بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە...
-
بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە...
ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 2919 قېتىم3 ياشلىق بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت كۆپ ئۇچىرايدۇ، بۇنداق چاغدا مۇنۇ تەدبىرنى قوللىنىپ باققانغا يەتمەيدۇ.يانفوندا كۆرۈش
1.بالىغا ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق بىرىش ، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يېگۈزۈش، يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق بېرىش، مايلىق ئىسسقلىق مىقدارى كۆپ، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش، گۆشسىز تاماق بىلەن گۆشلۈك تاماقنى ئارلاشتۇرۇپ بېرىش، تاماق تاللاتقۇزماسلىق، ئۇششاق يېمەكلىكنى ئاز بېرىش، خام، سوغۇق، ئاچچىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكىنى ئامال بار ئاز بېرىش.
2. بالىدا توغرا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ھەر ۋاقلىق تاماقنى دەل ۋاقتىدا بېرىش، تاماق يېگەندە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەسلىك، كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يېگۈزمەسلىك، بالىنى خوشال كەيپىياتتا تاماقلاندۇرۇش، تاماق يېگەندە ئەدەپلىمەسلىك.
3.ئەگەر بىرلەمچى كېسەللىك بولسا ئاكتىپ داۋالىتىش، مىكرو ئېلېمېنت، سىنىكلار كەم بولسا دەل ۋاقتىدا داۋالىتىش، بالىدا قەرەللىك چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، تەرەپ قىلغاندا ھېكايە ئېيتىپ بەرمەسلىك، كىتاپ كۆرسەتمەسلىك، بالىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇش، ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەتنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىغا ب
2015-08-06 04:42:191000بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىر
2015-08-06 13:14:222919ئۈچىيىڭىزدىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئۈچىيىڭىزنى راۋان
2015-08-06 05:16:263779قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138364خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577820نىتتا قەۋزىيەت دەملىمىسىنىڭ 6 چوڭ ئۈنۈمى
2015-08-06 05:26:571248بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-08-06 05:32:591760قەۋزىيەت بولغۇچىلار نېمە ئۈچۈن بايتوكس (ByeTox)
2015-09-15 16:51:30209250
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-