ئېلانچىلىق دۆلەتنىڭ مەدەت بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گەن لىن 17-ماي مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان «كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچى مۇندەرىجىسىنىڭ 2011-يىللىق نۇسخىسىدا «ئېلاندىكى ئىجادى تەپەككۇر، ئېلان پىلانلاش، ئېلان لايىھەلەش، ئېلان ئىشلەش» مەدەت بېرىش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئېلانچىلىقنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ ئىلھام بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى بولۇپ، ئېلانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسەت بىلەن قوللىدى ۋە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
گەن لىن مۇنداق دېدى: 12- بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا «ئېلانچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىلان پىروگراممىسى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېلانچىلىق تەرەققىياتىدا يېتەكچى ئەھمىيىتى چوڭقۇر، ئورنى توغرا، يۆنىلىشى ئېنىق. نۆۋەتتە تۈزۈلۈۋاتقان 12-بەش يىللىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىي تەرەققىيات پىلانىدىمۇ ئېلانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، زور قۇرۇلۇشلار شۇنداقلا كاپالەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئېلانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىر مىليون 500مىڭغا يېتىدۇ، كەسىپ تىجارەت سوممىسى 230مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، ئېلان بازىرىدا 240مىڭ تىجارەت قىلغۇچى ئورۇن ۋە 10مىڭدىن كۆپرەك ئاخبارات ۋاسىتىسى بار.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |