توردىكى سودا ئالدامچىسىدىن پەخەس بۇلۇڭ
يوللانغان ۋاقتى: 05:23 10-04-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
توردىكى سودا ئالدامچىسىدىن پەخەس بۇلۇڭ
يېقىنقى كۈنلەردە توردا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار كۆپىيىپ قالدى، تېخى ئالدىنقى كۈنى <<پۇل تۆلەش گۆھىرى>> (支付宝) بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى ،ھەمدە بىر نەچچە خىل ئالدامچىلىق شەكىللىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
جاڭ خانىم توردا مال سېتىۋېلىش پىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېقىنقى كۈنلەردىكى ئىككى قېتىملىق سودىنى ھېچ چۈشىنەلمىگەن. گەرچە ئۇ ئېنىق پۇل تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزنىكىدە << سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ پۇل تۆلىشىنى ساقلاش>> دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ تور بانكىسىدىكى كىردىت خاتىرىسىنى تەكشۈرگەن، ئۇ كىردىت خاتىرىسىنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالغان، چۈنكى ئۇنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلنىڭ بىر تىيىنىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ <<پۇل تۆلەش گۆھىرى>> مەخسۇس مۇلازىمەتچىلىكىگە تەكشۈرتۈپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق سودا ئىكەنلىكىنى بىلدى. جاڭ خانىم بىلەن ساتقۇچى تەرەپ ئۆز ئار سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ئۇ ساتقۇچى تەرەپ ئەۋەتىپ بەرگەن بىر پارچە << گۆھەر چوڭايتىلغان رەسىم>> ھۆججىتىنى چەككەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
<<پۇل تۆلەش گۆھىرى>> مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، بۇ ھۆججەت قانۇنسىز ھالدا ياغاچ ئات ۋىرۇسىنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت چېكىلگەن ھامان ئابونتنىڭ كومپيۇتېرىنى كونترول قىلىشىنى باشلايدىكەن. گەرچە بۇلارغا تور بانكىسى خادىملىرى دىققەت قىلسىمۇ، يەنىلا پۇل ئالدامچىلارنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىلىپ كېتىلىدىكەن.
[مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى]
1. ناتونۇش كىشىلەرنىڭ غەيرىي ھۆججەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
2. سىز قارشى تەرەپكە پۇل سېلىشتىن بۇرۇن، قارشى تەرەپنى ياخشى تەكشۈرۈشىڭىز، غەيرىي ئەھۋالنى بايقىغان ھامان <<دەرھال پۇل ئەۋەتىش>> كۇنۇپكىسىنى باسماسلىقىڭىز كېرەك. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ئابونتچىلار مۇلازىمەتچىلىرىگە مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرمەسلىكى كېرەك.
3. تور بېكەت نامىنى ۋە ئۇلىنىش ئادرېسىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇۋېلىشىڭىز، ئەمما ئۇنى ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق ئىزدىمەسلىكىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار سىز ئىزدەشتىن بۇرۇن ئۆزىنى داملاپ نۇرغۇنلىغان يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى تورغا چىقىرىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن مال سېتىۋېلىشىڭىز، ئىشەنچلىك تور سۇپىلىرىدىن مال سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئالدىنىشتىن ساقلىنالايسىز.
4. سىز مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن جەزمەن تور بېكەتلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە دىققەت قىلىشىڭىز، شۇ ئارقىلىق قەدەم -باسقۇچلارنى توغرا تاماملىشىڭىز كېرەك.
|
------分隔线----------------------------