• بۈگۈن ئىلگىرى توردىن ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغان گىرمان تىلى ۋە گىرمانىيەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەرنى تىزىپ چىقتىم. مەزكۇر تور بىكەتلەر گىرمان تىلى ئۈگىنىش، گىرمان تىلى تېلىۋىزىيە قاناللىرى، ھۆكىمەت ئورگانلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت تور بىكەتلەر، تەنتەربىيە، تۈرلىك مېدىيا ۋاستىلىرى، مۇزىي ۋە گىرمانىيە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك 100دىن ئارتۇق توربىكەت بولۇپ گىرمان تىلى ۋە گىرمانىيەگە قىززىقىدىغانلارغا ئىنتايىن ياخشى سوۋغا دەپ قارايمەن. قېنى ھوزۇرلانغايسىز.

  •  

    تور ئارىلاۋېتىپ تىلغا ئائىت تور بىكەتلەرنى ئۇچىرىتىپ قالدىم،  بۇ تور بىكەتتە دۇنياۋى 10 چوڭ تىلنىڭ كىرىش قىسمىدىن باشلاپ ئۈگىتىدىغان بولۇپ بۇ تور بىكەتتىن ھەرخىل تىلغا ئائىت كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى تاپالايدىكەنسىز. سىز ھەربىر تىلنىڭ ئاۋازلىق ئېلىپبەسىدىن تارتىپ تاكى ئاددىي ساۋاتلار، سۆزلۈكلەر، دىئالوگلار، ناخشا، كىنولىرىدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىدىن بىلىم ئىگەللىيەلەيسىز. بۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن خەنزۇتىلىدىن ئانچە-مۇنچە ساۋادىڭىز بولسا تېزلا داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيسىز دەپ قارايمەن.