مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 968 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن كۆزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، كۆز يوغان، نۇرلۇق كۆرۈنگەچكە بىر قىسىم خانىم–قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە قىزىقتۇرماقتا. بىراق، ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزى قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا لايىق كەلمەيدۇ. ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى ھەربىر ئادەمنىڭ كۆز ۋە يۈز قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي شەرتكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال ئاستىدا قوش قاپاق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا بولىدۇ.


    1. يۇقىرىقى قاپىقى ناھايىتى قېلىن كەلگەن قىز–ئاياللار ياكى غورا قاپاقلار؛


    2. كىرپىكى قىسقا، شالاڭ ۋە كىرپىكى ئىچى تەرەپكە ئۆسكەنلەر؛


    3. كۆز چانىقى كىچىكلەر؛


    4. ئۈستى قاپىقى كەڭرى ياكى بوشاپ كەتكەنلەر؛


    5. يالاڭ قاپاقلار. يالاڭ قاپاق كىشىلەرنىڭ كۆز چانىقى كىچىك بولغانلىقتىن، ساڭگىلاپ قالغان قاپاق كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى توسۇۋېلىپ كىرپىك كۆرۈنمەيدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ساڭگىلىغان ئارتۇق تېرىلەر چىقىرىۋېتىلگەنلىكتىن، كىرپىكلەر كۆرۈنۈپ، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.


    6. گازىر كۆز، كۆزى ئۇزۇن ئادەملەر.


    قانداق ئادەملەرگە قوش قاپاق قىلدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟


    1. يۈز قۇرۇلۇشى قىسقا، كەڭ ياكى يۈزىنىڭ ئۈستى تار، ئاستى كەڭ، كۆزى چوڭ، يۇمىلاق كەلگەنلەر؛


    2. ئېڭىكى تار ياكى ئېڭىكى تۆۋەنلەر؛


    3. كۆزى كىچىك، كۆز چانىقى تارلار؛


    4. كۆزى ئالىغاي ياكى يۇقىرىقى قاپىقى ھەددىدىن زىيادە ساڭگىلاپ كەتكەنلەر؛


    5. ئاسان تارتۇق قالىدىغانلار، قان سىستېمىسى كېسەللىكى، قان سىيىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بارلار؛


    6. 18 ياشتىن تۆۋەن، 48 ياشتىن يۇقىرىلار؛


    7. زۇكام بولۇپ قىزىۋاتقان، يۆتىلىۋاتقان، ھەيز كېلىۋاتقانلار.


    ئوپېراتىسيە قىلدۇرۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، كۆز دورىلىرىنى كۈندە ئۈچ قېتىم كۆزگە تېمىتىپ تۇرۇش كېرەك.


    ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆزنى كۆپ ئاچماي دەم ئالدۇرۇش، يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆزنىڭ ئىششىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىششىق تەدرىجىي يېنىپ كېتىدۇ، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە رەسمىي ساقىيىپ بولىدۇ.


    قوش قاپاق ئوپېراتسىيەسى يۇقىرى پەن–تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى بولۇپ، ئوپېراتسىيە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىكى گۈزەللىك ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ياخشى ئىشتىن يامان ئاقىۋەت چىقىپ، ئۇخلىسا ئىككى كۆزى يۇمۇلمايدىغان، ئىككى كۆزى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان، كۆزنىڭ قېتى ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ كېتىدىغان، ھەتتا ئالىغاي بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.