1) قان مىزاج (ھۆل ئىسىق مىزاج) كۆز قارچۇقى چاقنىغان (قىزىل بىلەن سېرىقنىڭ بىرلىشىشى)، ئېقى قىزىلغا مايىل بولىدۇ. سەپرا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى بوز، ئېقى سېرىققا مايىل بولىدۇ.
2) بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ، ئېقى پارقىراق ئاق بولىدۇ. سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ.
3) كۆزدە قان تومۇرلار مول بولۇپ، بەدەندىكى ھەرقايدى ئەزا تومۇرلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شۇڭا كۆزدىكى تومۇر ئۆزگىرىشىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە:
4) كۆز قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ تەكشى ھالەتتە قىزىرىپ ئېسىلىپ قېلىشى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
5) كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى تومۇرنىڭ قىزىرىپ، ئېسىلىپ قېلىشى يۈرەك تاجىسىمان قان تومۇرىدا قېتىش پەيدا بولۇپ، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتتۇر.
6) كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تومۇر ئوتتۇرىسىدا كۆكۈچ داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى سول يۈرەك قۇلىقى، دالانچە تومۇرىدا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
7) كۆز قويرۇقىدا قىزىل قان تومۇرلارنىڭ كاللەكلەشكەن ھالەتتە كۆرۈنۈشى ھەم كۆزنىڭ بېلىق كۆزىدەك سىرتقا پۇلتايغان ھالەتتە بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8) كۆز قويرۇقىدا قىزىل تومۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بۆرەك تاش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
9) كۆزنىڭ قويرۇقىدا سېرىقلىق بولۇپ، سېرىقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆت تاش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10) كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر، ئۆت يولى توسۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. كۆز ئېقىنىڭ بوزغا مايىل كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى بۆرەككە سۇ چۈشكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىدۇر.
11) كۆزنىڭ قويرۇقىدا كۆك داغ پەيدا بولۇپ، ئۈستىدە سېرىق داغ پەيدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ راكى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
12) كۆزنىڭ قويرۇقى ئەتراپىدا تەكشى كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى داس بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر كۆك داغ شارسىمان بولۇپ بېغى باردەك كۆرۈنسە، بالىياتقۇدا خالتىلىق سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
13) كۆزنىڭ ئۈستۈنكى قاپاق ئاستىدا كۆك سەپكۈندەك چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۈچەي تولغاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
14) كۆز ئېقىنىڭ ئۈستىدە چېكىتسىمان سېرىق داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە سىل ئۈچەي سىلى ياكى ئۈچەي يارىسى كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
15) كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قىزىل قان ئۇيۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈش مېڭىگە قان چۈشكەن كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتتۇر. ئەگەر ئوڭ كۆزدە بولسا سەل تەرەپكە، سول كۆزدە بولسا ئوڭ تەرەپكە چۈشكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ تەرەپ ھېس ياكى ھەرىكەتتىن قالغان بولىدۇ، يەنە پالەچلەنگەن بولىدۇ.
16) كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىر ياكى ئىككى تومۇرنىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشى مېڭە قان تومۇرلىرىدا توسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، بۇ سەۋەب بىلەن بىر تەرەپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ.
17) كۆزنىڭ ئۈستۈن قاپاق ئىچى كۆكىرىپ قېلىشى مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردۇر.
18) كۆزنىڭ قىزىرىپ چاپاقلاشقاندەك بولۇپ قېلىشى ئۆپكە ئىششىغان ھەم قۇرۇق ئىستىسقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
19) كۆز ئېقىنىڭ كۆكىرىپ، ئوڭ تەرەپ كۆز قويرۇقىدا بويىغا سىزىلغان سېرىققا سىزىلغان سىزىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، ئوڭ قول بىلەزۈك قىسمىدا تومۇرلارنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى جىگەر سۇلۇق ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
20) كۆزنىڭ بۇرۇن تەرىپىنىڭ سېرىققا مايىل كۆكىرىپ قېلىشى ئاشقازان يارا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
21) كۆ ئېقى ھەم بۇرۇن تەرەپ جېيىكى ئاقىرىپ چىرايى تاتىرىپ، نۇرسىز بولۇپ قېلىشى يۈرەك دالانچە قان تومۇرىدا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
22) كۆز ئېقى تەكشى قىزىل بولۇپ، كېسەلدە خارقىراپ، نەپەس ئېلىش پەيدا بولۇپ قالسا باش-مېڭىگە قان چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
23) كۆز ئېقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چېكىتسىمان كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.
24) كۆز قۇيرۇقىدىكى تومۇرلارنىڭ قىزىرىپ كۆپۈپ قېلىشى نۇقرەس، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.
25) كۆزنىڭ قۇيرۇقى تەرەپتىكى ئېقىنىڭ تۆۋەنگە مايىل تەرەپتە كۆك چېكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئاياللار تۇتقاقلىق كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.