ئۇيغۇر – ئېنسانىيەت دۇنياسىدىكى توغراق . توغراق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ بىرى . ئاجايىپ كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. ئۇ سوغۇققا چىداملىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تومۇز ئىسسىققا ، ھۆل – قۇرغاق، قوم بوران ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بېرى توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرگە ياشاپ كەلگەن خەلىقلەردىندۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغراق ئالاھىدە ھۆرمەت ، ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. چوڭلار توغراق ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قەسىدە – رىۋايەتلەرنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىشىدۇ. << چۆل باتۇرى >> دېگەن چىرايلىق نامى بار بۇ دەرەخنىڭ ئۆمۈرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابى بويىچە ھەر 3000 يىلنى بىر دەۋر قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە << توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرىمايدۇ، قۇرىسىمۇ يەنە مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ يەنە مىڭ يىلغىچە چىرىمەيدۇ … >> دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر بار. << مەيلى پايانى يوق قۇملۇق دەشتى چۆلدە بولاي، مەيلى پىژغىرىن تومۇز ئىسسىقتا بولاي ، مەيلى قەھرىتان شىۋىرغانلىق قىش سوغۇقتا بولاي مەن يەنىلا مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ كۆكلەيمەن! ياپراقىلىرىم تۆكۈلۇپ قۇرۇپ قاقشال بولغاندىمۇ مەن يەنىلا قەددىمنى تىك تۇتۇپ تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەلەك چاقىنىڭ چۆرگىلىشگە شاھىد بولىمەن . >> مانا بۇ توغراقنىڭ ياشاش ئەقىدىسى . بىز تارىم بويلىرىدىكى ، تەكلىماكاننىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا جايلاشقان ئاقسۇ ، مارالبېشى ، يەكەن قاتارلىق جايلارنىڭ چەت ياقىسىدىكى توغراقزارلىقلارغا ئاياق تاشلاپ، بۇ باھادىر دەرەخ بىلەن ئۈنسىز مۇڭدىشىدىغان بولساق، توغراقلار بىزگە ئۆزى شاھىد بولغان ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ، قىيامەتلىك ھەمراھى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇشۇ زېمىندا توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، توغراق كەبى ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۈلپەت بولۇپ قالسىڭىز، ئۇلار سىزگە توغراق ۋە ئۆزلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنى توغراقتەك تۈز ، توغراقتەك ساددا – ئاقكۆڭۈل ئادەملەر، توغراقتەك بەرداشلىق – چىدامچان، توغراقتەك سەۋىرچان ئادەملەر دەپ ئاتىشىدۇ، ئۆزلىرى ئارىسىدىكى ئېسىل كىشىلەرنى‹‹ توغراقتەك ئېسىل ئادەم ›› دەپ ھۆرمەتلىشىدۇ… ئەگەر سىز توغراق بىلەن سىردىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىسىڭىز ئۇ سىزگە ئۆزى شاھىد بولغان تارىخنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە ، سىزگە يەنە نېمىنىڭ ھەقىقىي جاسارەت ، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىك ئىكەنلىكىنى ، كىمنىڭ ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بېرىدۇ…. قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن توغراقلار ئاخىرقى دەملەرگىچە يىقلماستىن يەنە بىر يېڭى ھاياتلىقنى ، يەنە بىر تاڭنى كۈتۈپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشىدۇ ، تۇرقىدىن گوياكى تاڭنى چىللاۋاتقان خورازغا ئوخشايدۇ… ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: توغراق ۋە ئۇيغۇرلار |