ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۇنجى تۈركۈمدە 3000 يۈەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش پۇلى تاپشۇرۇۋالدى 8-ئاپىرىل، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 23 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەقسىز تەمىنلىگەن ئىگلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش پۇلى 3000 يۈەننى تاپشۇرۇۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە 3000 يۈەن ئىگلىك تىكلەش پۇلى تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 23 كە يېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى بەش خىل شەرتكە توشىدىكەن: ئۈرۈمچىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولۇش؛ 2007-يىلىدىن بۇيان(2007-يىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن(كەسپى مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار؛ 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلقتا ئۈرۈمچىدە ئىگلىك تىكلىگەن بولۇش، تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ ۋاقتى ياكى كوچا(يېزا بازار)، مەھەللىلەردە(كەنت) ئېچىلغان ئەمەلىي تىجارەت ۋاقتىنىڭ ئىسپات قەغىزى تەستىقلانغان بولۇشى كېرەك؛ تىجارەت كېنىشكىسى ئالغان تىجارەتچىلەر ئىزچىل سودا بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى ياكى ئىگلىك تىكلىگەن ھەم سودا ساراي، چوڭ بازارلار بىلەن ئىمزالىشىپ ئالغان پوكەيدە ئىككى يىلدىن يۇقىرى توختاملىشىپ داۋاملىق تىجارەت قىلغان بولۇشى، ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزىلىرىدا باقمىچىلىق مەيدانى، ئېكىنزارلىق قۇرۇپ چوڭ پايچىكقا ئايلانغان ھەم 6 دىن يۇقىرى ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى كېرەك؛ قۇرغان كارخانا مۇقىم 6 ئايدىن يۇقىرى تىجارەت قىلغان بولۇشى كېرەك؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ باشلىقى جوۋجيەنگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئارىلىقتا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگلىك تىكلىگەن، شەرتكە ماس كەلگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ قۇرغان كارخانا تۇرۇشلۇق رايوندىكى كوچا، مەھەللە ياكى يېزا بازار ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ تەربىيلەش بۆلۆمىدىكىلەر پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، ئىلھاملاندۇرۇش پۇلىنى ئېلىش ئىلتىماسى تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن بۇ پۇل مۇشۇ ئىگلىك تىكلىگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىكەن. ئەگەر سىز ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ نوپۇسىڭىز ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىسا بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالمايسىز، لېكىن سىز باشقا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن شۇ 5 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى بولۇپ شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىڭىزلا 1000 يۈەن ئۆلچىمىدىكى ئىگلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش پۇلىغا ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشەلەيسىز. مەنبە: ياشىن تورى |