بەزىدە بەزى كىشلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، لېكىن دوختۇرغا تەكشۈرتسە ھېچقانداق مەسلە كۆرۈلمەيدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى بويۇن ئومۇرتقىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ باش ئاغرىش ، ئىچى سىقىلىش ، گەجگىسى ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشلەر بىلسىمۇ ، بىراق كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس . ئومۇرتقا خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراشتا ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ياكى بويۇن قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار زىيانغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ، ۋېگىتاتىۋ نېرۋىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ ۋە ئومۇرتقا تۈۋى سوققان تومۇرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ، كۆز ئالمىسى چىڭقىلىپ ئاغرىش ، نۇردىن قورقۇش ، ياش ئېقىش ، نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىش ، كۆز ئالمىسى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ، قاپىقى ساڭگىلاش ، كۆز قۇرغاقلىشىش ، ئىككى كۆزىنىڭ قارچۇقىنىڭ چوڭلۇقى تەڭ بولماسلىق (ئانىزوكورىيە) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . كۆز بۆلۈمىدە تەكشۈرتكەندە باشقا كېسەل بايقالمايدۇ . ئەمما ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بويىچە داۋالاتقاندا ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ .
گەرچە بويۇن ئومۇرتقىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى تەبىئىي چېكىنىش كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ ، ئەمما كۆپىنچىسى يەنىلا تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . مەسلەن ، ئولتۇرۇش قىياپىتىگە دىققەت قىلماسلىق ، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىقلار يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇزۇن مۇددەت ئۈستەلگە ئېڭىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلار دائىم باش ۋە بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەتنى قىلسىمۇ بولىدۇ : باشنى كۈچەپرەك ئارقىغا تاشلاشنى ھەر قېتىمدا 30 سېكۇنتتىن تەكرار بىر قانچە قېتىم ئىشلەش كېرەك . ئەمما ، بويۇننى بەك كۆپ پۇلاڭلىتىش ۋە مۇۋاپىق بولمىغان ئۇۋۇلاش ، تارتىش كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.