-
2008-11-29
تۇنجى ئاتاغلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد كاشغەرىيTunji ataghliq türk tili mutexessisi mexmud kashgheriy - [مەشھۇر شەخسلەر]
تۇنجى ئاتاغلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد كاشغەرىي
Tunji ataghliq türk tili mutexessisi mexmud kashgheriy
29.11.2008 00:10:14 UTCتۇنجى ئاتاغلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد قەشقىرىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، 2008 – يىلنى دۇنيا بويىچە ئاتاغلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد قەشقىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن«مەھمۇد قەشقىرى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.
تۈرك تىلىنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققى قىلىشىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان مەھمۇد قەشقىرى، تۈرك تىلىنى، تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنى، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇ تىل مۇتەخەسسىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، تېپىلغۇسىز خەلق مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ۋە خەرىتە مۇتەخەسسىسىدۇر. تۈرك تىلى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ ئەسەر ھېساپلىنىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىش ئارقىلىق تۈرك تارىخىنىڭ ھازىرغا قەدەر يېتىپ كېلىشىدە ئۆچمەس تۆھپە قۇشقان.
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى پەقەت بىر خىل لۇغەتتىنلا ئىبارەت ئەمەس، دەل ئەكسىچە، تۈرك ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى، جۇغراپىيىسىنى ۋە ئەنئەنىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، شۇنداقلا تارىخىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئۆلمەس ئەسەردۇر. مانا بۇ ئۆلمەس ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك تىلىمىزنىڭ ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلىشىدە ئىتايىن زور تۆھپە قوشقان مەھمۇد قەشقىرى، تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى بىلەنمۇ بىزنىڭ تۈرك تىلىمىزنىڭ تارىخى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ناۋادا بۇ ئۆلمەس ئەسەر بولمىغان بولسىدى، بىز بۈگۈن تۈرك تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان بولاتتۇق.
زىيارەتچىلىرىنى شات – خۇراملىق كەيپىياتى ئىچىدە مال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، مەدەنىيەت – سەنئەت، ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئانكا مالل سودا مەركىزىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، ياۋرۇ – ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاشىنا نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۈرك تارىخىدا ئىنتاين مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 15 – 30 – نويابىر كۈنلىدى سودا مەركىزىدە داغدۇغۇلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلىرى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us