھەتتىن مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، دېكتورلۇق، رىياسەتچىلىك، مۇخبىرلىق، يېزىقچىلىق، تەھرىرلىك، ئوپېراتورلۇق، پىروگرامما ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىيەلەيدىغان ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىدۇ.
بۇ يىل ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى. ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل (بىر يىل خەنزۇ تىلى تەييارلىق ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
تىزىملىتىش شەرتلىرى:
1. بەش ئەزاسى بېجىرىم بولۇشى، ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 170cmدىن يۇقىرى، قىزلارنىڭ 160cmدىن يۇقىرى بولۇشى لازىم.
2. تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى بېجىرىم بولۇشى، رەڭ قارىغۇسى، نامازشام قارىغۇسى بولماسلىقى كېرەك.
3. ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى لازىم.
4. ئىنكاسى تېز، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم.
مەدەنىيەت ئىمتىھانى ۋە كەسىپ ئىمتىھانى
1. مەدەنىيەت ئىمتىھانى: مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى ھەمدە 0-تۈركۈمدە تولدۇرىدىغان ئارزۇسىغا مەكتىپىمىز ۋە مۇشۇ كەسىپنى تولدۇرغان بولۇشى كېرەك.
2. كەسپىي ئىمتىھان:
1) تىزىملىتىش ۋاقتى: 2011-يىل 4-ئاينىڭ 21، 22-كۈنلىرى (خەت ئارقىلىق تىزىملىتىشقا بولمايدۇ).
2) تىزىملىتىش ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسى.
3) تىزىملىتىشقا تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار: كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، تۇرۇشلۇق مەكتەپ (ئورۇن)نىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن ئىككى سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتتىن تۆت پارچە.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى |