مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 979 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۆز كېسەللىكلىرى ئىچىدە گلاۋكوما بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، گلاۋكوما كېسىلىنىڭ  ئاساسلىق ئامىلى يۇقۇرى قان بېسىمى ، تاماكا چېكىش ، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىقلار ئىكەن . يېقىندا ياپونىيىنىڭ  بىر تۈرلىك تەتقىقاتىدا كۆرسۈتۈلىشىچە ، كومپيۇتېرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ( تۇققۇز سائەتتىن ئارتۇق ) ئىشلەتكەنلەرنىڭ گلاۋكوماغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقۇرى بولىدىكەن . خىزمەت ، تۇرمۇش ، كۆڭۈل ئىچىش قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە  كومپيۇتېر ئىشلىتىلگەچكە كۆزنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؛ 

         (1)  كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا ، ھەر بىر سائەتتە بەش مىنۇت ئارام ئىلىش كېرەك . 

         (2)  كۆز بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ئارلىقى 60 سانتىمېتىردىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك .

         (3)  ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولىشى كېرەك


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.