بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە
-
قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە
ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 3452 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەۋزىيەت ياشانغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. قەۋزىيەت چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەي يولىدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىنى كۆرۈنەرلىك ئۇزارتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ تەرەتتىكى ھەرخىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرىلايدۇ، بوغماق ئۈچەي شىللىق پەردىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئۇزۇن مەزگىل توختىماستىن بوغماق ئۈچەي شىللىق پەردىسى بىلەن ئۇچراشسا، ئاسانلا راك ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولسا، ياشانغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىش يوشۇرۇن خەۋپى بار.ياشانغانلار قەۋزىيەت بولسا ئاسانلا تەرەت توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۈچەي توسۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئۈچەي لۆمۈلدەش كۈچى ئاجىزلاپ، ئاسان قەۋزىيەت بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەرەت ئۈچەي يولىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ، "چوڭ تەرەت تېشى"نى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر چوڭ تەرەت تېشى بەك كۆپ يىغىلىپ كەتسە، ئېتىلىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئۈچەي توسۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.ياشانغانلارنىڭ بەدىنى ئاجىز، داس بوشلۇقىدىكى مۇسكۇللار بوش ھەم كۈچسىز، قەۋزىيەت ئاسانلا ياشانغانلار تۈز ئۈچىيى چۈشۈش، يەنى سوڭى چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا بوۋاسىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەۋزىيەت ياشانغانلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ياشانغانلار تېنىنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياشانغانلار كېسەللىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نۇرغۇن ئېغىر ئاقىۋەت ۋە خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا، قەۋزىيەت بىزنىڭ نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىمىزگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى، بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ خەتىرىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ، چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا داۋالاش كېرەك.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۈچىيىڭىزدىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئۈچىيىڭىزنى راۋان
2015-08-06 05:16:263753قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138323قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:54:57785قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى
2015-08-06 04:51:342074قەۋزىيەت قايسى تۈردىكى ئادەملەرگە ئامراق؟
2015-08-06 14:44:317460قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە
2015-08-06 04:57:473452خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577787بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-08-06 05:32:591738
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-