بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 7194 مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى 2 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەمۇرلار قانۇنى ئېلان قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئېگىلىنىشچە،بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 7194 مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 8 – ئاپرېل باشلىنىدىكەن. مەمۇر قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ئاساسلىقى ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەر(ناھىيە)، رايون، يېزا، بازار ئورگانلىرىغا مەركەزلىشىدىكەن. بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملار (ئالاھىدە ئىش ئورۇنلىرىدىن سىرت) ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلۇق ئورۇنلىرىدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلار ئارىسىدىن تاللىنىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار 3 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30:4دىن باشلاپ، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كوئىنلۇن تورى (http://www.xjkunlun.cn) غا چىقىپ، خىزمەت ئورنى جەدۋىلى ۋە مەمۇر قوبۇل قىلىشقا دائىر ماتېرىياللارنى كۆرسە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى مەمۇر قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھەر ۋاقىت جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم تىزىملىتىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىنكى ھەربىر ھالقىغا ئىنتىزام – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئىستىل تەكشۈرۈش خادىملىرى، مۇخبىرلار ۋە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى، شۇنداقلا مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قوللىشىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|