Ubuntu 12.04 دەoracle java 7 مۇھىتىنى ھازىرلاش
يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئوبۇنتۇ Ubuntu 12.04 ئېلان قىلىنىدۇ .ھازىر ئوبۇنتۇ 12.04 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.
ئوبۇنتۇدا java پىروگىرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بۇ يازمىنىڭ پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
java تىلىنى مەن كۆپ چۈشەندۇرمىسەممۇ پىروگىرامما تىلى بىلدىغانلار ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس ،شۇڭا بۇ يەردەە بۇ توغۇرلۇق كۆپ توختالمايمەن .
شۇڭا نەخ گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەك مەن تۈۋەندە ھازىر Ubuntu 12.04 دەoracle java 7 مۇھىتىنى ھازىرلاشنى ئېيىتىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئاۋال بىز java دا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق OpenJDK نى يۇيۋىتىمىز.
بۇيرۇق شەكىلى :
sudo apt-get purge openjdk
ئاندىن رەسىمى ھالدا oracle java 7 نى قاچىلاشنى باشلايمىز.
بۇيرۇق شەكلى ؛
sudo add-apt-repository ppa:eugenesan/java
sudo apt-get update
sudo apt-get install oracle-java7-installer
ئوبۇنتۇ 12.04 2012 -يىلى 4-ئاينىڭ 29 -كۈنى تارقىتىلىدۇ.
بۇ يازما ئوبۇنتۇدا پىروگىرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاندى .ئەگەر بىرەر قېيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭز بىلوگدا ئىنكاس يېزىڭ.