ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4898 |
تۆھپىسى: سەر |
|
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىمىز پەقەت ئوتتەك پۇتبول ئىشتىياقىمىزنىڭ تۈرىتكىسىدە مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق بىزگە ئوخشاش مەستانىلەرنىڭ مەنىۋىيتىگە ئوزۇق بولىدىغان بىر سورۇننى تەرتىپكە سېلىش، تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن شەخسەن ئۆزىمىزگە بىر موچەنلىك پايدىسى تەگمەيدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇپتىمىز، ھەممىمىز بۇ خىزمەتنى شەرەپ ھېس قىلغاچقا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىزدە بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلارغا ھېلىمۇ چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ تۇرۋاتىمىز. قىلغانلىرىمىزنىڭ نەتىنجىسى كۆرمەي تۇرۇپ، بىزلاردىن خۇش بولغانلارنى، بىزلەرنى قەدىرلەۋاتقانلارنى ئويلاپ بولسىمۇ ئاخىرغىچە بەل قويىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنچىلىك بىر ئىشلاردا مەغلۇپ بولساق بولمايدۇ، نەچچەۋاقىتتىنىڭياقى قىلغان ئەجىرلىرىمىز ھەممىسى بىكارلىق بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن ئىچى تار، كۆزى كورلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كېتىمىز. مۇنبەرنى تاشلايدىغان نىيەتكە كەلگەن بولسىڭىز قېرىندىشىم، باشقا پىكىرىم يوق، ئەمما مۇنبەردىن ئايرىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ماۋۇ زىممىڭىزدىكى يۈكىنى تاشلايمەن دېسىڭىز باشقا گەپ يوق، «ئاجىزلىق قىلدى» دەپلا ئويلايمەن. مېنىڭچە سىزنىڭ ئىرادىڭىز ھەرگىزمۇ ئاجىز ئەمەس. ئالدىمىزدا تېخى ئۆلۈپ قالمىساق كۆرىدىغانلىرىمىز نۇرغۇن |
|