نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئېلىمىز نىڭ ئادەمسىز تىك ئۇچارى ئۇچۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقتى: 02:40 09-05-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئادەمسىز تىك ئۇچارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى
ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئادەمسىز تىك ئۇچارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى

 
ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئادەمسىز تىك ئۇچارى بولغان 750V تىپلىق تىك ئۇچار 7-ماي شەندۇڭ ۋېيفاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرى تىپتىكى ئادەمسىز تىك ئۇچارى جەھەتتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى.
750V تىپلىق تىك ئۇچار كۆپ ئىقتىدارلىق ئادەمسىز تىك ئۇچار بولۇپ، ئاددىي ئايرودروم، دالىدىكى مەيدانلار ۋە پاراخوت پالۇباسىدىن ئۇچۇپ قونالايدۇ. تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇ تىك ئۇچار ئارقىلىق، يەر يۈزى ۋە دېڭىز يۈزىدىكى مۇقىم ياكى ھەرىكەتچان نىشانلارنى سۈرەتكە ئالغىلى، رازۋېدكا قىلغىلى، نازارەتچىلىك قىلغىلى ھەمدە يەر يۈزدىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش جەھەتتە، بۇ تىك ئۇچار ئارقىلىق ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە نازارەتچىلىك قىلىش، ئېلېكتىر سىستېمىسىدا يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى سىستېمىسىنى چارلاش، دېڭىز بويىدىكى پاراخوت-كېمىلەرنى نازارەت قىلىش، دېڭىز ۋە تاغلىق رايونلاردا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلىش، شەھەر پىلانلاشنى بوشلۇقتىن ئۆلچەش، كېچە-كۈندۈز قاتناش باشقۇرۇش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>